ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ئەلمۇرتەزا

«خەلىپە» لىك ئورنىغا ئولتۇرۇش

  ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ ئەلمۇرتەزا  Alī ibn Abī Ṭālib ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ ئەلمۇرتەزا Alī ibn Abī Ṭālib

ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب (مىلادىيە601-661-يىللار) مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ نەۋرە ئىنىسى، تەربىيە ئوغلى ۋە كۈيئوغلى(پەيغەمبەر قىزى فاتىمەنىڭ ئېرى) بولۇپ، مىلادى 601-يىلى يەنى ھىجرەتتىن 16يىل بۇرۇن كەبىدە تۇغۇلغان. 656-يىلىدىن 661-يىلىغىچە ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى بولغان. 661-يىلى يانۋاردا يەنى ھىجرىيە 40-يىلى رامزاندا كۇفەدىكى مەسجىدتە مۇنافىق ئابدۇراخمان ئىبنى مۇلجەم تەرىپىدىن زەھەرلىك قىلىچ بىلەن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.  ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر فەررۇق، ئوسمان زۇننۇرەينلار بىلەن بىللە تارىختا خۇلافەئى راشىدىن دەپ ئاتالغان تۆت داڭلىق خەلىپىنىڭ بىرى. شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جەننەتتتىن خۇشخەۋەر بەرگەن ئون ساھابىنىڭ بىرى.

 ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى خەدىچەدىن كېيىنلا ئىسلام دىنىغا كىرگەن بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 610-يىلى دىن تارقىتىشقا باشلىغاندا، ئەلى 10 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدى ئۇنى كىچىكىدىنلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بېقىپ چوڭ قىلغاچقا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭ، «جاھالەت دەۋرى» نىڭ كۆز قاراشلىرى، ئادەتلىرىنىڭ تەسىرى يوق دېگىدەك بولۇپ، ئۇنى ئىسلام دىنى تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇن دىنىغا ئىشەنگەن ئۆسمۈر ديىشكە بولاتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغقانلىرىنى چاقىرىپ دىنغا دەۋەت قىلغاندا تۇغقانلىرى «سېنىڭ ۋارىسىڭ يوق، ئىزىڭنى باسىدىغان ئادىمىڭ يوق، بىز سېنىڭ بىلەن ئارىنى ئۈزىمىز دىگەندە كىچىك ئەلى «مەن تاغامنىڭ ۋارىسى، ئۇنىڭ ئىز باسارىمۇ مەن، جېنىم كەتسىمۇ تاغام بىلەن ئارامنى ئۈزمەيمەن» دەپ ئۆزىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرگەن. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىسلەرنى پىششىق بىلەتتى. دىنى قائىدىلەرگە پۇختا بولۇپ، بىلىمى ئىنتايىن مول ئالىم ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەلەمگىمۇ، قەلەمگىمۇ ماھىر بولۇپ، كىچىكىدىنلا گۇمپا مەشق قىلغان ئىدى. مىلادىيە 622-يىلى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا، ئۇنىڭ مەككىدىن بىخەتەر چېكىنىپ چىقىشىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەلى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئورنىدا يېتىپ، قۇرەيىش قاتىللىرىنى قايمۇقتۇرغانىدى. مەدىنە دەۋرىدىكى غازاتلاردا ئەلى باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، ئاجايىپ تۆھپىلەرنى ياراتقان بولغاچقا، رەقىپلىرى ئۇنىڭدىن بەك قورقاتتى. مەسىلەن، بەدرى غازىتىدا، ئۇ قۇرەيىش مۇشرىكلىرىنىڭ باتۇرى ۋالىد. ئىبنى. ئۇتەيبەنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرگەن، خەندەك غازىتىدا، خەندەكتىن ئات سەكرىتىپ ئۆتمەكچى بولغان مۇشرىكلارنىڭ چەۋەندازى ئەمىرنى (مۇشرىكلار ئۇنى ھۆرمەتلىك قەھرىمانى دەپ قارايتتى) ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ غەيرىتىگە ئىلھام بەرگەن. خەيبەر غازىتىدا، ئەلى جەڭ تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى نامايەن قىلغان ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، پەيغەمبەرنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئەلى بىۋاسىتە ئۆزى بېجىرگەن. ئەبۇبەكرى جان ئۈزىدىغان چاغدا، ئەلى 6 كىشىلىك سايلام ھەيئىتىنىڭ بىرى ئىدى. ئوسمان قورشاۋدا قالغاندا، ئۇ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مۇھىم بىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىككى ئوغلى ھەسەن-ھۈسەيىنلەرنى ئوسماننى قوغداشقا ئەۋەتكەن.

