ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف

ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ ئىئوردانىيە ئامماندىكى قەبرىسى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ ئىئوردانىيە ئامماندىكى قەبرىسى

ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن جەننەتتىن خۇشخەۋەر بېرىلگەن ئون مەشھۇر ساھابىنىڭ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن خەلىپە سايلىمىدىكى ئالتە كېڭەش ئەزاسىنىڭ بىرى. ئابدۇراھمان ئىبن ئەۋف مىلادى 580-يىلى مەككىدە تۇغۇلغان بولۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھى كەلگەندىن كېيىن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنىڭ سەككىزىنچىسى ئىدى. ئىسلامنىڭ قىيىنچىلىق يىللىرى ھەبەشىستانغا ھىجرەتكە ئەۋەتىلگەن، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە مەدىنىگە ھىجرەتكە ئەۋەتىلگەن ئابدۇراھمان ئەۋف ئۆزىنىڭ بەرىكىتى ۋە سودىغا ماھىرلىقى، قولىنىڭ ئوچۇقلۇقى، پىداكار ۋە رايىشلىقى بىلەن نامىنى بۈگۈنگىچە قالدۇرۇپ كەتكەن ساھابىلەرنىڭ بىرىدۇر.

   ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف ھىجرەتنىڭ 33-يىلى ئوسمان ئىبنى ئەفغاننىڭ خىلافەت دەۋرىدە ۋاپات بولغان بولۇپ، ھازىرقى ئىئوردانىيە پايتەختى ئامماننىڭ شىمالىدىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان.
ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف ھەققىدىكى بايانلارغا قۇلاق سالايلى: بىر كۈنى جىمجىتلىققا چۆمگەن مەدىنە ئەتراپىدىن قويۇق چاڭ-توزان كۆتۈرۈلۈپ بارغانسىېرى كۆپىيىپ ئۇپۇقنى ياپتى. شامال چۆلنىڭ يۇمشاق قۇملىرىدىن ئۆرلەپ چىققان سېرىق توپىلارنى تۈگۈنەكلەپ ئۇچۇرتۇپ شەھەر ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ پۈتۈن كوچا-كويلارنى چىپ ئالدى. كىشىلەر بۇلارنى كۆرۇپ بوران چىقىپ قۇم-توپىلارنى ئۇچۇرۇپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئارقىدىنلا چاڭ-توزان كەينىدىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر كارۋاننىڭ بارلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغان چۇقان-سۈرەننى ئاڭلاشتى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۈستىگە ئېغىر يۈك بېسىلغان 700 تۆگە مەدىنە كوچىلىرىنى قىستاڭچىلىققا ئايلاندۇرۇپ ھەيۋەت بىلەن كىرىپ كەلدى. كىشىلەر بۇ ئۆزگىچە كۆرۈنىشنى كۆرۈش ۋە ئۆزلىرىگە ئېلىپ كېلىنگەن بايلىقلار ۋە رىزىقىلاردىن خۇشاللىنىشى ئۈچۈن بىر-بىرىنى چاقىرىشتى. بۇ چوڭ كارۋاننىڭ سادالىرى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشەنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كىيىن:«مەدىنىدە نېمە ئىش يۈز بەردى؟» دەپ سورىدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭغا: «ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ كارۋانلىرى تىجارەت قىلىدىغان ماللىرىنى ئېلىپ شامدىن مەدىنىگە كەپتۇ» دەپ جاۋاب بېرىلدى. بۇ چاغدا مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى: «بىر كارۋان شۇنچىۋالا سۈرەن-چۇقان پەيدا قىلامدىكەن؟» دەپ سورىۋىدى؛ «شۇنداق ئى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى، ئۇ 700 تۆگىدىن تەشكىنلەنگەن چوڭ كارۋان ئىكەن» دېيىلدى. مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىنى لىڭشىتىپ خۇددى ئىلگىرى كۆرگەن بىرەر كۆرۈنۈش ياكى ئاڭلىغان بىرەر سۆزنىڭ ئىزناسى ۋە ئەمەلىيىتىنى ئىزدىگەندەك ئۆتكۈر نەزەرلىرىنى يىراقلارغا تاشلىدى. ئاندىن كېيىن: «لېكىن مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ جەننەتكە ئۆمىلەپ كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم» دېدى.

ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف ئاقىل مۆمىن بولۇپ، دۇنياۋى نېسۋىلىرىنىڭ دىنى نېسۋىلىرىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇشقا، بايلىقنىڭ ئۇنى ئىمانى كارۋىنىنىڭ ئارقىدا قالدۇرۇپ جەننەتنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قىلشىغا يول قويمايتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پۈتۈن بايلىقلىرىنى سېخىيلىق ۋە رازىمەنلىك بىلەن خەيرى-ئېھسان قىلىۋېتەتتى. بۇ بۈيۈك كىشى ئىسلامنى قاچان، قانداق قوبۇل قىلغان؟ ئۇ ناھايىتى بالدۇر مۇسۇلمان بولغان، بەلكى دەۋەت باشلانغان تۇنجى سائەتلەردە يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرقەمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مۆمىن ساھابىلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىسلامنى قوبۇل قىلغان. دىمەك، ئۇ ئىسلامنى بالدۇر قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف، ئوسمان ئىبنى ئەففان، زۇبەير ئىبنى ئەۋام، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللا، سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس قاتارلىقلارغا ئىسلامنى تەشۋىق قىلغاندا قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە پەيغەمبەر ئەلەيھسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىپ بايرىقىنى قوللىرىغا ئېلىشقان.

قەبرىنىڭ ئىچىدىن بىر كۆرۈنۈشقەبرىنىڭ ئىچىدىن بىر كۆرۈنۈش

ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن تارتىپ 75 يېشىدا پەرۋەردىگارى بىلەن مۇلاقات بولغانغا قەدەر بۈيۈك مۆمىننىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەننەت بىلەن بېشارەت بېرىلگەن 10 كىشى قاتارىدا جەننەت بىلەن بىشارەت بېرىلىشكە مۇيەسسەر بولغان. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئۇنى ئۆزىدىن كېيىن خەلىپە بولىدىغان ئالتە نەپەر نامزات قاتارىغا كىرگۈزگەن ۋە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇلاردىن رازى ئىدى» دېگەن. ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن باشقىلارغا ئوخشاشلا قۇرەيش خەلقىنىڭ ئېزىشى ۋە تەھدىت سېلىپ ئازابلاشلىرىغا دۇچار بولغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغاندا، ئۇ بىرلىكتە ھىجرەت قىلىپ كېيىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان. «بەدرى» غازىتى،«ئوھۇد» غازىتى ۋە باشقا غازاتلارنىڭ ھەممىسىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ تىجارەتتە تەلىيى شۇنچىلىك ئوڭ كەلگەن ئىدىكى، ھەتتا ئۆزىمۇ ھەيران قېلىپ: «مېنىڭ ئويلىشىمچە ھەتتا خالىغان بىر تاشنى كۆتۈرسەممۇ، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئالتۇن-كۈمۈش چىقامدىكىن دەيمەن» دېگەن. ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تىجارىتىنى ئاچكۆزلىكتىن ياكى مال-دۇنيا توپلاشقا ھېرىسمەن بولغانلىقتىن ئەمەس بەلكى ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىش، ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قىلاتتى. ئۇنىڭ خاراكتېرى ناھايىتى جۇشقۇن، تىرىشچان بولۇپ، قانداق يەردە ئۇلۇغ ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولسا ئۆزىنى راھەتلىك ھېس قىلاتتى. ئەگەر ئۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋاتمىغان بولسا ياكى غازاتتا جىھاد قىلىۋاتمىغان بولسا ئۇنداقتا زور دەرىجدە روناق تاپقان تىجارىتى بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئۇنىڭ كارۋانلىرى مىسىر ۋە شامدىن توختاۋسىز مال يۆتكەپ ئەرەب ئارىلىدىكى بارلىق خەلقلەرنى كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن تەمىنلەيتتى. مۇسۇلمانلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاننىڭ ئەتىسىدىكى تۆۋەندىكى ئىش ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ جۇشقۇن ئىكەنلىكىگە ئىسپات بولالايدۇ.
