دولقۇن ياسىن ئۇچقۇن

دولقۇن ياسىن ئۇچقۇندولقۇن ياسىن ئۇچقۇن

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانىمىزدىكى مەشھۇر شائىرى، ئاتاقلىق ژۇرنالىست ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىئون دولقۇن ياسىن ئۇچقۇن 1938–يىلى 5-ئايدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە زىيالىي، شائىر ياسىن خۇدابەردى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دولقۇن ياسىن باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسىنى غۇلجا شەھىرىدە ئالغان، 1953-يىلى 8-ئايدا سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1956-يىلى7-ئايدا ئەلا نەتىجىدە تاماملىغان.
دولقۇن ياسىن 1956-يىلدىن 1961-يىلغىچە تاشكەنتتىكى «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى» تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ ژۇرنالىستلىق بۆلۈمىدە ئوقۇپ، قىزىل دىپلوم بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 1961-يىلدىن 1963-يىلغىچە ئۈرۈمچىدىكى «تارىم» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1063-يىلدىن 1968-يىلغىچە قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ «قارىمۇقچە» قاتارلىق يېزىلىرىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1968-يىلى 10-ئايدا موڭغۇل يىگىتى ئەركىن بىلەن چېگرا ئاتلاپ ئالمۇتاغا-قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەن. دولقۇن ياسىن 1969-يىلدىن باشلاپ ئالمۇتادىكى «يېڭى ھايات» ۋە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى رىداكسىيەلىرىدە 1999-يىلغىچە ئىشلىگەن. دولقۇن ياسىن 1999-2000-يىللىرى ئۆزى باش مۇھەررىر بولۇپ، مۇستەقىل ھالدىكى «يېڭى زامان» گېزىتىنى نەشىر قىلدۇرغان. شائىر دولقۇن ياسىننىڭ تۇنجى شېئىرى 1954-يىلى «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى» (ھازىرقى «تارىم») ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ قازاقىستاندا «تاش ئاستىدىكى گۈل»(1973-يىل)، كېيىن ئۇنىڭغا ئۇلىشىپ، «چېغىر يوللار»(1971)، «ھايات قوڭغۇرىقى»، «يەر ئاۋازى»(1982-يىل)، «ئۇپۇقلار»(1988-يىل)، «ئانا يەر مېھرى»، «گۈلنارەنىڭ دوستلىرى» بولۇپ، ئوندىن ئارتۇق كىتاب، ئونلاپ داستان ۋە مىڭدىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك ھەر خىل تېمىلاردىكى شېئىر ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.
2003-يىلى ئالمۇتادىكى «ئۇش قىيان» نەشرىياتى شائىر دولقۇن ياسىننىڭ ئېلان قىلىنمىغان يېڭى شېئىرلىرىنى ئاساس قىلغان تۆت يۈز بەتتىن ئوشۇق «تەشنالىق» دېگەن شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلغان. بۇ توپلام ئاساسەن لىرىك شېئىرلار، باللادا ۋە داستانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. دولقۇن ياسىن ئۆز ئەسەرلىرىدە ۋەتەن، مىللەتنىڭ غەم-قايغۇسىنى ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەشنى، ھايات، تەبىئەت، ئىنسان، دوستلۇق ۋە مۇھەببەتنى كۈيلەشنى ئاساس قىلغان ھەم ۋايىغا يەتكۈزۈپ كۈيلىيەلىگەن ئىستىداتلىق شائىر ئىدى. دولقۇن ياسىننىڭ شېئىرلىرى ئىنگىلىز، رۇس، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە قاراقالپاق تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان. 2004-يىلى ئۇنىڭ «يەر ئوغلىمەن» دېگەن كىتابى موسكۋادا رۇس ۋە ئىنگىلىز تىلىدا نەشر قىلىنغان. شائىر دولقۇن ياسىننىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئىجادىيىتى ئاساسەن ئۆتكەن 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە قوشۇلغان چوڭ تۆھپە بولۇپ، ئۇ ئەسەرلىرىدە ئىنقىلابىي مەزمۇن، ھەر