ئەلى ئىبنى مۇرتەدەنىڭ ھاكىمىيەت يۇرگۈزىۋاتقان مەزگىلىدىكى ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىگەللىگەن دائىرسىئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ ئەلمۇرتەزانىڭ ھاكىمىيەت يۇرگۈزىۋاتقان مەزگىلىدىكى ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىگەللىگەن دائىرسى

توپىلاڭچىلار ئوسماننى ئۆلتۈرۋەتكەندىن كېيىن، مەدىنە شەھىرى بىر مەزگىل ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتىگە چۈشۈپ قالىدۇ. كىشىلەر ئەلىنىڭ خەلىپە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما ئەلى ئەمەلگە قىزىقماي، قەتئىي ئۇنىمايدۇ. كېيىن، نۇرغۇن ساھابىلەر ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، بۇ خىل باشباشتاقلىق داۋاملىشىۋەرسە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەلى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مۇھىم بىلىپ، ساھابىلەرنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە 4- نۆۋەتلىك خەلىپە بولۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
مۇھىم غازاتلار
ئەلى ئىنتايىن خەتەرلىك پەيىتتە خەلىپە بولدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالدىنقى خەلىپە توپىلاڭچىلار تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، ھەممىلا يەر يوشۇرۇن ئاپەتكە تولغان بولۇپ، ئۇ جەزمەن سىياسىي، ھەربىي ئىنتىزامىنى تەرتىپكە سېلىپ، دۆلەتنى قاتتىق باشقۇرمىسا بولمايتتى.
تۆگە ئۇرۇشى
ئەلى تەختكە چىقىشى بىلەنلا، ئىچكى قىسىمدىكى جىددى ھوقۇق تالىشىش كۆرىشىگە دۇچ كەلدى. بۇرۇن خەلىپىلىكنى تالىشىش رىقابىتىگە قاتناشقان تەلىھە. ئىبنى. ئۇبەيدۇللا ۋە زۇبەيىر. ئىبنى. ئەۋۋام ئەڭ ئالدى بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئەلىنىڭ خەلىپە بولۇشىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇلار تەسىرى ۋە ئەمەلىي كۈچى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان مۇئاۋىيە قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئوسماننىڭ ئۆلتۈرىلىشى ئەلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەلى دەرھال قاتىلنى تاپشۇرۇپ بەرسۇن، ئۇنى قاتتىق جازالاپ ئوسماننىڭ ئۆچىنى ئالىمىز، بولمىسا، ئەلىگە بەيئەت قىلمايمىز، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەلىنىڭ قارىشىچە، ئەينى چاغدىكى مۇھىم ۋەزىپە قاتىلنى جازالاش بولماستىن، بەلكى ئالدى بىلەن ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ۋەقىئەنى تىنجىتىش ئىدى. بولمىسا، ھەممە ئادەمنىڭ قېنى قىزىپ تۇرغاندا، ئوپۇل-توپۇل قاتىل جازالانسا تېخىمۇ چوڭ داۋالغۇش ھەتتاكى ئىچكى قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار ئىدى. ھالبۇكى، ئەلى قانچىلىك چۈشەندۈرمىسۇن، ھېچنىمىگە كار قىلمىدى. قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ پىكرىدە چىڭ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭ ئارقىدىن، تەلىھە بىلەن زۇبەيىر يەنە ئىراق بىلەن يەمەننىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىككىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئەلى ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، نومۇس كۈچىدىن غەزەپكە كەلگەن تەلىھە بىلەن زۇبەيىر مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئايالى، ئەبۇ. بەكرىنىڭ قىزى «ئۈممۈلما ساكىن» ئائىشە بىلەن بىرلىشىپ، ئەلىگە قوراللىق تەھدىت سېلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىقىش قارارىغا كەلدى. ئەلى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىق قىلىپ قان تۆكۈشىنى خالىمايتتى، ئەمما ئامالسىزلىقتىن جەڭگە چىقىشقا مەجبۇر بولدى. 656-يىلى 12-ئاينىڭ9-كۈنى ئىككى قوشۇن بەسىرەنىڭ ئەتراپىدا ئۇچراشتى. نەتىجىدە، ئەلى غەلبە قىلىپ، تەلىھە جەڭدە ئۆلدى. زۇبەيىر چېكىنىش يولىدا يەمەنلىكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئائىشە ئەسىرگە چۈشتى. نۇرغۇنلىغان ساھابىلەرمۇ بۇ قېتىمقى ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىقتا جېنىدىن ئايرىلدى. ئەمما ئائىشە بولسا ئەلىنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ۋە ئېتىبار قىلىشىغا ئېرىشتى، ئەلى ئۇنى قوغداپ مەدىنىگە ئاپىرىپ قويدى. شۇندىن ئېتبارەن، ئائىشە سىياسىي بىلەن ئارىلاشماي، مىلادىيە 678- يىلى64 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ قېتىمقى جەڭ ئائىشە ئولتۇرغان تۆگىنىڭ كاجۇۋسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، «تۆگە ئۇرۇشى» دەپ ئاتالدى.
سىففىن ئۇرۇشى

