بالزاك


بالزاكبالزاك
فرانسىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق كىلاسسىك ئەدەبىيات يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان بالزاكنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك. 1799-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى پارىژغا يېقىن تۇر شەھىرىدە تۇغۇلغان بۇ فرانسىيەلىك يازغۇچى 1850-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى پارىژدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان. ھاياتىدا يازغۇچىلىق، دىرامماتورگلىق، مۇخبىرلىق، باسمىچىلىق ۋە ئوبزورچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بالزاك فرانسىيە ئەدەبىياتىدا ئەڭ كۆپ رومان يازغان، ئەڭ مول-ھوسۇللۇق بىر يازغۇچى ھېساپلىنىدۇ. بارلىق رومانلىرى جەمئىي 91 پارچە بولۇپ، ”ئىنسان كومىدىيىسى“ نامىدا تونۇلغان. سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي، تىنماي ئىشلەيدىغان بالزاك، سالغان مەبلەغلىرىدىن گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلۇپ، قەرز ئالغان ئادەملىرىدىن شەھەرمۇ-شەھەر ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن قېچىپ، نۇرغۇن ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ، ئاخىرى 1850-يىلى گراف ھانىسكا بىلەن توي قىلغان. پارىژدا بالزاكنىڭ ھۆرمىتىگە قۇرۇلغان ”بالزاك ئۆيى“ مۇزىيخانىسىمۇ بار.
بالزاك تۆت بالىلىق ئۆيدە بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ، دادىسى بىر ساناتورىيەنىڭ مەمۇرى خادىمى ئىدى. بالىلارنىڭ ئىچىدە سىڭلىسى لور بىلەن مۇناسىۋىتى ئالاھىدە يېقىن بولۇپ، لور ئۇنىڭ ئىجادى ھاياتىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن. بالزاك ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، لور ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ ئېلان قىلغان. 1814-يىلىغا قەدەر، بالزاك تۇر ئەتراپىدىكى ياتاقلىق تولۇقسىز مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1815-يىلىدىن ئېتىبارەن، پارىژنىڭ مارە مەھەللىسىدىكى ياتاقلىق تولۇق ئوتتۇرا ”شارلىمانىيە“ گە ئوقۇشقا كىرگەن. بالزاكنىڭ دادىسى بەرنار فرانسوۋا بالسا پارىژدىكى بىر ھەربى مەكتەپنىڭ مەمۇرىيەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرىلىدۇ ۋە بالزاك ئائىلىسى پارىژغا كۆچۈپ كىرىپ، مارە مەھەللىسىدىكى ئىبادەتخانا كوچىسىغا ئورۇنلىشىدۇ. 1816-يىلى، 11-ئايدا بالزاك سوربون ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. دادىسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن، بۇ ئۈچ يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى ئوخشاش ۋاقىتتا بىر قانۇن مەسلىھەتچىلىكى كابىنتىدا پىراكتىكا بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.
بالزاكنىڭ پارىژدىكى تۇرالغۇسى، ھازىرقى كۈندە بۇ 
جاي پارىژدىكى ئۈچ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇزېينىڭ بىرىبالزاكنىڭ پارىژدىكى تۇرالغۇسى، ھازىرقى كۈندە بۇ جاي پارىژدىكى ئۈچ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇزېينىڭ بىرى
سوربوندا قانۇن ئوقۇۋاتقان بالزاك پەلسەپە ۋە ئەدەبىيات دەرسىگىمۇ قاتنىشىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قانۇندىن بەكرەك ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بالزاكنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى پارىژدا يېزىقچىلىقىغا قويۇپ، ئۆزلىرى ئىقتىسادى جەھەتتىن، پارىژنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرەلمىگەنلىكىدىن، پارىژ سىرتىغا كۆچۈپ كېتىدۇ. لېكىن تۇنجى يازغان شېئىرى تراگىدىيىسى ياخشى باھاغا ئېرىشمەيدۇ. شۇندىن كېيىن بالزاك رومانچىلىققا بېرىلىدۇ. باشتا يازغان ئىككى رومانى تازا ياخشى چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى تېزلا شۇ دەۋرگە ماس كېلىدىغان يېزىقچىلىققا ئوبدان كىرىشىدۇ ۋە بۇ چاغلاردا يوشۇرۇن ياكى ئەدەبى تەخەللۇس بىلەن خېلى كۆپ رومان ئېلان قىلىدۇ. تارىخى رومانچى ۋالتىر سكاتنى ناھايىتى چوڭ بىلىدىغان بالزاك مەلۇم مەزگىل شۇ ئۇسلۇبتا رومانلار يازىدۇ. كېيىن بولسا ياشلىقىدىكى يېزىقچىلىق ھاياتى ۋە يازغان رومانلىرىنى ئۆزى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ ۋە ”ئەدەبى ئەخلەت“ دەپ ئاتايدۇ. لېكىن كېيىنكى دەۋرلەردە، ”بالزاكنىڭ ياشلىقىدىكى ئەسەرلىرى“ ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى ”ئىنسان كومىدىيىسى“ بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ياشلىقىدىكى ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشى ناھايىتى تەسكە توختىغان بالزاكنى شۇ چاغلاردا بىردىنبىر قوللىغان كىشى لور دۆ بەرنى ئىسىملىك، ئۆزىدىن 20 ياش چوڭ ئايال بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەم ئانىلىق ھەم ئاشنىلىق مۇھەببىتى بېرىدۇ. 1826-يىلى بىرلىشىپ ئىشلىگەن شېرىكلىرى تەرىپىدىن تاشلانغان بالزاك 16 مىڭ فرانكلىق قەرزگە بوغۇلىدۇ. بۇنىڭغا قارىماي، يەنە دەرھال باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ، بىر ئەدەبى فوند قۇرىدۇ، لېكىن قاتتىق مەغلۇپ بولىدۇ. قەرز 100 مىڭ فرانكغا يېتىدۇ. بۇ ھالاكەتلەردىن كېيىن، بالزاك يەنە قايتىدىن ئىجادىيەتكە كىرىشىدۇ. 1829-يىلى، ”توي پىسخىلوگىيىسى“ رومانى قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدۇ. غەلىبە ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ. بۇ پەقەت ئىشنىڭ بېشى ئىدى. بالزاك فرانسۇز ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مول-ھوسۇللۇق يازغۇچىنىڭ بىرىدۇر. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ داڭلىق كىشىگە ئايلىنىدۇ. رىئالىزىمچىلىقىغا قارىماي، كاستېرىس خانىشىنىڭ تەسىرى بىلەن، بالزاك شاھىزىمچى (پادىشاھلىق تۈزۈمچى)بولۇپ، 1832-يىلى” ئىسلاھاتچى“ ژۇرنىلىدا ئۆزىنىڭ شاھىزىمچى ۋە كاتولىكلىق ئىدىيەسىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ئەسلىدىكى كۆز-قاراشلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە سىياسى ۋە دىندار بىر ئورگاننىڭ جەمئىيەتتە ھۆكۈم سۈرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 1833-يىلى ئۇنىڭ ھەۋەسمەنلىرىدىن بولغان پولشالىق گراف خانىم ھانىسكا بىلەن تونۇشىدۇ ۋە 17 يىللىق چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىدۇ. كېيىن ئۇنىڭ ھانىسكاغا يازغان بارلىق خەتلىرى كىتاپ قىلىپ بېسىلىدۇ.
