ئەبۇبەكرى سىددىق ر.ئە


ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  Abu Bakr
  ئابدۇللا ئىبنى ئوسمان.ئىبنى ئەمىر Abu Bakr

ئەبۇ بەكرى (مىلادىيە 573-634 يىللار)، ئەسلى ئىسمى ئابدۇللا ئىبنى ئوسمان. ئىبنى ئەمىر، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر ئىككىلىسىلا قۇرەيىشلەردىن بولسىمۇ، ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر ئۇرۇقداش جەمەتتىن ئەمەس ئىدى. ئەبۇ بەكرى كىچىكىدىنلا ياخشى تەربىيە ئالغان بولۇپ، بىلىملىك، مېڭىسى ئۆتكۈر، گەپ-سۆزلىرى جايىدا ئىدى. ئۇ كىشىلەرگە سەمىمىي-سادىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى، ئاچچىقلانمايتتى. ئۇ، مۇۋاپپىقىيەت قازانغان، تەجرىبىلىك سودىگەر بولۇپ، رەخت سودىسى قىلىپ بېيىغان، مال-مۈلكى 40 مىڭ دىنار (ئالتۇن تەڭگە) غا يېتەتتى. ئەينى چاغدىكى ئەبۇ سوفيان قاتارلىق سودىگەرلەرگە ئوخشىمايدىغىنى، ئۇ باي بولغىنى بىلەن ھاكاۋۇرلۇق قىلمايتتى، بايلىقنى دەپ رەھىمسىزلىك قىلمايتتى؛ ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ مەرد قولى ئوچۇق بولۇپ، دائىم دوستلىرى، قېرىنداشلىرىنى سېخىيلىق بىلەن مېھمان قىلاتتى. ئۇ دوستلۇقنى قەدىرلەيتتى، دوستلىرى كۆپ ئىدى. ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئىناۋىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك دوستلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىككىسى بىرلىكتە شامغا (سۈرىيەگە) بېرىپ سودىگەرچىلىك قىلغان، ئۇلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى چۈشىنەتتى، ئىشىنەتتى.

   ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇھەممەد ئەلەھيسىسسالامنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئايالى فاتىمەنىڭ ئاتىسى، قۇرئاندا جەننەتتىن خۇشخەۋەر بېرىلگەن ئون مەشھۇر ساھابىنىڭ بىرى، كېيىنكىلەر تەرىپىدىن «خۇلافەئىراشىدىن»(توغرا يولدىكى تۆت خەلىفە) دەپ ئاتالغان 4 خەلىفىنىڭ بىرىنچىسى ھىساپلىنىدۇ.

   مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىن تارقىتىشقا باشلىغاندا، ئەبۇ بەكرى ئەڭ بۇرۇن دىنىغا ئىشەنگەنلەردىن بولۇپ، ئۇ باشتىن ئاخىر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەۋرەنمەي قەتئىي ئىشەنگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «مەن كىشىلەرگە دىنىغا كىرىشكە نەسىھەت قىلغىنىمدا، ھەممىسىدە ئىككىلىنىش بولغان، پەقەت ئەبۇ بەكرىلا ئۇنداق ئەمەس ئىدى» دېگەن. ئەبۇ بەكرى ئۆزى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئەينى چاغدا تەسىرى بار ئادەملەرنى سۆز بىلەن قايىل قىلىپ، ئىسلام دىنىغا كىرىشكە سەپەرۋەر قىلغان. ئۇنىڭ تەسىرىدە، ئوسمان، زۇبەيرى ئىبنى ئەۋۋام، ئابدۇراخمان ئىبنى ئەۋف، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللا قاتارلىق كىشىلەر كەينى-كەينىدىن ئىسلام دىنىغا كىرىپ،  مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇنى زورايغان.

   دىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئەبۇ بەكرى باشتىن-ئاخىرغىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ سادىق قوللىغۇچىسىغا ئايلاندى؛ ھالقىلىق پەيتلەردە ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي، ئۆز ھاياتى بىلەن ئۇنى قوغداشقا تەييار تۇردى. مەسىلەن، قۇرەيىش مۇشىرىكلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھبەرلىكىدە تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولىدۇ. مۇشۇنداق ھايات-ماماتلىق پەيتىدە ئەبۇبەكرى ھىچكىمگە قارىماي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇپ مەككىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى مەدىنىگە يېتىپ بارىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ قىزى ئائىشەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نىكاھلاپ قويىدۇ. ئەبۇ بەكرى ئۆزىنى توختاتقان، ۋەزمىن، رەھىمدىل، ئاقكۆڭۈل ئىدى. بەدرى غازىتىدىكى ئەسىرلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە ئۇنىڭ بۇ خىل خاراكتېرى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئەسىرلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن مەسلىھەت سورىغاندا، ئۆمەر، ئەلى قاتارلىق كۆپ ساندىكى كىشىلەر، بۇ ئەسىرلەرنى بۇرۇن مۇسۇلمانلارغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلغان، شۇڭا ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋېتىش ياكى قاتتىق جازالاش كېرەك، دەپ قارىغان. ئەمما ئەبۇ بەكرى بولسا، ئەسىرلەرنى تۆلەم ئېلىپ ئازاد قىلىش، ئۇلارنى ۋە مۇشرىكلەرنى تەسىرلەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، دەپ قارىغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكرىنىڭ پىكىرىنى «ياخشىكەن» دەپ قوبۇل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتقان.
ئەبۇ بەكرىنىڭ ئاجايىپ تالانتى ۋە ئېسىل پەزىلىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئەگەردە مېنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدىن دوست تاللا دېسە، مەن ئالدى بىلەن ئەبۇ بەكرىنى تاللايتتىم، ئەمما ئاللاھ بىزنىڭ ھەممىمىزنى ئورتاق ئېتىقاد ئارقىلىق قېرىنداشقا ئايلاندۇردى» دېگەن. مىلادىيە 631-يىلى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، يېرىم ئارالدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەردىن كەلگەن ئەلچىلەر ئۆمەكلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، مەدىنىدىن ئايرىلالماي، ئەبۇ بەكرىنى 300 مۇسۇلمانغا باشچى قىلىپ مەككىگە ھەج تاۋاب قىلىشقا ئېۋەتكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىللەردە مەسچىتتە ئىماملىق قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يىغىلىشلىرىنى باشقۇرۇشنى ئەبۇ بەكرىگە ھاۋالە قىلغان. بۇنىڭدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەبۇ بەكرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ۋە ئۈمىدىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندە، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ساراسىمىگە چۈشۈپ، تىڭىرقاپ قالغان، ئۆمەر ھەتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولغىنىغا ئىشەنمەي، تىغ كۆتىرىپ، خەۋەر ئېيتقۇچىلارغا تەھدىت سالغان. پەقەت ئەبۇ بەكرىلا ئىنتايىن تەمكىنلىك بىلەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالامدىن ئۆتكەنلىكىنى كۆپچىلىككە ئۇقتۇرغان ھەمدە: «كىمكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىبادەت قىلىمەن دەيدىكەن، ئۇ ئۆلدى. كىمكى ئاللاھغا ئىبادەت قىلىمەن دەيدىكەن، ئاللاھ تىرىكتۇر، ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ» دەپ، ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدىغان ئېتىقادى بىلەن كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا نىشاننى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.
