ئوسمان. ئىبنى ئەففان

ئوسماننىڭ ھاياتى

ئوسمان. ئىبنى ئەففان Uthman ibn Affanئوسمان. ئىبنى ئەففان Uthman ibn Affan

ئوسمان (مىلادىيە 656-577 يىللار) تولۇق ئىسمى ئوسمان. ئىبنى ئەففان، قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ ئۇمەييە جەمەتىدە تۇغۇلغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامدىن 6 ياش كىچىك. ئۇنىڭ ئاتىسى ئاتاقلىق سودىگەر بولۇپ، ۋاپات بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن مىراس قالغان. ئوسمانمۇ ئاتا كەسپىگە ۋارسلىق قىلىپ، زور پايدا ئېلىپ، خېلى تەسىرى بار بىر ئادەمگە ئايلانغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىن تارقاتقان چاغلاردا ئوسمان 34 ياشقا كىرگەن بولۇپ، راسا كۈچكە تولغان پەيىتلىرى ئىدى. ئۇ ئەڭ بۇرۇن دىنىغا كىرگەن 10 نەپەر پىشۋانىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قۇرەيىش مۇشرىكلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگىمۇ ئۇچرىغان. ئوسمان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ قىزى رۇقىيەگە ئۆيلەنگەن. (بىر مەزگىل) ئىككىسى بىرگە ھەبەشىستانغا بېرىپ پاناھلانغان. مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، ئوسمان بەدىرى غازىتىدىن باشقا، بارلىق مۇھىم غازاتلارغا قاتناشقان. ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بولۇپ، يالغۇز ئۆزى مەدىنەگە بېرىپ، ياۋۇز، مەككار قۇرەيىش مۇشرىكلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ كەئبىگە بېرىپ ھەج تاۋاب قىلىش ئىشى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. ئۆمەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يېشى 70 كە بېرىپ قالغان ئوسمان خەلىپىلىككە كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭ خەلىپە بولۇپ سايلىنىشى ئۈمەييە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قولدىن كەتكەن ھوقۇقىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن دىرەك بېرىدۇ. ئوسمان 651-يىلى جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن.
ئوسماننىڭ ئىككى ئالاھىدىلىكى بولۇپ: بىرىنچىسى، تارتىنچاقلىق، ئىككىنچىسى، سېخىلىقتىن ئىبارەت. ئۇ مال-دۇنياغا تىقىلىپ كەتكەن باي بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ھاكاۋۇرلۇق، تەمەننادىن ئەسەر يوق ئىدى. ئۇ ئىنتايىن تارتىنچاق، كەمتەر، مىجەزىمۇ مۇلايىم ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەتتا: «ئوسماننى كۆرگەن پەرىشتىلەرمۇ خىجىل بولۇپ قالىدۇ» دېگەنىدى. ئوسماننىڭ تارتىنچاق مىجەزى ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈل، رەھىمدىل بىر تەرىپى بولسىمۇ، لېكىن كېيىن ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چاغلاردا نۇرغۇن ناچار تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن. بەزىلەر ئۇنىڭ مۇشۇ مىجەزىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەتىگە چوغ تارتقان. ئوسماننىڭ مىجەزىدىكى ئىككىنچى تەرەپ كەڭ قوللۇق، سېخىلىق. ئۇ بۇرۇن ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ دىن تارقىتىش ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان. مەسىلەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەبۇكقا يۈرۈش قىلىپ غازات قىلماقچى بولغاندا، ئوسمان دەرھال 950 تۆگە، 50 ئات ۋە 1000 دىنار تەييار قىلغان ھەمدە 20 مىڭ دىنار يۇقىرى باھا بىلەن يەھۇدىلارنىڭ لەۋما قۇدۇقىنى مۇسۇلمانلارغا سېتىپ ئېلىپ بېرىپ، يىراقتا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، «ئاللاھ يولى» نى تولۇق ماددىي شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. ئوسماننىڭ بۇ سېخىي ھەرىكىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. ئەبۇ بەكرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چاغلاردا، بىر يىلى مەدىنەدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ، كىشىلەر قىيىنچىلىقتا قالىدۇ، دەل مۇشۇ پەيىتتە ئوسماننىڭ سۈرىيىگە كەتكەن سودا كارۋىنى قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق مەدىنىدە ئەڭ قىس ماللارنى بېسىپ قايتىپ كېلىدۇ. خەۋەرنى ئاڭلىغان كىشىلەر كەينى-كەينىدىن ئوسماننىڭ ئىشىكى ئالدىغا توپلىشىدۇ. بىر قانچە پۇرسەتپەرەس سودىگەرلەر بۇنى بىر پۇرسەت دەپ بىلىپ، زور پايدا تېپىۋېلىش مەقسىتىدە، ئوسماننىڭ ماللىرىنى ئەسلى باھاسىدىن بىر قانچە ھەسسە يۇقىرى باھا بىلەن سېتىۋالماقچى بولۇشىدۇ. ئوسمان ئۇلاردىن: «باھانى يەنە ئازراق قوشالامسىلەر؟» دەپ سورىغاندا ئۇلار: «ھېلىمۇ بۇ ئەڭ يۇقىرى باھا، باھانى يەنە ئۆرلەتكىلى بولمايدۇ، كىممۇ بۇنىڭدىن يۇقىرى باھا قويالايدۇ؟» دېيىشىدۇ. ئوسمان ئۇلارغا: «ئاللاھ بۇنىڭدىن تېخىمۇ يۇقىرى باھا قويالايدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپ، ئارقىدىن بارلىق ماللىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان نامراتلارغا سەدىقە قىلىپ تارقىتىپ بېرىدۇ. ئوسمان مۇلايىم بىر مويسىپىت ئىدى. ئۆمەر دەۋرىدە ئۇ خەلىپە دۆلىتىدىكى 2- نومۇرلۇق شەخىس بولۇپ، كىشىلەر بىرەر تەلىپى بولسا، ئالدى بىلەن ئوسماننى تېپىپ، ئاندىن كېيىن، ئوسمان ئۆمەرگە خەۋەر قىلاتتى. ئەينى چاغدا، ئۆمەرنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن ئوسماننىڭ مۇلايىملىقى مۇكەممەل بىرلىشىپ، ھاكىمىيەتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇقىملىقىنى ساقلىغان ئىدى.

 ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ ھاكىمىيەت يۇرگۈزىۋاتقان مەزگىلىدىكى ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىگەللىگەن دائىرسى ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ ھاكىمىيەت يۇرگۈزىۋاتقان مەزگىلىدىكى ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىگەللىگەن دائىرسى

«خەلىپە» بولۇش
ئوسمان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، ئۆمەر غازات قىلىپ كەلتۈرگەن غەلبىلەر ئاساسىدا، داۋاملىق سىرتقا قارىتا غازات ئېلىپ بېرىپ، ئىلگىرى-كېيىن ئەرمىنىيە ۋە شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق رايونلارنى بوي سۇندۇرۇپ، پىرسىيە قاتارلىق جايلاردىكى قارشىلىقلارنى ئۈنۈملۈك باستۇردى، خەلىپە دۆلىتىنىڭ سىياسىي خەرىتىسىنى كېڭەيتىپ، ئىسلام دىنى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ زېمىن ھازىرلاپ بەردى، ئالدى بىلەن ئوسمان دەمەشىقنىڭ ۋالىسى ئەبۇ. سوفىياننىڭ ئوغلى مۇئاۋىيەنى قوشۇنلىرىنى باشلاپ رىملىقلار بىلەن ئومۇر (بۈگۈنكى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە) گە جەڭ قىلىشقا ئەۋەتىدۇ؛ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە ئەسكەر ئەۋەتىپ رىمنىڭ ئىشغالىيەت رايونلىرىنى بويسۇندۇرىدۇ. مىلادىيە 650- يىلى (ھىجىرىيەنىڭ 28- يىلى) مۇئاۋىيە رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى سىپروسنى ئىشغال قىلىدۇ ھەمدە يەرلىك ئاھالىلەر ھەر يىلى مۇسۇلمانلارغا 6000 دىنار تۆلەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىگە كىرىش توغرۇلۇق كېلىشىم تۈزىدۇ.
ۋىزانتىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ دېڭىزدىكى ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئوسمان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۈرىيە ۋە مىسىردا 2 ئەرەب دېڭىز فىلوتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. 655-يىلى ئىككى دېڭىز فىلوتى بىرلىشىپ جەڭ قىلىپ، فىنىكىس ئەتراپىدىكى دېڭىزدا ۋىزانتىيە پادىشاھى كونىستانتىن Ⅱ باشلىغان 500 كېمىدىن تەشكىل تاپقان دېڭىز فىلوتىنى مەغلۇپ قىلىپ، شۇندىن تارتىپ، ئەرەب ئارمىيىسىنىڭ دېڭىزدىكى ئۈستۈنلۈكىنى تىكلەيدۇ.
شەرىقتە، مۇسۇلمان قوشۇنلىرى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلىدى. ئوسماننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ۋالىد. ئىبنى ئەكبەر تېز سۈرئەتتە ئەزەر بەيجان، ئەرمىنىيەلەرنى ئىشغال قىلدى. 651- يىلى، ئەرەب قوشۇنلىرى ئافغانىستاننىڭ زور بىر قىسىم رايونلىرىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ كابۇلنى بېسىۋالدى.
ئوسمان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، زور كۆلەملىك غازاتلار توختاشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىر مەزگىل سەل بېسىلىپ قالغان ھەرخىل ئىچكى زىددىيەتلىرى يەنە ئۆتكۈرلىشىشكە باشلايدۇ. ھەر تەرەپلەردە جەڭ قىلغان باتۇرلارنىڭ ھەرخىل پايدا-زىيان مۇناسىۋەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان رىئال مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقتى چىقىدۇ، كۆچمەن چارۋىچىلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركەزدىن قېچىش كۈچلىرى قايتىدىن باش كۆتۈرىدۇ. ئوسمان باشلامچىلىق بىلەن ساھابىلەرنى چەتكە قېقىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىشقا قويىدۇ. مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە بولغان ئالىي خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئۆز جەمەتىدىكى ئادەملىرىنى ئەمەلدار قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر جەمەت ئىنىسى ئابدۇللانى مىسىر ۋالىيسى ئەمىر . ئىبنى. ئاسنىڭ ئورنىغا قويىدۇ. ئانا باشقا ئىنىسى ۋالىدنىمۇ كۈفەنىڭ ۋالىلىقىغا تەيىنلەيدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ نەۋرە ئىنىسى مەرۋاننى قارا دىۋان بېگى قىلىپ تەيىنلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا كەڭ كۆلەمدىكى يەرلەرنى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىپ، ئومۇمنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگەللەيدۇ، غازات غەنىمەتلىرىنى ئۆز پايدىسىغا تەقسىملەيدۇ. ئۇ ئۆزى بولسا ئەمەلدارلاردىن ئوچۇق ئاشكارا پارا ئېلىپ، راھەت-پاراغەتلىك، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىدىكىلەرنىڭ ئەيشى-ئىشرەت، چىرىكلىشىشى بىلەن تۆۋەن قاتلامدىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ نامرات تۇرمۇشى روشەن سېلىشتۇرما بولىدۇ. بۇ خىل ئىجتىمائىي ھالەت خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، سىياسىي قالايمىقانچىلىقلار ۋە دىنىي توقۇنۇشلارنىڭ كەينى ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ، بەزىبىر ئۆلكىلەر ۋە رايونلاردا توپىلاڭلار قوزغالدى. 
ھۆكۈمران گۇرۇھلار ئارىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىمۇ كۈنسېرى جىددىلەشتى. ئەمىر. ئىبنى.ئاس مىسىرنىڭ ۋالىلىق ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىغا بەك نارازى ئىدى. ئەلى. زۇبەيىر ئوسماننى ئاغدۇرۇپ ئورنىغا ئولتۇرۇشنى كۆزلەيتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئايالى ئائىشەمۇ ئوسماندىن نارازى ئىدى. بۇ بىر قانچە ئادەم ئوسمانغا قارشى قۇدرەتلىك بىر كۈچ بولۇپ شەكىللەندى.
مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئوسمان نوپۇزلۇق «قۇرئان كەرىم» نۇسخىسىنى تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى «قۇرئان» نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. بۇ ھەرىكەت ئىسلام دىنىنىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بەزى قارىي، موللىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئەينى چاغدا ئوسمانغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ خىيالىي ھەرخىل بولۇپ، بەزىلىرى ئىسلام دۆلىتىنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئوسماننىڭ بەزىبىر نامۇۋاپىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىپلىسە، بەزىلىرى باشقىچە غەرەزدە بولدى. زىددىيەت پەيدا قىلىپ، ئارىدىن پايدا ئېلىش قەستىدە بولدى. مەسىلەن، بەسىردە ئابدۇللا. ئىبنى. سەببە دېگەن بىر يەھۇدىي بولۇپ، ئادەتتە تەقۋادار مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ يۈرسىمۇ، ئەمما دائىم كىشىلەر ئارىسىدا پىتنە-پاسات تارقىتىپ، كۆپتۈرمىچىلىق قىلىپ، كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ يۈرەتتى. ئۇ ھاشىم جەمەتىدىكىلەرنى كۆرسە: «ھەي، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، سىلەر پەيغەمبەر ئەۋلادى تۇرۇپ، خەقلەرنىڭ قولىغا قاراپ قالدىڭلار،» دەيتتى. بەسىرە ۋالىسى ئۇنىڭ ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىپ يۈرگىنىدىن بىزار بولۇپ، ئۇنى بەسىرىدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى، ئۇ كۈفەگە بېرىپ يەنە داۋاملىق پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ ئىش تېرىپ يۈرۈپ، كۈفەدىنمۇ قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ مىسىرغا كېلىپ، ئۇ يەردىمۇ جىم تۇرماي داۋاملىق ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىپ، يەرلىك خەلقلەر بىلەن مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بۆلگۈنچىلىك سالىدۇ. بەزىبىر مىسىرلىقلارنىڭ ئەسلىدىلا ئوسمانغا قارىتا پىكرى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىشى بىلەن، ئوسمانغا قارىتا نارازىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. داۋاملىق ئىش تېرىپلا تۇرىدۇ. بەزىلەر ئوسمانغا كەسكىن چارە-تەدبىر قوللۇنۇپ، كىشىلەرنى ئالداپ، قالايمىقانچىلىق چىقىرىۋاتقانلارنى قاتتىق جازالاش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئوسماننىڭ كۆڭلى يۇمشاق، رەھىمدىل بولغاچقا، بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلماي، ئاخىرى چوڭ بالا-قازا كېلىپ چىقىدۇ. مىلادىيە 656- يىلى 6- ئايدا مىسىر، بەسىرە، كۈفە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن قارشى تۇرغۇچىلار، كەينى-كەينىدىن پايتەخت مەدىنەگە كېلىپ، ئوسماننىڭ ئۆيىنى قورشىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۇ مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. ئەلى، تەلىھە.ئىبنى.ئۇبەيدۇللا، زۇبەير، ئىبنى. ئەۋۋام قاتارلىق ساھابىلەر ئادەم ئەۋەتىپ، قارشى تۇرغۇچىلارغا نەسىھەت قىلىپ، ئوسماننى قوغدايدۇ؛ ئەمما، قارشى تۇرغۇچىلار نەسىھەتنى ئاڭلىماي، ئاخىرى، ئەبۇ.بەكرىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىككى مىسىرلىقنى باشلاپ كىرىپ، ئۆيىدە قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرغان ئوسماننى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. قارشى تۇرغۇچىلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ غەزىنىنى ۋە ئوسماننىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ. ئوسمان 12 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، 82 يېشىدا قازا قىلىدۇ.
تارىخى تۆھپىسى
ئوسماننىڭ ئەڭ مۇھىم تارىخى تۆھپىسى-«قۇرئان كەرىم» نىڭ نۇسخىسىنى بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت. ئوسمان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چاغلاردا، ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك دائىم جىدەل-ماجرا چىقىپ، قۇرئاننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قالغانىدى.
