سىتىف جوبىس

سىتىف جوبىس


سىتىف جوبىس  (Steve Jobs)سىتىف جوبىس (Steve Jobs)


    ئالما شىركىتى 5-ئۆكتەبىر باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتىف جوبىسنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلاپ شىركەت تورىدا مۇسىبەت خەۋىرىنى ئېلان قىلدى. دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى رىۋايەت تۈسىدىكى بۇ كىشى 56 يېشىدا بۇ دۇنيادىن ئايرىلدى.

    سىتىف جوبىس 1955-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان. 1972-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئورىگان شىتاتىنىڭ پورتلاند شەھىرىدىكى رىد ئىنىستىتۇتىدا بىر مەۋسۈملا ئوقۇغان. 1974-يىلى جوبىس بىر شىركەتتە كومپىيوتىر ئويۇنىنى لايىھىلەش خىزمىتىنى قىلغان. ئىككى يىلدىن كېيىن 21 ياشلىق جوبىس بىلەن 26 ياشلىق ۋوزنىك جوبىس ئائىلىسىنىڭ ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئالما كومپىيوتېر شىركىتىنى قۇرغان. جوبىس-كىشىلەر تەرىپىدىن كومپىيوتېر ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى نامايەندە، شۇنداقلا ماكىنتوش كومپىيوتىرى، ئايپەد، ئايپود، ئايتيۇنىس ستور، ئايفون قاتارلىق داڭلىق سېفىرلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ياراتقۇچىسى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

1976-يىلىدىكى سىتىف جوبىس بىلەن ۋوزنىكنىڭ ماشىنا ئىسكىلاتىدا قۇرغان ئالما كومپيۇتېر شىركىتى1976-يىلىدىكى سىتىف جوبىس بىلەن ۋوزنىكنىڭ ماشىنا ئىسكىلاتىدا قۇرغان ئالما كومپيۇتېر شىركىتى

    جوبىس يەنە پىكسار شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى بولغان، پىكسار شىركىتى 2006-يىلى دىسنىي شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. جوبىس ئەڭ كۆپ سېتىلغان كارتون فىلىم «ئويۇنچۇقلار ھەرىكىتى» بىلەن «قۇرۇتلار كىرىزىسى» نىڭ فىلىمنى ئىشلىگەن بۇ شىركەتنىڭ مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسى شۇنداقلا ئەڭ چوڭ پايچېكى بولغان. جوبىسنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا كەلسەك، ھازىرغىچە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق. پەقەت ئۇنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقى ئېنىق، بىراق جوبىس ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى مەخپىي تۇتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ ئاشكارە سورۇنلاردا تولىمۇ ئورۇقلاپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ راك كېسىلىنىڭ قايتا قوزغالغالدى دەپ قاراپ شىركەتتىن پايچېكىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى توغرىسىدا ھېچنىمە دېمىگەن. پەقەت 2008-يىلى 9-ئايدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مېنىڭ ئۆلۈمۈمگە ئالاقىدار خەۋەرلەر بەك ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق دېگەن. 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، جوبىس شىركەتتىكى ھەربىر خىزمەتچى خادىمغا خەت ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئويلىغاندىنمۇ بەك ناچارلاشقانلىقىنى، شىركەتتىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ داۋالانماقچى بولغانلىقىنى ھەمدە يازدا خىزمەتداشلىرى بىلەن قايتا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەن ئالما شىركىتىنىڭ پايچېكى شۇ كۈنىلا %10 چۈشۈپ كەتكەن. 2009-يىلى 4-ئايدا، جوبىس تېننېسسى شىتاتىدىكى مېسودىس ئەزالارنى كۆچۈرۈش تەتقىقات ئورنىدا جىگىرىنى يۆتكەش ئوپىراتسىيىسى قىلدى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، يەنە ئىشقا چۈشكەن. 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئالما شىركىتى جوبىسنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئالتە ئايغا يېقىن دەم ئالغاندىن كېيىن قايتىدىن خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان. 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى جوبىس ئالما شىركىتىنىڭ 2009-يىللىق كۈزلۈك يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان. بۇ جوبىسنىڭ داۋالاشتىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم شىركەتنىڭ مۇھىم پائالىيىتىگە چىقىشى ھېسابلىنىدۇ.

سىتىف جوبىس ۋاپات بولغان كۈنى شىركەتتىكى خادىملار بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ، تەزىيە بىلدۈردىسىتىف جوبىس ۋاپات بولغان كۈنى شىركەتتىكى خادىملار بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ، تەزىيە بىلدۈردى


    2011-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 56 ياشلىق سىتىف جوبىس ئېلخەت ئارقىلىق شىركەتتىكى خادىملارغا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خەۋەرنى ئېلان قىلغان يەنى مۇدىرىيەتنىڭ ئۇنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن سورىغان رۇخسىتىنى تەستىقلىغانلىقىنى، باش تىجارەت ئەمەلدارى تىم كۇكنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ بارلىق كۈندىلىك تىجارىتىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇ جوبىسنىڭ 2009-يىلى 1-ئايدىن بۇيانقى ئىككىنچى قېتىم باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى. 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالما شىركىتى جوبىسنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

    ئۇنىڭ ھاياتىدا ئېرىشكەن شان شەرەپلىرىگە قاراپ باقايلى؛

    1985-يىلى جوبىس زۇڭتۇڭ رىگان بەرگەن دۆلەت دەرىجىلىك تېخنىكا ئوردىنىغا ئېرىشكەن.

    1997-يىلى «دەۋر» ژۇرنىلىرىنىڭ باش بېتىگە چىققان، شۇيىلى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان باشقۇرغۇچى، داڭلىق كومپىيوتېر سەۋدايىسى دەپ باھالانغان.

    2007-يىلى سىتىف جوبىس «بايلىق» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2007-يىلىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ سودىگەر دەپ باھالانغان.

    2009-يىلى بايلىق ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئون يىل جەريانىدىكى ئامېرىكىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دەپ باھالانغان، شۇ يىلى يەنە دەۋر ژۇرنىلىدىكى يىللىق داڭلىق شەخس بولۇپ باھالانغان.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 12

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1218 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 7قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-28