شىئە مەزھىپىدىكىلەرگە كەڭ ئومۇملاشقان ئىراقتىكى نەجىپ رايونىدىكى مەسجىد  شىئە مەزھىپىدىكىلەرگە كەڭ ئومۇملاشقان ئىراقتىكى نەجىپ رايونىدىكى مەسجىد

«تۆگە ئۇرۇشى» دىن كېيىن، ئەلى مەملىكەت ۋەزىيىتىنى كونتىرول قىلىشقا قولاي بولسۇن دەپ، پايتەختنى مەدىنىدىن كۈفەگە يۆتكىدى. بۇچاغدا، ئۇ تاقابىل تۇرۇش تېخىمۇ تەس بولغان قارشى تۇرغۇچى—ئۈمەييە نەسەبىدىن مۇئاۋىيەگە دۇچ كەلدى. ئەبۇ.سوفىياننىڭ ئوغلى مۇئاۋىيە سىرتقا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان غازاتلاردا ئۆسۈپ-يېتىلگەن ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ داھىيسى بولۇپ، سۈرىيەدە 20 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ئەمەلىي كۈچى بار شەخىس ئىدى. ئوسمان سۈيقەستكە ئۇچراپ، باشقا ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەلىگە قەسەم بېرىپ ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ بەيئەت قىلىۋاتقاندا، مۇئاۋىيە سۈرىيەدە ئۆزىنى خەلىپە ئاتاپ، ئەلىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىنكار قىلىدۇ. ئەلى دەمەشىققە ۋەكىل ئەۋەتتى، مۇئاۋىيە ئەلىگە ئالدى بىلەن ئوسماننى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى تاپشۇرىسەن دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ. ئەلى مۇئاۋىيەنىڭ ئىسلام دىنى ئەنئەنىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلەپ، خەلىپەنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىدى، دەپ مۇئاۋىيەنىڭ ئەمىلىنى ئېلىپ تاشلىدى. مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا 657-يىلى، ئىككى تەرەپ ئىفرات دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى سىففىن رايونىدا كەڭ كۆلەمدە قوراللىق توقۇنۇشىدۇ. بۇ تارىختا «سىففىن ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان. دەسلەپكى بىر قانچە كۈندە ئىككى تەرەپنىڭ كۈچى تەڭ كېلىپ قالىدۇ. كېيىن ئەلىنىڭ قوشۇنلىرى تەدرىجي ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ. مۇئاۋىيە ئەلىگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەسكەرلىرىگە نەيزىنىڭ ئۇچىغا «قۇرئان» نى ئېسىپ «كالامۇللا ھەل قىلسۇن!» دەپ توۋلۇتۇپ «قۇرئان» ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسىلىق ھەققىدە ئەلى گۇرۇھى ئىچىدە كەسكىن تالاش-تارتىش يۈز بېرىدۇ. ئەلى بۇنىڭ مۇئاۋىيەنىڭ ھىيلە-مىكرى ئىكەنلىگىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇ «قۇرئان كەرىم» نى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلغاچقا، «قۇرئان» كۆتۈرىۋالغان ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈشكە كۆڭلى بارماي ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈل مىجەزى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى تاللايدۇ. ئەلى سەمىمىي سادىق، ھوقۇق ئىلمىدىن خەۋىرى يوق ئەبۇ. مۇسا ئەشرىلىنى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىدۇ. مۇئاۋىيە بولسا مىسىرنىڭ سابىق ۋالىسى، سىياسىيغا پىشىپ كەتكەن ئەمىر ئىبنى ئاسىنى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىدۇ. 659- يىلى 1-ئايدا، ئىككى تەرەپ دەمەشىقنىڭ جەنۇبىدىكى ئەسىرۇھادا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ئەلىنىڭ بۇ ھەرىكىتى باشقىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ، ئۇلار، ئەلى نامى يوللۇق خەلىپە، مۇئاۋىيە بولسا پەقەت بىر يەرلىك ئەمەلدار، ئەلى سۆھبەتنى قوبۇل قىلماي، غەلبىسېرى ئالغا ئىلگىرلەپ زەربە بېرىپ، ئاپەتنىڭ يىلتىزىنى تۈگۈتۈپ، مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرىشى كېرەك، دەپ قاراپ ئەلىدىن خاتالىقىنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە بولمىسا ئەلىنى قورال كۈچى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلايمىز، دېيىشىدۇ. ئەلى مەسچىتكە چىقىپ كۆپچىلىككە چۈشەندۈرمەكچى بولىدۇ. ئەمما ئۇ تېخى سۆزىنى باشلىمايلا، رادىكاللار كۆپچىلىكى مەسچىتتىن، ئەلىدىن ئايرىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زور بىر تۈركۈم كىشىلەر كۈفەدىن ئايرىلىپ ھەرۇرا دېگەن بىر كەنىتكە بېرىۋالىدۇ. كېيىنكىلەر ئۇلارنى «ھەرۇرا» مەزھىپى ياكى «خاۋارىجلار» دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئىسلام دىنى تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولغان مەزھەپ. ئۇزۇن ئۆتمەي، خاۋارىجلار بىر قوراللىق ئەترەت تەشكىللەپ توپىلاڭ كۆتۈرىدۇ. ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئەلى قوشۇن ئەۋەتىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كۈچلەرنى تولۇق يوقىتالمايدۇ. 661- يىلى، بىر نەپەر خاۋارىج مەسچىتكە ناماز ئۆتىگىلى كېتىۋاتقان ئەلىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ، مۇئاۋىيەگە پايدىلىنىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. مۇئاۋىيە پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئەسكەر ئەۋەتىپ مىسىرنى بېسىۋالىدۇ ھەمدە يەنە ئەمىر ئىبنى. ئاسنى مىسىرنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەيدۇ.
ئەلىنىڭ قەستكە ئۇچرىشى
خاۋارىجلار ئەلىدىن زەربە يېگەندىن كېيىن، يەر ئاستىغا يۆتكىلىپ داۋاملىق ئەلىگە قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇلار، ئەلى، مۇئاۋىيە، ئەمىر قاتارلىق 3 ئادەم مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە ئاپەتلەرنىڭ يىلتىزى، دەپ قارايتتى. شۇڭا بۇ رادىكاللار مەخپىي پىلان تۈزۈپ، ئۇ ئۈچىنى مەخپىي ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. مەخپىي ئۆلتۈرۈش پىلانى گەرچە ئۈچ ئادەمگە قارىتىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىنى پەقەت ئەلىلا بولدى.