شۇ كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارلىق ساھابىلىرىنى ئىككىدىن-ئىككىدىن جۈپلەپ مەككىدىن كەلگەن بىر مۇھاجىر بىلەن مەدىنىلىك بىر ئەنسارىنى ئۆز-ئارا قېرىنداش قىلىپ قويماقچى بولدى. بۇ قېرىنداش قىلىش ئىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە تەسىرلىك بولدى، ھەر بىر مەدىنە ئاھالىسى ئۆزىنىڭ مۇھاجىر قېرىندىشىغا ھەممە نەرسىسىنى تەڭ بۆلۈپ بېرەتتى. ھەتتا نىكاھىدا ئىككى ئايال بولسا بىرىنى تالاق قىلىۋېتىپ ئۇنى قېرىندىشىغا توي قىلىپ بېرەتتى. بۇ كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف، سەئىد ئىبنى رەبىئنى قېرىنداش قىلىپ قويغان ئىدى. ئاخىرىنى ئۇلۇغ ساھابە ئەنەس ئىبنى مالىك بىزگە سۆزلەپ بەرسۇن: «ئۇلار قېرىنداش بولغاندىن كېيىن سەئىد ئابدۇراھمانغا: «قېرىندىشىم، مەدىنە ئاھالىسى ئىچىدە مېنىڭ مال-مۈلۈكۈم ئەڭ كۆپ، مال-مۈلۈكۈمنىڭ يېرىمىنى سىزگە بۆلۈپ بېرەي، ئەمرىمدە ئىككى خوتۇنۇم بار، قاراپ بېقىڭ، قايسىسنى تاللىسىڭىز تالاق قىلپ بېرەي، ئۇنى ئەمرىڭىزگە ئېلىڭ» دېدى، بۇ چاغدا ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف جاۋاب بېرىپ: «ئاللاھ سىزنىڭ ئائىلىڭىز ۋە مال-دۇنيايىڭىزغا روناق ئاتا قىلسۇن، مېنى بازارغا ئېلىپ چىقىڭ» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بازاردا سودا-سېتىق قىلىپ پايدا ئالغان ئىدى».

ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ قەبرە تېشىغا يېزىلغان 

ئۇنىڭ مەدىنىدىكى ھاياتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ياكى ۋاپات بولۇپ كەتكەندە بولسۇن ئەنە شۇنداق دىنى مەجبۇرىيەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىش، دۇنيا ئۈچۈن ئىشلەش ۋە ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ھەر قانداق بىر تاشنى تەخمىنەن كۆتۈرسىمۇ تەكتىدىن ئالتۇن-كۈمۈش چىققۇدەك دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تىجارەت قىلىش بىلەن ئۆتكەن ئىدى. ئۇنىڭ تىجارەتتە روناق تېپىشىغا ھالالنى ئىلغىشى، ھارامدىن ھەتتا شەكلىك نەرسىلەردىنمۇ قاتتىق قېچىشى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ تىجارىتى ئۆزى ئۈچۈنلا بولماستىن بەلكى ئاللاھ ئۈچۈن بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، قەۋم-قېرىنداشلىرىغا خىراجەت قىلاتتى، ئىسلام قوشۇنىنى سەرەمجانلاشتۇراتتى. تىجارەت ۋە مال-مۈلۈكنىڭ سانى زاپاس مىقدارى ۋە تاپقان پايدىسى بىلەن ئۆلچەنسىمۇ، لېكىن ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ مال-مۈلۈكىنىڭ سانى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ يولىدا خەجلەنگەن مىقدارىغا قاراپ بەلگىلىنەتتى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئى ئەۋفنىڭ ئوغلى، شۈبھىسىزكى سەن بايلاردىندۇرسەن، چوقۇمكى سەن جەننەتكە ئۆمىلەپ كىرىسەن، ئەگەر ئاللاھنى قەرزدار قىلساڭ ئاللاھ سېنىڭ ئىككى پۇتۇڭنى قويىۋېتىدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇ نەسىھىتىنى ئاڭلىغاندىن باشلاپ خەيرى-ئېھسانلىرى بىلەن پەرۋەردىگارىنى قەرزدار قىلاتتى، پەرۋەردىگارى بولسا ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇراتتى. بىر كۈنى ئۇ يېرىنى 40 مىڭ دىنارغا سېتىپ ھەممىنى«بەنى زەھرە» جەمەتىدىكى قەۋم-قېرىنداشلىرى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى ۋە كەمبەغەل مۇسۇلمانلارغا تارقىتىپ بەرگەن ئىدى. يەنە بىر كۈنى ئىسلام قوشۇنىغا 500 تۇياق ئات، يەنە بىر كۈنى 1500 دانە تۆگە تەقدىم قىلغان ئىدى. ئۇ ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدا خۇدا يولىدا بىر مىڭ ئەللىك دىنار خىراجەت قىلىشنى، «بەدرى» ئۇرشىغا قاتناشقانلاردىن ھايات قالغانلارغا ھەر بىرىگە 400 دىنار بېرىشنى ۋەسىيەت قىلغان ئىدى. ھەتتا ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ گەرچە باي بولسىمۇ ئۆز نېسىۋىسىنى قولغا ئېلىپ:«ئابدۇراھماننىڭ مال-مۈلۈكى ھالال، پاكىزدۇر، ئۇنى يېسەك ئاللاھ خاتىرجەملىك ۋە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ» دېگەن. ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف مال-مۈلۈكنىڭ خوجايىنى ئىدى، قۇلى ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ مال-مۈلۈك توپلاش بىلەن بەخىتسىز ھالغا چۈشۈپ قالمايتتى. بەلكى مال-مۈلۈكنى قانائەتچانلىق بىلەن ھالال يولدىن تاپاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا تاپقىنىدىن ئۆزىلا ھۇزۇرلانماي ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىنى، قېرىنداشلىرى ۋە جەمئىيىتىنىمۇ ھۇزۇرلاندۇراتتى.
ئۇنىڭ خەير-ئېھسان ۋە ياردەملىرى شۇنچىلىك دەرىجىدە كۆپ ئىدىكى، كىشىلەر ئۇ ھەققىدە: «پۈتۈن مەدىنە خەلقى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ مال-مۈلۈكىگە شېرىك بولۇپ، ئۇ مال-مۈلۈكنى ئۈچكە بۆلۈپ بىر ئۈلۈشىنى ئۇلارغا قەرزگە بېرىدۇ، بىر ئۈلۈشى ئۇلارنىڭ قەرزلىرىنى تۆلەپ بېرىدۇ، يەنە بىر ئۈلۈشنى ئۇلارغا خەير-ئېھسان قىلىدۇ» دېيشەتتى. ئەگەر ئۇ شۇنچىۋالا كۆپ بايلىقىنى دىننى كۈچەيتىش، قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سەرپ ئەتمىگەن بولسا ئۇنىڭدىن باشقا خۇشاللىق تاپالمىغان بولاتتى.