«خەلىپە» بولۇپ سايلىنىش؛
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكرىگە ئىنتايىن قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشەنسىمۇ، ئەمما تارىختىكى نۇرغۇن داھىيلارغا ئوخشاش، ئۇنى ئېنىق ئۆزىنىڭ ئىز-باسارى قىلىپ بېكىتمىگەن. ئەكسىچە، ئىنتايىن ئاقىلانىلىك بىلەن بۇ مەسىلىنى ساھابىلىرىنىڭ قارار چىقىرىپ تاللىشىغا قالدۇرغان. ئۇنداقتا، كىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىز باسارى بولالايدۇ؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي داھىيسى، قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى بولۇپلا قالماي، يەنە «ئاللاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەلچىسى» ئىدى. ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى بولغان «ھەدىس» لەرمۇ مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن «قۇرئان كەرىم» دىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇرىدىغان نوپۇز ۋە قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئىدى. شۇڭلاشقا، خەلىپە بولغان ئادەم ئۇنىڭ سىياسىي داھىيلىق ۋە ھەربىي قوماندانلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلالىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىلىك ئورنىغا ۋارىسلىق قىلالمايتتى. روشەنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى ساھابىلەرگە نىسبەتەن قاتتىق بىر سىناق ئىدى. زادى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئاچقان يول بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەش كېرەكمۇ ياكى ئۇنىڭ يولىدىن ۋاز كېچىپ، ئىپتىدائىي ئەرەب جەمئىيىتىگە قايتىپ كېتىش كېرەكمۇ؟ بۇ ئەينى چاغدا ئەبۇ بەكرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھابىلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ چوڭ مەسىلە ئىدى. قانداق ئادەمنى خەلىپە قىلىپ سايلاش—بۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالغانىدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تۆت گۇرۇھ سىياسىي كۈچ بار ئىدى. بىرىنچى، گۇرۇھ قۇرەيىش قەبىلىنىڭ ھاشىم جەمەتى ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى—مۇھاجىرلار، ئۇلار: بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇرۇقداش ھەم ئۇنىڭ ئورنىنى ئەڭ بالدۇر ئېتىراپ قىلغانلارمىز، شۇڭلاشقا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسى بىزنىڭ ئىچىمىزدىن سايلىنىشى كېرەك، دەپ قارايتتى. ئىككىنچىسى، مەدىنىدىكى ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى يەنى ئەنسارلار—ئۇلار: ئەگەردە بىزنىڭ ياردىمىمىز بولمىغان بولسا، ئىسلام دىنىنىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى، شۇڭا ۋارىس بىز ئەنسارلارنىڭ ئىچىدىن چىقىشى كېرەك، دەپ تونۇيتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىككى گۇرۇھتىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا ساھابىلەر ئىدى. ئۈچىنچىسى، ئەلى گۇرۇھى بولۇپ، بۇلار قانۇنلۇق گۇرۇھ دەپ ئاتىلاتتى. ئۇلار: ئاللا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى سايلام ئارقىلىق ھەل قىلدۇرماي، ئالاھىدە ۋارىس ئەۋەتىپ ھەل قىلىدۇ، ئەلى ھەم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جىيەنى ھەم كۈيئوغلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەڭ بۇرۇن ئىسلام دىنىغا كىرگەن ساھابە، شۇڭا ئۇ ئەڭ مۇۋاپىق قانۇنلۇق ۋارىس بولالايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار سايلامغا قارشى تۇرۇپ، ئەلىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىس ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇراتتى. تۆتىنچىسى، قۇرەيىش قەبىلىسى ۋە ئۇمەييە ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى بولۇپ، ئۇلار ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن، مەككىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي ھوقۇقلىرىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغانىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانىدا، ئۇزۇن مۇددەت ئۇنىڭ بىلەن قارشى مەيداندا تۇرغان ئىدى. ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئەسلىدىكى رەھبەرلىك ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئەمما ئۇلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يەنىلا ئىنتايىن زور تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىدى. گەرچە ئەينى چاغدا ئۇلار ۋارىسلىق ھوقۇقى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن، كېيىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارمۇ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى تالىشىش كۆرىشىگە قاتناشتى. ۋارىسلىق ھوقۇقىنى ئەڭ بالدۇر تالاشقانلار ئەنسالار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مەككىدىن كەلگەن مۇھاجىرلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن مەككىگە قايتىپ كېتىدۇ، ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى مەككىدىكى مۇشرىكلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش بولۇپ، ھازىر مەككىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدى. مۇھاجىرلارنىڭ مەككىگە قايتىپ كېتىشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، مۇھاجىرلار دەسلەپتە ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئۇلار مەجبۇرى ھالدا مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە باش-پاناھسىز ئىدى، ئەنسالار ئۇلارغا ياردەم قىلىپ پاناھلىق بەرگەن؛ دەل ئەنسالارنىڭ ياردىمىدە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىن تارقىتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئىسلام ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. شۇڭلاشقا، مەدىنە ھاكىمىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى ئەلۋەتتە ئەنسارلارنىڭ زىممىسىدە بولۇش كېرەك دەيتتى. مۇشۇ خىيال بىلەن ئەنسالار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مىيىتى تېخى دەپنى قىلىنماستا سائادلارنىڭ تۇرۇشلۇق جايى سەجغادا يىغىن ئېچىپ، ئەنسارلاردىن سائاد ئىبنى ئەبادنى مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى رەھبىرى قىلىشنى مۇزاكىرلەشكەن.