ئىراقتىكى نەجىپ رايونىدىكى ئەلى ئىبنى مۇرتەدەنى دەپنە قىلغان قەبرىستانلىق ئىراقتىكى نەجىپ رايونىدىكى  ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ ئەلمۇرتەزانى دەپنە قىلغان قەبرىستانلىق

ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى ھەسەن ۋە ھۈسەيىن ئۇنىڭ مىيىتىنى يۇيۇپ تازىلىدى. ئەلىنىڭ جەسىدى قەيەرگە دەپنە قىلىنغان بۇنى ھازىرغىچە ھېچكىم بىلمەيدۇ. بەزىلەر كۈفەنىڭ ئەتراپىدىكى نەجىپ دېگەن دالىغا دەپىن قىلىنغان دەيدۇ، شۇڭلاشقا مەزكۇر جاي شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ مۇقەددەس جايىغا ئايلىنىپ، ئەسىرلەردىن بۇيان شىئە مەزھىپىنىڭ مۇرىتلىرى ئۇ يەرگە تاۋاپ قىلىپ كەلمەكتە. يەنە بەزىلەر، ئەلىنىڭ جەسىدى دەسلەپتە كۈفەگە دەپنە قىلىنىپ، كېيىن مەدىنىگە يۆتكەپ ئاپىرىلغان، دەيدۇ. يولدا تۆگە ئادىشىپ قېلىپ يوقاپ كەتكەن، كېيىن بىرسى تۆگىنى تېپىۋېلىپ، تۆگىگە ئارتىلغان ساندۇقتا مال-دۇنيا بار دەپ ساندۇقنى ئاچسا، ئىچىدە جەسەت چىققاچقا «تۈيۋۇ تېغى» غا دەپنە قىلغان، دېيىشىدۇ. ئومۇمەن، ئەلى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئەسىرلەر بويى تارقىلىپ كەلمەكتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ ئەلىگە بولغان ھۆرمىتىنى تولۇق ئىپادىلەيدۇ.

ھەزىرىتى ئەلى ئىمامنىڭ قەبرىسىھەزىرىتى ئەلى ئىمامنىڭ قەبرىسى

ئەلىنىڭ ئۆلۈمى 4 بۈيۈك خەلىپە دەۋرىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن كۈفە خەلقى ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەننىڭ خەلىپە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھەسەن مۇئاۋىيەنىڭ قۇدرەتلىك تەسىر كۈچىدىن ئەيمىنىپ، سۈرىيە ۋە مىسىر ئاقسۆڭەكلىرى كۆرسەتكەن مۇئاۋىيەنىڭ خەلىپە بولۇشىغا مەجبۇرىي قوشۇلىدۇ. مۇئاۋىيە دەمەشىقنى پايتەخت قىلىپ، ئۇمەييە نەسەبىنىڭ ۋارسلىق خاندانلىقىنى قۇرىدۇ. ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ بايرىقى ئاق رەڭلىك بولغاچقا، دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىدا ئۇلار «ئاق كىيىملىك ئەرەبلەر» دەپ ئاتالغان.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
ئامېرىكىلىق ھىتتى يازغان «ئەرەب ئومۇمىي تارىخى» (1-قىسىم) ماجيەن تەرجىمە قىلغان. سودا نەشرىياتى 1979- يىلى 12- ئاي 1-نەشرى.
فېيشىل (ئامېرىكا) يازغان «ئوتتۇرا شەرق تارىخى» (1-قىسىم) ياۋ شىنلياڭ تەرجىمە قىلغان. سودا نەشرىياتى 1979-يىل نەشرى
گويىڭدۇڭ: «ئەرەب ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تارىخىدىن قىسقىچە ئوقۇشلۇق»، بېيجىڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى. 1987-يىلى نەشرى.
ناجۇڭ: «ئەرەب ئومۇمىي تارىخى» (1-قىسىم) سودا نەشرىياتى، 1997-يىلى نەشرى.


مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇنبىرىدىن ئېلىندى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 32

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 3325 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 7قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-22