شۇلاردىن باشقا يەنە ئۇ بۇ بايلىقلىرىدىن داۋاملىق قورقۇپ يۈرەتتى. ئۇ روزىدار بولۇپ، بىر كۈنى ئالدىغا ئىپتارلىق ئېلىپ كېلىنىدۇ، كۆزى يېمەكلىككە چۈشكەندىن كېيىن ئىشتىھاسى يوقىلىپ كۆز يېشى قىلىدۇ ۋە مۇنداق دېگەن ئىدى:«مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيىر مەندىن ياخشى، چۈنكى ئۇ شېھىت بولغاندا بىر تون بىلەنلا كېپەنلەنگەن ئىدى، بېشىنى يۆگىسە پۇتلىرى ئېچىلىپ قالاتتى، پۇتلىرىنى يۆگىسە بېشى ئېچىلىپ قالاتتى، ھەمزىمۇ مەندىن ياخشى ئۇ شېھىت بولغاندا توندىن باشقا كېپەنلىگۈدەك ھېچنەرسە تېپىلمىغان ئىدى، مانا ھازىر بىزگە دۇنيا كەڭ-كۇشادە بېرىلدى، مەن بىزگە بېرىلىدىغان نېمەتلەرنىڭ شۇنىڭ بىلەن تۈگەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن». بىر كۈنى ھەمراھلىرى ئۇنىڭ بىلەن تاماقتا بىرگە بولۇشتى، ئالدىلىرىغا تاماق قويۇلغان ھامان ئۇ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن:«ئى مۇھەممەدنىڭ ئاتىسى، نېمە ئۈچۈن يىغلايسىز؟» دەپ سورىۋىدى ئۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەتتا ئارپا نېنىدىنمۇ تويغىدەك يىيەلمىگەن ئىدى، مەن ئاخىرەتتە بىزلەرگە ياخشىلىق قالدۇرۇلماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ھەددى-ھېساپسىز بايلىقى ئۇنىڭدا زەررىچىلىكمۇ تەكەببۇرلۇق ۋە مەمەدانلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلمىغان ئىدى. ھەتتا ئۇنىڭ ھەققىدە: ئەگەر ئۇنى تونۇمايدىغان يات بىر ئادەم ئۇنى خىزمەتكارلىرى بىلەن ئولتۇرغان ھالەتتە كۆرسە ئۇنى خىزمەتكارلىرىدىن ئايرىۋالالمايدۇ، دېيىلدى. لېكىن، ئەگەر بۇ يات ئادەم ئۇ قىلغان جىھادلارنىڭ بىر قىسمىنى ۋە ئۇنىڭ بۇ جىھادتا قانچىلىك جاپا چەككەنلىكىنى بىلسە، مەسىلەن ئۇنىڭ «ئۇھۇد» ئۇرۇشىدا بەدىنىنىڭ 20 يېرىنىڭ يارلانغانلىقىنى، ئەنە شۇ يارلىنىشلارنىڭ بىرىنىڭ ئۇنىڭ بىر پۇتىدا دائىملىق ئاقساقلىقنى قالدۇرغانلىقىنى، يەنە شۇ ئۇرۇشتا ئۇنىڭ بىر نەچچە تال ئۇتتۇر چىشى تۆكۈلۈپ كەتكەنلىكى ۋە شۇ سەۋەبلىك گەپ قىلغاندا بەزى ھەرپلەرنى تولۇق چىقىرالمايدىغانلىقىنى بىلسە، ئەنە شۇ چاغدا بويى ئېگىز، يۈزلىرى نۇرلۇق، تېرىلىرى نېپىز، ئاقساق، ئوتتۇر چىشلىرى كەمەك بۇ كىشىنىڭ ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ۋە رازى قىلسۇن.
ئىنسان تەبىئىيتى بىزنى بايلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېلىپ كېلىشكە ئادەتلەندۈرۈپ قويغان. يەنى بايلار بايلىقنى قوغداپ ئۇنى يەنىمۇ كۆپەيتىش، ئادەتتە بايلىق پەيدا قىلىدىغان مەنمەنلىك، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش ۋە مەغرۇرلۇق خاھىشلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق سىياسىي نوپۇزى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. لېكىن بىز ھەددى-ھېسابسىز بايلىق ئىچىدىكى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفكە قارايدىغان بولساق ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى خاھىشىنى تىزگىنلەپ يېگانە بۈيۈكلۈككە قاراپ قەدەم ئالغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ ئىش ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پاك روھىنى ئاللاھقا تاپشۇرماقچى بولۇپ، شۇلار ئارىسىدىن يېڭى خەلىپە تاللاش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئالتە نامزاتنى كۆرسەتكەن چاغدا يۈز بەرگەن. بارماقلار ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف تەرەپكە ئىشارەت قىلىۋاتاتتى، دەرۋەقە ساھابىلەردىن بىرى بۇ ئالتە ئادەم ئىچىدە ئۇنىڭ خەلىپىلىككە ئەڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغاندا ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، پىچاق قولغا ئېلىنىپ، بوغۇزۇم ئۈستىگە قويۇلۇپ، بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە كېسىپ ئۆتۈشى ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىراق».
