چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى

چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىچىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى

چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى (بۇرۇن چىڭخۇا شۆتاڭسى ئىدى) 1911-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان 101 يىللىق مۈشكۈل تارىخى مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدە سېھرى كۈچ ۋە  چوڭقۇر مەدىنىيەت ئاساسىنى شەكىللەندۈردى.«ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى كۈچەيتىش» نى مەكتەپ تەلىمى، «ھەرىكەت سۆزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» نى مەكتەپ ئىستىلى قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق، تىرىشچانلىق شۇنداقلا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتەك ئۆگۈنۈش ئىستىلىنى يادرولۇق مۇھىم مەسلىسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتتى. ھەمدە بۇ ئارقىلىق بىر ئەۋلاد چىڭخۇا ئوغلانلىرى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشىغا ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.
ئىلغار ئوقۇتۇش مۇھىتى: چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مەركىزى مەكتىپى چىڭخۇا باغچىسى بېيجىڭ غەربى شىمال ساياھەت رايونىغا جايلاشقان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئايرىم شەخىسنىڭ باغچىسى، چىڭ سۇلالىسى كاڭشى دەۋرىدە يۇەنمىڭيۇەنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. جىيەنفېڭ يىللىرىدا چىڭخۇا باغچىسىغا ئۆزگەرگەن.
چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئۈنۈملۈك بىلىم مائارىپ سىستېمىسى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسى فىلولوگىيە، ئىقتىساد باشقۇرۇش، قانۇن، قۇرۇلۇش، گۈزەل-سەنئەت، تىببى ئىلىم قاتارلىق كەسىپلەرنى ئاساس قىلغان ھەر ساھە ھەر كەسىپكە ئائىت كىتابلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. ساقلانغان ئومۇمىي كىتاب سانى 4 مىليون  پارچىدىن ئاشىدۇ. چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تەجرىبىخانىسى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئەتراپلىق تەربىيلەش روھى ۋە ئىلمى تەتقىقات شارائىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ھازىرغا قەدەر چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىدا دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن 12 سى، مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىكىنىڭ نۇقتىلىق  تەجرىبىخانىسىدىن 15 ى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىن 4 ى بار.
كەسىپلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى: ھازىرغا قەدەر چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىدا قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى، گۈزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتى، فىزىكا ئىنىستىتۇتى، ئۇچۇر پەن-تېخنىكا ئىنىستىتۇتى قاتارلىق 13 ئىنىستىتۇت› 56 فاكۇلتېت تەسىس قىلىنغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 28

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 2418 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-28