ئەنسارلارنىڭ يىغىن ئېچىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىس نامزاتىنى تاللاش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئۆمەر ئۇقۇپ قالىدۇ، ئۇ ئەھۋالنىڭ جىددى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، دەرھال ئەلى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن بىرگە دەپنى ئىشلىرىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان ئەبۇ بەكرىنى چاقىرىپ چىقىدۇ ۋە قارشى تەدبىرنى مەسلىھەتلىشىدۇ. ئەبۇ بەكرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا شۇ زامان ئۆمەر، ئەبۇ. ئۈبەيدەلەر بىلەن بىرگە سەجغاغا يېتىپ بارىدۇ. يىغىن ئېچىۋاتقان ئەنسارلارنى كۆرگەندە، ئۇ، پىشقان سىياسىئونلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەقىل-پاراسەت ۋە سوغۇققانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرگە مەدھىيە ئوقۇغاندىن كېيىن، كۆپچىلىككە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپە ۋە نىشانىنى بايان قىلىدۇ، مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلارنىڭ ئوخشىمىغان تارىخى تۆھپىلىرىنى ئوبېكتىپ شەرھىيلەپ، مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ھالدا مەدىنە ئىسلام ھاكىمىيىتىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ: «بىزنىڭ ئادەملىرىمىز (مۇھاجىرلار) ئەمىر، سىلەرنىڭ ئادەملىرىڭلار (ئەنسارلار) ۋەزىر بولسۇن. مۇھىم ئىشلارنى مۇزاكىرلەشكەندە، سىلەر ھوقۇقۇڭلاردىن ۋاز كەچمەيسىلەر، سىلەرنىڭ بۇ خىل ھوقۇقىڭلار دەخلىگە ئۇچرىمايدۇ، بارلىق زور ئىشلارنى قارار قىلىشتا سىلەردىن يوشۇرۇن ئىش ئېلىپ بېرىلمايدۇ» دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ گەپ-سۆزلىرى شۇ مەيداندىكى ئەنسارلارنىڭ ئەقلىنى ئاچىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن، ئەبۇ ئۈبەيدە ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئى، ئەنسارلار! سىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەڭ بۇرۇن قوللىغانلار ئىدىڭلار، ئەندى، ئەڭ بۇرۇن نىيىتىدىن يېنىۋالغانلار بولۇپ قالساڭلار بولمايدۇ!»، دەيدۇ. بىر نەپەر ئەنسار ھاياجانلانغان ھالدا: «ئاللاھغا قەسەمكى، ئەگەردە بۇرۇن مۇشرىكلار بىلەن بولغان كۈرەشلەردە بىزنىڭ تۆھپىمىز بار دېيىلسە ئۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشىش، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە بويسۇنۇش ئۈچۈن ھەمدە ئۆزىمىز ئۈچۈن بولغان. بىز ھازىر مۇشۇ ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى جارى قىلدۇرايلى، ئاللاھغا ھۆرمەت قىلايلى، مۇھاجىرلار بىلەن تالىشىپ يۈرمەيلى!» دەيدۇ. يەنە بىر ئەنسارمۇ: «ئەينى چاغدا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھاجىرلاردىن ئىدى، ھازىر داھىيمۇ مۇھاجىرلاردىن بولۇشى كېرەك، بىز ئۇنىڭغا ھەمدەم بولايلى، خۇددى ئەينى چاغدا ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ھەمدەم بولغاندەك» دەيدۇ. ئەبۇ بەكرى كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ: «ئاللاھ ئەنسارلارنى پاناھىدا ساقلىسۇن!» دەيدۇ، ئاندىن كېيىن ئۆمەرگە قاراپ: «قولۇڭنى ئەكەل، بىز قەسەم قىلىپ ساڭا ساداقىتىمىزنى بىلدۈرەيلى!» دەيدۇ. ئۆمەر: «سەن مەندىنمۇ مۇنەۋۋەر» دېسە، ئەبۇ بەكرى: «سەن مەندىن كۈچلۈكرەك» دەيدۇ. ئۆمەر: «مېنىڭ كۈچۈم ساڭا مەنسۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېنىڭ مۇنەۋۋەرلىكىڭ قوشۇلسا، سەن ئەڭ مۇۋاپىق» دەيدۇ-دە، ئاندىن جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن قەتئىي ھالدا: «ئەبۇ بەكرى، ئەكەل قولۇڭنى!» دەپ، ئەبۇ بەكرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىگە قەسەم قىلىپ ساداقىتىمىزنى بىلدۈرەيلى!» دەپ ۋارقىرايدۇ. ئۇنىڭ سۆزى تۈگەش بىلەنلا مەيلى مۇھاجىر، مەيلى ئەنسار بولسۇن، مەيداندىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى تۇشمۇ-تۇشتىن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئەبۇ بەكرىگە قەسەم بېرىپ ساداقىتىنى بىلدۈرىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ئەنسارلار بىلەن مۇھاجىرلارنىڭ نىشانى بىر بولۇپ، تۈپكى مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىرىنسىپال ئىختىلاپ يوق. پەقەتلا، ئەنسارلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى تۈپەيلى ھوقۇق بوشلۇقى پەيدا بولۇپ، دۆلەت ماشىنىسىنىڭ نورمال ئايلىنىشى تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، ۋارىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئالدىرىغان. سائاد ئىبنى ئەبادمۇ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارغا ھەم ئىناۋەتكە ئىگە مۇنەۋۋەر شەخس بولۇپ، پەقەت ئەبۇ بەكرىگە سېلىشتۇرغاندا سەل تۆۋەن تۇراتتى، خالاس. شۇڭا، ئەينى چاغدا ئەڭ ياخشى نامزات ئۇ ئەمەس بەلكى ئەبۇ بەكرى ئىدى. شۇنداق قىلىپ، تولۇق كېڭىشىش، سوغۇققانلىق بىلەن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كۆڭلىدىكى يېڭى داھىي—خەلىپە ئەبۇ بەكرىنى سايلاپ چىقتى.