ئوسمان سەيىد. ئىبنى. سابىت، ساھابىلەردىن زۇبەير. ئىبنى. ئەۋۋاھنىڭ ئوغلى ئابدۇللا. ئىبنى. زۇبەير قاتارلىقلارغا بۇيرۇق قىلىپ، ھەفىسەنىڭ يېنىدا ساقلىنىۋاتقان «قۇرئان» نۇسخىسىنى ئاساس، قۇرەيىش شىۋىسىنى ئۆلچەم قىلىپ، قايتىدىن تۈزىتىپ نەشر قىلدۇردى. ھەمدە بىر نەچچە نۇسخا (كونكىرت سانى ھەققىدىكى كۆز قاراشلار بىر خىل ئەمەس) كۆپەيتىپ، بىر نۇسخىنى مەدىنىدە ساقلاشقا قالدۇردى. قالغانلىرىنى خەلىپىلىكنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى شەھەر-رايونلاردىن: مەككە، دەمەشىق، كۈفە، يەمەن، بەسىرە، بەھرەيىن تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئوسمان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ھەرقايسى جايلاردىكى باشقا «قۇرئان» نىڭ نۇسخىسى «ئۆلچەملىك مۇسھەپ»، يەنى «ئىمام نۇسخىسى» بولۇپ، تارىختا «مۇسھەپ ئوسمانى»، قىسقارتىپ «بېكىتىلگەن نۇسخا» دەپ ئاتالغان. بۇ نۇسخا ھازىرغا قەدەر تارقىلىپ كەلگەن. ئوسماننىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىسلام دىنى دەستۇرلىرىنىڭ ساپلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، شۇ ئارقىلىق ئىسلام دىنى ساپ ئەقىدىسىنى قوغداش ھەمدە ئەرەب تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. ئوسماننىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ھەرقانچە مەدھىيلىسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.
ئوسمان خەلىپىنىڭ يەنە بىر تارىخى تۆھپىسى— جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلىتىنىڭ ئارىسىدىكى دوستانە ئالاقىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقانلىقتۇر. تاڭ يۇڭخۇينىڭ 2- يىلى (مىلادىيە 651- يىلى) 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇنىڭ ئەۋەتكەن ئەلچىسى چاڭئەنگە كەلگەن ۋە تاڭ گاۋزۇڭ لى جىژ بىلەن كۆرۈشۈپ، تەختكە ئولتۇرغىلى ئەمدى بىر يىل بولغان تاڭ خاندانلىقىنىڭ پادىشاھىغا خەلىپە دۆلىتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ تۈپكى دىنى يوسۇنلىرىنى تونۇشتۇرغان. شۇندىن تارتىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى دوستانە ئالاقە تەدرىجي كۆپىيىپ، ھازىرغا قەدەر ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق.
ئوسماننىڭ تارىخى تۆھپىلىرى يەنە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ: ئۇ، دەمەشىق ۋالىسى مۇئاۋىيەگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئىسلام دۇنياسىدىكى تۇنجى دېڭىز ئارمىيە فىلوتىنى قۇرۇپ چىققان؛ ئۇ مەدىنىدىكى پەيغەمبەر مەسچىدىنى (مەسچىدىي نەبىنى) كېڭەيتىپ ياساتقۇزغان؛ ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىسلام دىنىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچى كۈچەيگەن. ئەرەب يېرىم ئارىلىنى يەنە بىر قېتىم بىرلىككە كەلتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يېرىم ئارالنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇزۇپ تاشلاپ، تەسىر كۈچىنى ئاسىيا، ئافرىقىلارغىچە كېڭەيتكەن. شىمالىي تەرىپى سۈرىيە، ئىراق، ئەرمىنىيەدىن تارتىپ ئىچكى دېڭىزنىڭ قىرغاقلىرىغىچە، شەرقىي-شىمالى تەرىپى خۇراسان رايونىغىچە؛ غەربىي تەرىپى ئىئوردانىيە، پەلەستىن، مىسىر، شىمالىي ئافرىقا ھەمدە ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئاراللارغىچە تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، مۇسۇلمانلار پىرسىيە ۋە شەرقىي رىم ئىككى چوڭ ئىمپىرىيەنىڭ زور بىر قىسىم يەرلىرىنى بېسىۋېلىپ، شۇ ئاساستا ئوتتۇرا ئەسىردىكى يېڭى قۇدرەتلىك ئەرەب ئىمپىرىيىسىنى شەكىللەندۈردى. ئوسمان قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، مەدىنە شەھىرى ھۆكۈمەتسزلىك ھالىتىگە پېتىپ قالىدۇ. ئىسلام دىن تارىخىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پەردىسى شۇندىن تارتىپ ئېچىلىدۇ. بىر ھەپتىدىن كېيىن، مەككە ۋە مەدىنىدىكى ئاقسۆڭەكلەر يۇقىرى قاتلىمى ئەلىنى خەلىپىلىككە كۆتىرىپ، كۈفەنى پايتەخت قىلىپ بېكىتىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇنبىرىدىن ئېلىندى؛

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 21

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1807 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-23