خىل شەكىل، يېڭىچە تېمىلىرى، ئۆزىگە خاس پەلسەپىۋىي پىكىرلىرى ۋە نازۇك لىرىكىلىق ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن يېڭى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە زور ماھارەت كۆرسەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ شېئىرىيىتىمىزدە تۇتقان ئورنى ئالاھىدىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن 2003-يىلى 11-ئۆكتەبىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرى ئابدۇللا ئەخمەت ئوغلى روزىبايىۋ نامىدىكى ئۇيغۇر گىمنازىيەسى شائىرنىڭ 65 ياشقا كىرگەنلىكىنى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ 50 يىللىقىنى قۇتلۇقلاشقا بېغىشلانغان پائالىيەتتە موسكۋادىن كەلگەن بەش كىشىلىك مۇكاپاتلاش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى تارىخ ۋە تىل-ئەدەبىيات پەنلىرىنىڭ ئاكادىمىك، پروفېسسور ۋە دوكتورى روستان رەخمان ئاليىۋنىڭ دولقۇن ياسىنغا نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئالتۇن يۇلتۇزلۇق مېدالىنى بېرىش نۇتىقىدا «دولقۇن ياسىن-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى» دەپ ئېيتقىنى بىكار ئەمەس. دولقۇن ياسىن ئاباي قۇنانباي، ئا.پۇشكىن، ئا.توۋاردوۋىسكىي، رەسۇل گامزاتوۋ ۋە ئولجاس سۇلايمانوپقا ئوخشاش كلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. دولقۇن ياسىن ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك خالىس، پىداكارانە خىزمەتلىرى، ئىجادىي ئەمگەكلىرى ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى «پەن، مائارىپ، سەنئەت، سانائەت ئاكادىمىيەسى» نىڭ ئاكادىمىكى، «نوبېل مۇكاپاتىغا 100 يىل» ئالتۇن مېدالىنىڭ ساھىبى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى «ئىلياس جانسۇ گوروۋ» نامىدىكى مۇكاپاتنىڭ لائۇرىياتى ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك «ئىلھام» مۇكاپاتىنىڭ لائۇرىياتى قاتارلىق شەرەپلىك ئۇنۋانلارغا ئېرىشكەن ئىدى.
شائىر 2005-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالمۇتادىكى ئۆز ئۆيىدە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. مەرھۇمنىڭ جەسىدى ئالمۇتا «دۇرۇجبا» ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. شائىر دولقۇن ھاجى ياسىن ئوغلى بىر قىز، ئۈچ ئوغۇل پەرزەنتىنىڭ ئاتىسى ئىدى. 2003-يىلى 10- ئاينىڭ 11-كۈنى قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئابدۇللا ئەخمەت ئوغلى نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق شائىرى پېشقەدەم ژۇرنالست دولقۇن ياسىننىڭ 65 يىللىق تەۋەللۇتى ھەم ئىجادىيىتىنىڭ 50 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئەنجۈمەن بولۇپ ئۆتتى. دولقۇن ياسىن (ئۇچقۇن) غا خەلقئارادىكى ئەڭ ئىمتىيازلىق ھەم چوڭ مۇكاپات نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئالتۇن مېدالى بېرىلدى. نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىغا 100 يىل تولىشى مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىرىلغان بۇ ئالتۇن مېدال، دۇنيادىكى ئەڭ تالانتلىق ئىجادكارلارغا، ئالىملارغا، دۆلەت ئەربابلىرىغا، ئاتاقلىق شائىرلارغا بېرىلدۇ. بۇنىڭدىن 5 يىل ئىلگىرى، دولقۇن ياسىن ۋەتەن خەلقىمىز ھەم كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان دۆلىتىنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدە كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۈچۈن ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدىكى خەلقئارا ئاكادېمىيىنىڭ ئاكادىمىكلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىدى.