ۋەزىپە تاپشۇرۇۋىلىش نۇتىقى؛
مۇسۇلمانلار سەجغادا يىغىن ئېچىپ ئەبۇ بەكرىگە قەسەم بەرگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى، تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلمانلار مەسچىتتە ئەبۇ بەكرىگە قەسەم بېرىپ ساداقىتىنى بىلدۈردى. ئۇندىن كېيىن ئەبۇ بەكرى ۋەزىپە تاپشۇرىۋىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. ئاللاھغا، پەيغەمبەرگە مەدھىيە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى خالايىق! مەن بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئالدىم. لېكىن، بۇ مېنىڭ سىلەردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەگەردە مەن توغرا قىلسام، سىلەر مېنى قوللاڭلار، ئەگەردە مەن خاتا قىلسام، سىلەر تۈزىتىڭلار. راست گەپ قىلىش-سەمىمىيلىكنىڭ ئىپادىسى، يالغانچىلىق قىلىش—خائىنلىقتۇر. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاجىزلارنى مەن كۈچلۈك دەپ قارايمەن. ئۇلارغا تېگىشلىك ھوقۇق بېرىمەن. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى كۈچلۈكلەرنى مەن ئاجىز دەپ قارايمەن، ئاللاھ خالىسا، مەن ئۇلاردىن ئېلىۋېلىشقا تېگىشلىك ھوقۇقلارنى ئېلىۋالىمەن. ھەرقانداق بىر قەبىلە ئۇلۇغ ئاللاھ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك، بولمىسا ئاللاھ ئۇنى پەس قىلىدۇ. يامانلىق قىلىپ گۇناھ قىلغانلارغا، ئاللاھ چوقۇم بالا-قازا ياغدۇرىدۇ. مەن پەقەت ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنسام، سىلەر ماڭا بويسۇنۇڭلار، ئەگەردە مەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلسام، سىلەرنىڭ ماڭا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتىڭلار بولمايدۇ، ئەمدى ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ دۇئا قىلايلى، ئاللاھ بىزگە رەھمەت قىلسۇن». كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، ئەبۇ بەكرىنىڭ نۇتىقى، ئالاھىدە بىر نۇتۇق بولۇپ، ئۇنىڭدا دەبدەبىلىك، ئۇزۇن گەپلەر يوق ئىدى، شۇنداقلا ئارتۇقچە ۋەدىلەرمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ نۇتىقى ئىخچام، چۈشىنىشلىك، ئاددى بولۇپ، ئۇنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: ئۇ ئۆزىنى ئامما بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويغان بولۇپ، ئاممىدىن ئۈستۈن بولىۋالمىغان، خان-پادىشاھلاردا بولىدىغان ھاكاۋۇرلۇق، مەغرۇرلۇق يوق. ئۇ ئۆزىنى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان ئادەتتىكى ئادەم دەپ قاراپ، خاتالىق بولسا ئاممىنىڭ تۈزىتىشىنى، نازارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئۇ قانۇن-تۈزۈمنى تەكىتلىگەن، ئۇ ئۆزىنىڭ قانۇنغا بويسۇنىشىنى كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭغا بويسۇنۇشىنىڭ شەرتى قىلغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بىلەن ئامما ئارىسىدا كېلىشىم مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن. ئۇ شۇنداقلا نوقۇل ھالدا كەمتەرلىككىلا ئېسىلىۋالماي، قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دەپ جاكارلىغان: قانۇن-تۈزۈمگە بويسۇنماي جىنايەت سادىر قىلىدىغان ئاتالمىش «كۈچلۈك» لەر مېنىڭ نەزىرىمدە «ئاجىز» لار بولۇپ، ئۇلارنى ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىمەن؛ قانۇننى ھىمايە قىلىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ئاتالمىش «ئاجىز» لار، مېنىڭ نەزىرىمدە كۈچلۈكلەر بولۇپ، مەن ئۇلارغا تەۋە ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىمەن.