ئەنە شۇنداق قىلىپ بۇ ئالتە نامزات خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابتىن كېيىن، ئارسىدىن بىرەيلەننى خەلىپىلىككە تاللاشقا تېخى بىرلىككە كەلمەي تۇرۇپلا، ئابدۇراخمان ئىبنى ئەۋف قالغان بەش قېرىندىشىغا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئالتە نامزاتنى تاللىغان چېغىدا ئۆزىگە بەرگەن سايلىنىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى، قالغان بەش قېرىنداش ئۆز ئارسىدىن خالىغان بىرەيلەننى تاللىسا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بىردەمدىلا مەنسەپتىن ۋاز كېچىش بەش مۆتىۋەرنىڭ بىرىنىڭ بەش ئادەمدىن بىرىنى خەلىپىلىككە تاللاپ بېرىشكە ئۆزگىرىپ، ئۇلار ئۇنىڭ قارارىغا رازى بولىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى ۋە ئىمام ئەلى ئۇنىڭغا:«مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىلىنى ئاسمان ئەھلىنىڭ ئامانەتدارى ھەم زېمىن ئەھلىنىڭ ئامانەتدارى دەپ تەرىپلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم» دېدى. شۇنداق قىلىپ ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف ئوسمان ئىبنى ئەففاننى خەلىپىلىككە تاللىدى، قالغانلارمۇ ئۇنىڭ تاللىشىغا رازى بولۇشتى. مانا بۇ ئىسلامدىكى بىر باينىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى بولۇپ، ئىسلامنىڭ كۈشكۈرتۈش، ئازدۇرۇش كۈچىگە ئىگە بايلىق ئۈستىدىن ئۇنى قانداق غەلبە قىلدۇرغانلىقىنى، ئۇنى قانداق قىلىپ ئەڭ سۆيۈملىك ئادەم قىلىپ چىققانلىقىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ مانا ئەمدى ئۇ ھىجرىيەنىڭ 32-يىلى، يەنى 652-يىلى 72 يېشىدا روھىنى ئاللاھقا سېخىيلىق بىلەن تاپشۇرۇۋاتىدۇ. مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە ئۇنى باشقىلار ئېرىشەلمىگەن شەرەپكە ئىگە قىلىپ ئۇ سەكراتتىكى ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئۇنى ھۇجرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرلەرنىڭ يېنىغا قويۇش تەلىپىنى ئېيتىدۇ، ئىسلامنىڭ ياخشى تەربىيىلىشىگە مۇيەسسەر بولغان بۇ مۇسۇلمان ئۆزىنى بۇنداق يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋېلىشتىن ھايا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ بىر كۈنى ئوسمان ئىبنى مەزئۇن بىلەن قايسىسى كېيىن ۋاپات بولسا بۇرۇن ۋاپات بولغىنىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىپ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ بىر يەردە يېتىشنى مۇستەھكەم ئەھدە قىلىشقان ئىدى. ئۇنىڭ روھى يېڭى سەپەرگە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا كۆزلىرى تولغان ھالدا:« مەن مال-مۈلۈكۈمنىڭ كۆپ بولغانلىقى تۈپەيلىدىن دوسلىرىمنىڭ كەينىدە قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن» دەپ پىچىرلاۋاتاتتى. لېكىن ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇنى تېزلا ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ چىرايىدا خاتىرجەملىككە جۆر بولغان ئىللىق خۇشاللىق نۇرلىرى ئەكىس ئەتتى ۋە خۇددى قانداقتۇر بىر جايدىن كەلگەن يېقىملىق ئاۋازغا قۇلاق سالغاندەك قىلدى. ئېھتىمال شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئېيتىپ كېلىۋاتقان«ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف جەننەتتە» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاڭلاۋاتقان بولىشى، يەنە شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ ئۆز كىتابىدىكى: «پۇل-مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان ۋە (خەير-ساخاۋەتكە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (قىيامەت كۈنى) قورقۇنچ ۋە غەم-قايغۇ بولمايدۇ»(سۈرە بەقەرە: 262) دېگەن ۋەدىسىنى ئاڭلاۋاتقان بولىشى مۇمكىن.

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 50

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 2359 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 7قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-27