”گورىيو ئاتا“ رومانى شۈبھىسىزكى ”ئىنسان كومىدىيىسى“ نىڭ ئاساسىنى سالغان ئەسەر ھېساپلىنىدۇ. بۇ رومانغا كەلگەندە، بالزاك ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى تېپىۋالغان ئىدى. ”ئىنسان كومىدىيىسى“ نىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكىدىن بىرى، پېرسوناژلارنىڭ قايتا پەيدا بولۇشى ۋە ”ئارخىپقا رىقابەت“ ئېلان قىلىشتۇر. يەنى مۇمكىن قەدەر كۆپ پېرسوناژ يارىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ پۈتۈن ھايات تارىخىنى يېزىپ چىقىش ئىدى. 1837-يىلى، بارلىق ئەسەرلىرى يىغىلىپ، ”جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى“ دېگەن نامدا ئېلان قىلىنىدۇ ۋە 1841-يىلى، دانتېنىڭ ”ئىلاھى كومىدىيە“ دىن ئىلھاملىنىپ، قايتىدىن ”ئىنسان كومىدىيىسى“ نامىدا ئېلان قىلىدۇ. بالزاك يەنە يازغۇچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئۇنىڭ ” 19-ئەسىر يازغۇچىلىرىغا خەت “ ناملىق مەكتۇپىدا مۇنداق دەيدۇ: ”قانۇن يەرنى قوغدايدۇ، شەخسلەرنىڭ مۈلكىنى قوغدايدۇ. لېكىن تەپەككۈر قىلىدىغان شائىرنىڭ ئەسىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ“. 1838-يىلى، ۋىكتور ھىيوگو، ئالېكساندىر دىيۇما ۋە ژورژ سانلار بىلەن ”قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى“ نى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە ئاپتورلارنىڭ ئەخلاقى ھوقۇقى، قانۇنى ۋە ئەسەر ھوقۇقى پايدىلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. 1839-يىلى جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ.
بالزاك خاتىرە مۇنارىبالزاك خاتىرە مۇنارى
1847-يىلىدىن 1948-يىلىغا قەدەر، بالزاك ئۇكرائىنادا، گراف ھانىسكانىڭ تۇرالغۇسىدا دەم ئالىدۇ. كېسەلدىن بارغانسېرى ئۆزىنى ئالالمايۋاتقان بالزاك، 1850-يىلى، گرافقا ئۆيلىنىدۇ ۋە ئەر-ئايال پارىژغا ئورۇنلىشىدۇ. ئۈچ ئايدىن كېيىن، 18-ئاۋغۇست، كېچە سائەت 11 يېرىمدا، قاتتىق ئىشلەش ۋە ھەددىدىن ئارتۇق قەھۋە ئىچىش بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى پارىژدىكى داڭلىق قەبرىستان ”ئورۇندۇق ئاتا (فرانسۇزچە پەخ لا شەز)“ غا دەپنە قىلىنىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، گراف ھانىسكا تېخى ئېلان قىلىنمىغان بىر قانچە رومانىنى ئېلان قىلدۇرىدۇ. بالزاك ھاياتىدا نۇرغۇن ئاياللار بىلەن ئارىلاشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، لور دۆ بەرنى ۋە مارى دۈ فرەسنىدىن باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئاياللار بالزاكنى قوغلاشقان. بەزىلىرى ”ھەۋەس ۋە ماختاش“ شەكلىدىكى مەكتۇپلىرى بىلەن يېقىنلاشسا، يەنە بەزىلىرى توختىماي تەكلىپنامە ئەۋەتىش ئارقىلىق يازغۇچىنى ئۆزلىرىگە تارتقان. بالزاك ”ئىنسان كومىدىيىسى“ دىكى باش ئايال قەھرىمانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئارىلاشقان بۇ ئاياللاردىن ئالغان. بۇ ئاياللارنىڭ ئىچىدە يەنە بالزاك بىلەن دەۋرداش، داڭلىق ئايال يازغۇچى ژورژ سانمۇ بار ئىدى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1232 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-05-03