توپىلاڭلارنى تىنجىتىش؛
ئەبۇ بەكرى خەلىپە بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن باش قاتۇرىدىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. ئۇنى ھەقىقەتەن قىيىن پەيتتە ئەمەل تۇتتى دېيىشكە بولاتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا، زېھنىنى ئاساسەن مەدىنە ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشكە سەرىپ قىلىپ، بىر تەرەپتىن مەككە قۇرەيىش مۇشىرىكلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەدىنىنىڭ ئىچىكى قىسمىدىكى يەھۇدىيلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە تاقابىل تۇراتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىن تارقىتىش دائىرىسى ئاساسەن مەدىنە ۋە مەككە شەھىرىنىڭ ئەتراپى بىلەنلا چەكلىنەتتى. مەككە فەتىھ قىلىنغاندىن كېيىن، مەدىنىدىن يىراق جايلاردىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ، گەرچە ئەلچى ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتىپ يېڭى ھاكىمىيەتكە بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىسلام دىنىنى چىن دىلىدىن تامامەن قوبۇل قىلمىغانىدى. توغرا ئېتىقاد تېخى ئۇلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتمىغان ئىدى. كۆچمەن ئەرەبلەر ئىچىدە، بۇتقا ۋە تەبىئەتكە چوقۇنۇش يەنىلا ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ، ئۇلار ئۆزى بەگ، ئۆزى خان ئەركىن تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغان، كونا قاراشلار ئۇلارنىڭ كاللىسىدا تېخىچىلا ئىنتايىن چوڭقۇر ئىدى. بىر يېڭى ئېتىقادنىڭ كونا قاراشنىڭ ئورنىغا دەسسىشى ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەلگە ئاشمايتتى. قايتىلىنىش ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ يۈز بېرىشى تەبىئى ئەھۋال ئىدى. ئەمەلىيەتتە، مۇناپىقلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەدىنىدىكى يەھۇدىيلارمۇ، مەدىنىنىڭ سىرتىدىكى ئەرەبلەرمۇ بار ئىدى. تۆت ئەتراپتىكى كۆچمەن ئەرەبلەردە تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، شۇ ۋاقىتلاردىلا مۇناپىقلىق ئالامەتلىرى كۆزگە كۆرۈنۈپلا قالغانىدى. ئەسۋاد ئەنسا يەمەندە ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان، مۇرسەلىمەمۇ پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان، ناجىداتا تەلھامۇ ئۇلارنى دوراپ پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغانىدى. بىر مەزگىل، بىر قانچە ساختا «پەيغەمبەر» لەر پەيدا بولۇپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئالا-توپىلاڭ كۆتەرگەنىدى. ئەينى چاغدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، بۇ مۇناپىقلار ۋە ساختا «پەيغەمبەر» لەرگە قارىتا ھەرىكەت قوللانمىغان. ئۇ چاغدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئويلىغىنى، مەككە فەتىھ قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسلام ھاكىمىيىتىگە بولغان تەھدىت ئاساسەن شىمالدىكى رىم (ۋىزانتىيە) ئىمپىرىيىسىدىن كېلەتتى. ۋىزانتىيە پادىشاھى ھىراقلىنىڭ ئارمىيىسى پىرىسىيە ئىمپىرىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى؛ مۇۋۇتەي غازىتىدىمۇ مۇسۇلمانلار ئۇلارنى يېڭەلمىگەنىدى. ئۇزۇندىن بۇيان، كىشىلەردە ۋىزانتىيە ئارمىيىسىدىن قورقۇش پىسخىكىسى بار ئىدى. شۇڭلاشقا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام زەيىد ئىبنى ھارسەنىڭ ئوغلى ئۇسامەنى چوڭ قوشۇنغا باشچى قىلىپ شىمالدىكى ۋىزانتىيىگە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ئەۋەتتى، ئاندىن كېيىن جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ مۇناپىقلارغا جازا يۈرۈشى قىلماقچى ئىدى. ئۇ چاغقا بارغاندا، بۇ چۈپرەندىلەر جەڭ قىلمايلا تەسلىم بولاتتى. ئەپسۇسكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ئىستىراتىگىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچە، تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتۈپ، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئىز-باسار ۋارىسلىرىغا قالدى. مۇناپىقلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، ئۆكتەملىك بىلەن توپىلاڭ قىلىپ، ئەبۇ بەكرىگە جەڭ ئېلان قىلدى.
