تۇرسۇنجان ئابلىكىم


تۇرسۇنجان ئابلىكىمتۇرسۇنجان ئابلىكىم

ئامېرىكا ۋاشىنگىتون شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتدىن تۇرسۇنجان ئابلىكىم 2012-يىلى 7-ئاينىڭ25-كۈنى شەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 13:45 تە بابى–ئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى يىغىن زالىدا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىلارغا ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئوقۇش ھاياتى، ئامېرىكا جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرى ھەققىدە ئىلمىي سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئىستانبۇلدىكى ئىلىمخۇمار 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىلار بۇ ئىلمىي دوكىلاتتىن بەھرىمان بولدى. كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار تەتىل بولۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ قېتىملىق پائالىيىتىمىزگە قاتنىشالماي قالدى.

تۇرسۇنجان ئابلىكىم ۋە يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم زىيالىلارتۇرسۇنجان ئابلىكىم ۋە يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم زىيالىيلار

باشلىنىش قىسمىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان قاتناشقۇچىلارغا تۇرسۇنجان ئابلىكىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى ئوقۇپ ئۆتتى. تۇرسۇنجان ئابلىكىم 1977– يىلى خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيىسى پۇرچاقچى يېزىسىنىڭ ئوتتۇرا ياغاچچى كەنتىدە تۇغۇلغان، باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكا سىنىپىدا ئىككى يىل تەييارلىق باسقۇچىنى تاماملىغاندىن كېيىن چىڭدۇ پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ڧفوتو ئېلىكترون كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر نەچچە يىل ئىشلىگەندىن كېيىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىققان، تۇرسۇنجان ھازىر ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شىتاتىدىكى (ۋاشىنگىتون شەھىرى ئەمەس) ۋاشىنگىتون شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ، تۇرسۇنجان ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، 2006-  يىلى قۇرغان جەك تور بېتىدە ئۆزىنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش تەجرىبىلىرى، كەسپى بىلىملەر ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ياشلىرىغا پايدىلىق بولغان ئوقۇش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە (http://jeckblog.com).

تۇرسۇنجان ئابلىكىمنىڭ سۇنماقچى بولغان تېمىسى ”ئېنىرگىيەنىڭ كەلگۈسى“ بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغاندىن كېيىن يولۇققان قىيىنچىلىقلىرى ۋە ھازىر يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن قۇياش ئېنىرگىيەسى باتارىيىىسى ياساش تەتقىقاتىدا ئىشلەۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى.

تۇرسۇنجان لېكسىيەسىدە، ھازىر ئىنسانلارنىڭ (بولۇپمۇ ئامېرىكىدا) كۆپ ئىشلىتىۋاتقان ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېڭىلانمايدىغان ئېنىرگىيەلەر بولۇپ بۇلار رەت تەرتىپى بويىچە: نېڧىت (%40)؛ كۆمۈر (%23)؛ تەبىئى گاز (%22)؛ يادرو ئېنىرگىيەسى (%8) قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى، يېڭىلىنىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ بولسا ئاران %7 نى ئىگەللەيدىغانلىقى ۋە بۇ ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ: قۇياش ئېنىرگىيەسى، يەر شارىنىڭ ئۆز ئسسىقلىق ئېنىرگىيەسى، شامال كۈچى ئېنىرگىيەسى، سۇ كۈچى ئېنىرگىيەسى، زىرائەت ياكى ئۆسۈملۈكلەردىن ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان ئېنىرگىيە قاتارلىلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغان ئېنىرگىيەنىڭ يەنىلا قۇياش ئېنىرگىيەسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. ئامېرىكىدا باراك ئوباما دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەكلىپ پىلانلىرى بىلەن يېڭىلىنىدىغان ئېنىرگىيەلەرنى ئېچىشقا مەبلەغ سېلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ پىلان بويىچە، 2025-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكىدىكى پۈتۈن بىنالار ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان توكنى ئۆزلىرى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ھالەتكە كېلىدىكەن.  تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا دۇنيادىكى نېڧىت زاپىسى 2050- يىلى، كۆمۈر زاپىسى بولسا 2060- يىلىغا بارغاندا تۈگەيدىكەن، ئامېرىكا بۇ ئېنىرگىيە مەنبەلىرى تۈگەشتىن بۇرۇن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى كۆپلەپ يارىتىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا رايونلاردىن كىرگۈزىۋاتقان نېڧىت قاتارلىقلارنى توختاتماقچى ئىكەن.

تۇرسۇنجان دوكلاتىدا دۇنيادىكى نېڧىت زاپىسىنىڭ نۆۋەتتىكى قېزىلىش ئەھۋالى ۋە خام نېڧىت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش باسقۇچلىرى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى. يېڭىلىنىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىشنىڭ تەننەرخى يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، يېڭىلانمايدىغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە بولغان تەلەپ يەنىلا يۇقىرى ئىكەن. بۇ سەۋەپتىن ئامېرىكا شامال كۈچى ئېنىرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن ئېرىشىلىدىغان توكنىڭ باھاسىنى، كۆمۈردىن ئېرىشىلىدىغان توكنىڭ باھاسى بىلەن تەڭلەشتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنى پاكىز ئېنىرگىيە مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىشقا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.

دوكلات سۇنۇلغاندىن كېيىن قاتناشقۇچىلار بەس- بەستە سوئال سوراپ پائالىيەتنىڭ جانلىقلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى، تەنەپپۇسنىمۇ قولدىن بەرمەي قىزغىن سۆھبەت باشلىنىپ كەتتى،  قاتناشقۇچىلاردىن بەزىلەر ”بوشلۇق نەزەرىيەسى“ بىلەن بىر مەزگىل غۇلغۇلا پەيدا قىلغان قاسىم سىدىق ۋە Jeck ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىلەر ھەققىدە تۇرسۇنجاننىڭ پىكىرىنى سورىدى، تۇرسۇنجان ئۇ تالاش-تارتىشلار ۋە قاسىم سىدىقنىڭ پەقەت نەزەرىيەسىلا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ھېچقانداق ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانمىغان بەزى كۆز قاراشلىرى ھەققىدە پىكىرلەر بايان قىلدى. قاتناشقۇچىلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، تۇرسۇنجان ئاخىرىدا كۆپچىلىككە ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا، ئابدۇلھەمىد قاراخان يېپىلىش نۇتىقىدا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ توغرا يولىنىڭ يەنىلا ئىلىم–پەن ئۆگىنىش ئىكەنلىكىنى مەمتىلى تەۋپىقنى مىسال كەلتۈرۈپ تۇرۇپ تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە پائالىيەتكە قاتناشقانلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نامىدىن چۇڭقۇر رەھمەت ئېيتتى. بۇ ئىلمىي يىغىن تۈگكەندە، يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم زىيالىيلار خاتىرە رەسىمىگە چۈشتى.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇنبىرى 


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 31

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1883 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-20