بۈگۈن ئاكادېمىك شائىرىمىزنىڭ يەنىمۇ بىر پەللە ئۆرلەپ، خەلقئارالىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئالتۇن يۇلتۇز مېدالىغا ئېرىشكەنلىكى، يالغۇز ئۇنىڭلا شەرىپى بولۇپ قالماستىن، ئۇنى تەربىيىلەپ ۋايىغا يەتكۈزگەن سۆيۈملۈك مىللىتىمىزنىڭ شان شەرىپىدۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىدىكى ئىنتايىن چوڭ تارىخىي ۋەقە ھېساپلىنىدۇ. ئاكادېمىك شائىرىمىز دولقۇن ياسىن ۋەتەن خەلق ئۈچۈن ئون-ئونلاپ داستانلار، مىڭلاپ ھەر خىل ھەجىمدىكى ماقالە ئەسەرلەر يازغان يىتۈك ئاتاقلىق لىرىك شائىر ھەم پېشقەدەم ئەدىپتۇر. ئاكادېمىك شائىرىمىز دولقۇن ياسىن ئۆزىنىڭ 50 يىللىق ئىجادىيىتىدە جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساپالىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى. ئەسەرلەر مەزمۇنىنىڭ بايلىقى، شەكلىنىڭ خىلمۇ خىللىق، رەڭدارلىقى، ئۇنىڭدا ئەكس ئېتىلگەن پەلسەپىۋى پىكىر ۋە ئىخچام مەزمۇنلىرىنىڭ چوڭقۇرلىقى، تىلىنىڭ ئويناق جەزبىدارلىقى، ئۇنىڭدا ياڭرىغان قايغۇ-مۇڭ زار، قايناق ھېسسىياتلار ھەم خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ قويۇق پۇراقلىرى ئوقۇرمەننى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. قىسقىسى دولقۇن ياسىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىپ، داڭ چىقارغان ئەدەبىياتىمىزدا ئالاھىدە ئورنى بار داڭلىق شائىرىمىزدۇر.
نوبېل ئالتۇن مېدالىنى تاپشۇرۋېلىش يىغىنىغا كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە ئوتتۇرا ئاسىيانى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور روسلان راخمان ئەلىيىۋ ۋە بۇ ئاكادېمىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پروفېسسور پىكىتشون قاتارلىقلار بار. ئەنجۈمەنگە سۆز چىققانلار ئارىسىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، يازغۇچى-شائىرلار، جامائەت ۋەكىللىرى بار ئاكادېمىك شائىرنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ئالاھىدە باھالاپ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە زور مۇۋاپىقىيەتلەر تىلىدى . ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان  ئەنجۈمەنگە ، شائىرنىڭ شېئىرلىرى، مەكتەپ سەنئەت كۇرژىكىنىڭ ۋە ئۇيغۇر تىياتىر ئارتىسلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدا يىغىن ئەھلىگە ھەر خىل نومۇرلار كۆرسىتىلدى. شائىر دولقۇن ياسىن بىلەن 50 يىلدىن بۇيان يېقىن دوست بولۇپ، ھەر خىل سەزگۈرەشتىلەردە بىرگە بولغان مۇشۇ سەتىرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئەخمەد ئىگەمبەردى، شائىر دوستىغا بېغىشلىغان شېئىرنى مۇنۇ كۇبلىت بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

ئوكيان ئاتلاپ ئېلىپ كەلدىم، ئۆتكەن ياشلىق تېڭىنى.
شۇ ئۆمرىمىز بېغىدا قايتا كۈلسۈن نەۋ باھار.
سېنىڭ كۈيۈڭ سادايىڭ ئەل ئارزۇسى ئارمانى،
قېرىمايدۇ ئەبەدكە ئېلى سۆيگەن ئىجادكار.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 30

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 2638 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-28