ئەينى چاغدا توپىلاڭ قىلغان قەبىلىلەر بەنى تەنبا، شەندەي فاڭ قاتارلىقلار بولۇپ، يەنە يېرىم ئارالنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىمامە، شەرق قىسمىدىكى بەھرەيىن، جەنۇبىدىكى ئوممان، خادېرانى ۋە يەمەن رايونلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توپىلاڭنىڭ ئوتى تۇتۇشۇپ كەتتى. توپىلاڭ ئالدى بىلەن، مەدىنىنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باشلاندى. ئۇلار ئىسلام دىنى ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىشنى خالىماي، ئەبۇ بەكرىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ، داۋاملىق زاكات تاپشۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. روشەنكى، بۇ ئىسلام دىنى ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئوچۇق-ئاشكارا قارشى تۇرۇپ، ئۆتمۈشتىكى قەبىلە تۇرمۇشىغا قايتىشنى خام-خىيال قىلغانلىق ئىدى. ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئەبۇ بەكرى كەسكىن رەت قىلدى ھەمدە ئۇلارنى قوراللىق باستۇردى. ئاخىرىدا، ئۇلار يەنىلا ئىسلام ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە داۋاملىق زاكات تاپشۇرىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەبۇ بەكرى يەنە 11 يۈرۈش قوشۇن چىقىرىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى توپىلاڭلارنى ئومۇميۈزلۈك تىنجىتىپ، ناھايىتى تېزلا غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. ھەر قايسى ئۇرۇقداش قەبىلىلەر قايتىدىن ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدى. رىم ۋە پىرىسىيە ئىمپىرىيىلىرى بۇرۇن مۇناپىقلارغا نۇرغۇن ياردەملەرنى بېرىپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ئىدى. مۇشۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىچكى قىسىمدىكى توپىلاڭلارنى بېسىقتۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلا، ئەبۇ بەكرى دەرھال رىم، پىرىسىيەلەرگە يۈرۈش قىلىپ، ئۇلارغا قارىتا جازا يۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى. مىلادىيە 633-يىلى، ئەمىر ئىبنى ئاس (تەخمىنەن مىلادىيە 629-يىلى ئىسلام دىنىغا كىرگەن)، ئەبۇ سۇفىيان ۋە ئىبنى ھارىسە باشچىلىقىدىكى 3 مۇسۇلمان قوشۇنىنى 3 يولغا بۆلۈپ سۈرىيىگە يۈرۈش قىلدۇردى. ئەمىر.ئىبنى.ئاس باش قوماندان بولدى. مۇسۇلمان قوشۇنلىرى ئۆلۈك دېڭىزنىڭ جەنۇبىدا ۋىزانتىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ھەمدە خالىد باشچىلىقىدىكى قوشۇنلار بىلەن دەمەشقىنىڭ جەنۇبىدىكى بەسرەدە ئۇچراشتى. خالىد بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى. 364-يىلى 7-ئايدا، مۇسۇلمان قوشۇنلىرى ئېزنادىن رايونىدا زور غەلبىگە ئېرىشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەبۇ بەكرى ۋاپات بولدى. ئەبۇ بەكرى باشلىغان رىم، پىرسىيە ئىمپىرىيىلىرىگە جازا يۈرۈشى ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتى، 2-خەلىپە ئۆمەر دەۋرىدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى.
خەلىپە ئەبۇبەكرىنىڭ ھوقۇق تۇتقان ۋاقتى پەقەت قىسقىغىنە 2 يىللا بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىسلام دىنى تارىخىدىكى ھالقىلىق دەۋر ئىدى، ئىسلام دىنى زور خەۋىپكە دۇچ كەلگەن پەيتتە، ئۇ كەسكىنلىك بىلەن مۇناپىقلارنى جازالاش جېڭىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈردى؛ ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ زەيد ئىبنى سابىتقا «قۇرئان كەرىم» نى يىغىپ رەتلەتكۈزدى. ئۇ رىم، پىرىسيىلەرگە يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خەلىپە ئىمپىرىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ھەمدە ئىسلام دىنىنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشىغا ئاساس سالدى. ئۇنىڭ تارىخىي تۆھپىسىگە قەتئىي كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇنبىرىدىن ئېلىندى؛

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 42

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 2003 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 6قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-05-02