رەجەپ تاييىپ ئەردوغان

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان


    رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەسلى يۇرتى ئاناتولىيەنىڭ ئەڭ شەرقى شىمالىدىكى رىزە ئۆلكىسى بولۇپ 1954-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئستانبۇلدا تۇغۇلغان. 1965-يىلى قاسىم پاشا پىيالە باشلانغۇچ مەكتىۋىنى، 1973-يىلى ئستانبۇل ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەن. ئىمتىھان بىرىۋاتقان مەزگىلىدە يەنە ئەييۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىدىنمۇ دىپلوم  ئالغان. ئۇنىۋېرستىتنى مەرمەرە ئۇنىۋىېرستىتى ئىقتىسادى ۋە تىجارى بىلىملەر فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان ئەردوغان بۇ فاكۇلتىتنى 1981-يىلى تاماملىغان.

    ياش چاغلىرىدىن باشلاپ ئىجتىمائى ھايات ۋە سياسەتكە چوڭقۇرلاشنى تاللىغان ئەردوغان، مۇنتىزىم ھەمكارلىق خىزمىتى ۋە ھەمكارلىق روھىنى ئۆزىگە ئنتايىن كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپ  ئۆگەتكەن پۇتبول بىلەن (1969-1982) ئشتىن سرت شۇغۇللىنىش ئارقىلىق  ئىپادىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە،بۇ يىللاردا بىر ياش ئىدىئالىست بولۇش سۇپىتى بىلەن  دۆلەت ۋە دۇنيا مەسللىرى ۋە كوللىكتىپ مەسللەرگە كۆڭۈل بۆلگەن ئەردوغاننىڭ ئاكتىپ سياسىيغا قەدەم ئېلىش دەۋرى باشلاندى. تولۇق ئوتتۇرا ۋە  ئۇنىۋرستېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مىللى تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپسىدا ئاكتىپ ۋەزىپە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 1976-يىلىدا (MSP)بايئوغلۇ ياشلا تارمىقى باشلىقلىق ۋەزىپىسى ۋە شۇ يىلى (MSP) ئستانبۇل ياشلار گۇرۇپپىسى باشلىقلىق ۋەزىپىسگە سايلاندى. 1980-يىلىغا قەدەر، بۇ ۋەزىپىلەرنى داۋاملاشتۇرغان ئەردوغان سىياسىي پارتىيلەرنىڭ ئەسكىرى زەربىسى بىلەن تاقىۋېىتىلگەن 1980-يىلى 12-سىنتەبىر مەزگىلىدە ئالاھىدە بۆلۈمدە بىر مەزگىل مەسلىھەتچى، يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىدى.

     1983-يىلى قۇرۇلغان رەفاھ پارتىيسى بىلەن ئاكتىپ سىياسى ھەرىكەتكە قايتىپ كەلگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 1984-يىلىدا رەفاھ پارتىيسى بەيئوغلۇ رايون باشلىقى، 1985-يىلىدا بولسا، رەفاھ پارتىيسى ئستانبۇل رايون باشلىقى ۋە رەفاھ پارتىيسى بەيئوغلۇ ناھىيە باشلىقى (MKYK) ئەزاسى بولدى. ئستانبۇل رايون باشلىقى ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن ئەسناسىدا، باشقا سىياسى پارتىيلەر ئۈچۈن مودىل بولغان يېڭى بىر تەشكىلى قۇرۇلمىسى بەرپا قىلغان ئەردوغان ،بۇ مەزگىلىدە مەخسۇس ھالدا  ئاياللار ۋە  ياشلارنىڭ سىياسىيغا قاتنىششنى ئىلگىرى سۇرىدىغان يىتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى. سياسەتنىڭ ئوچۇق- ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ ئېتىبارغا ئېلىنىشى يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى ئالدى.بۇ خىزمەتلەر ئەردوغان مەنسۇپ بولغان رەفاھ پارتىسيگە 1989-يىلى بەيئوغلۇ يەرلىك سايلىمىدا چوڭ غەلبە ئەكىلىپ، يۇرتقا پارتىيە خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك تىكلەپ بەردى.

     1994-يىلى 27-مارت يەرلىك سايلىمىدا ئستانبۇل بۈيۈك شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سىياسى ئىقتىدارى، ھەمكارلىشپ ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىقتسادى ساھەلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىكى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم مەركىزى شەھەرلەردىن بىرى بولغان ئستانبۇلنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەسللىرىگە توغرا دىئاگنوز قويدى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى يۈز كىلومېترلىق يېڭى تۇرۇبا يوللىرى ياتقۇزۇش بىلەن، كېرەكسز ماتىريال ۋە ئەخلەت مەسىلىسى دەۋرنىڭ ئەڭ ئىلغار بولغان قايتا پايدىلىنىش مۇئەسسەلىرىنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن ھەل قىلىندى.

    ھاۋانىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ئەردوغان دەۋرىدە تەرەققىي قىلدۇرۇغان تەبئىي گازغا كۆچۈش پىلانلىرى بىلەن ھەل قىلىنغان بولسا، شەھەرنىڭ قاتناش ۋە تىرانسپورت مەسىسلىسگە قارىتا 50 دىن ئارتۇق كۆۋرۈك، ئۆتۈشمە يول ۋە يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يوللىرى ئىنشا قىلىندى. مەنپەئىتى كېينكى مەزگىللەرگە قەدەر سوزۇلىدىغان نۇرغۇن چوڭ پىلانلار ئىشقا كىرىشتۇرۇلدى. شەھەر بايلىق مەنبەسىنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشى ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقستى بىلەن ئالاھىدە تەدبىر قوللانغان ئەردوغان 2 مىلىيارد دوللار قەرز بىلەن ئۆتكۈزۇۋالغان ئستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسنىڭ قەرزلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تۆلىدى ۋە بۇ ئارىدا 4 مىلىيارد دوللارلىق مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە شەھەرچىلىك تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر ئاچقان ئەردوغان بىر تەرەپتىن باشقا شەھەرلەرگە ئۆرنەك بولۇش بىلەن بىرگە، بىر ياندىن خەلق نەزىرىدە بۈيۈك بىر ئىشەنچكە ئېرىشتى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1997-يىلى 12-دىكابىردا خەلقكە خىتاب قىلىپ سۆزلىگەن نۇتۇقى جەريانىدا، مىللىي مائارىپ مىنستىرلىكى تەرىپىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا تەۋسيە قىلىنغان ۋە بىر دۆلەت ئاپپاراتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىتابتىكى بىر شىئېرنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ھەپىس جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ۋە ئستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيە باشلىقى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتۇرۇلغان. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 4 ئاي تۇرغان جازا ئۆيىدىن چىققاندىن كېيىن جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك تەلىۋى ۋە دىموكراتىك جەريانلارنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە، 2001-يىلى 14-ئاۋغۇستتا دوسىتلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى» (Adalet ve Kalkınma Partisi’ni (AK Parti)) نى قۇردى ۋە پارتىيە قۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنىڭ قۇرغۇچى ئاساسى باشلىقى بولۇپ سايلاندى. مىللەتنىڭ تاللىشى ۋە ئىشەنچىسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنى تېخى قۇرۇلۇپ بىرىنچى يىلىلا تۈركىيەدىكى ئەڭ كۆپ خەلق قوللىشىغا ئېرىشكەن سىياسىي ھەرىكەت ھالىتىگە ئېلىپ كەلدى ۋە 2002-يىلىدىكى ئاساسى سايلامدا ئۈچتە ئىككى پارلامنىت كۆپ سانلىق ئورنى بىلەن يالغۇز ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان پارتىيە بولدى.

   ئۆزى ھەققىدىكى سوت قارارى سەۋەبىدىن 2002-يىلى 3-نويابىر سايلىمىدا مىللەت ۋەكىلى نامزات بولۇشى چەكلەنگەن ئەردوغان، قانۇنى يول ئارقىلىق نامزاتلىق سالاھىيتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 2003-يىلى 9-مارتتا سىېرت ئۆلكىسىنىڭ مىللەت ۋەكىلى يېڭىلىنىش سايلىمىغا قاتناشتى. بۇ سايلامدا%85 ئاۋازغا ئېرىشكەن ئەردوغان 22-نۆۋەتلىك سېرت ۋىلايىتى مىللەت ۋەكىلى سالاھىيتى بىلەن پارلامېنىتقا كىردى. 2003-يىلى 15-مارتتا باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسنى ئۇستىگە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارلاق ۋە سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان بىر تۈركىيە ئارزۇسى بىلەن ھاياتىنى مۇھىملىققا ئىگە قىلىدىغان بىر قاتار ئسلاھات تەدبىرلىرىنى قسقا مۇددەت ئىچىدە يولغا قويدى. دىموكراتىيلىشش، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يولىدا نۇرغۇن مۇساپىلەرنى باستى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق پىسخىكىسىنى بولۇمسز تەرەپكە بۇراپ كېلىۋاتقان ۋە ئون نەچچە يىلدىن بېرى ھەل بولمىغان پۇل پاخاللىقى كونتىرول قىلىندى. تۈرك لىراسى بۈيۈك ئېتىبار قازاندى. دۆلەتتىن قەرز ئېلىش ئۆسۈم نسبىتى تۆۋەنلىتىلدى. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىم تارىخى بىر يۈكسىلىش بىلەن ئۆرلىدى. دۆلەت تارىخىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تىزلىك ۋە زور ساندىكى سۇ توسمىلىرى، تۇرالغۇلار، مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە ئېنىرگىيە توك تارقىتىش زاۋۇتلىرى ئىشقا كىرىشتۇرۇلدى. ماددى پاراۋانلىق ۋە تەرەققىيات ھامىيسدىكى بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتلەر يېڭى تۈركىيەدە دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ساھەلىرىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى دۇنيانىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆزەتكۈچىلىرى ئەردوغاننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان «ئاۋازسىز ئىنقىلاپلىرى» سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشتى.

    رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتپاقىغا كىرىش مۇساپىسدە، دۆلەت تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشەببۇسلىرىغا قوشۇمچە قىلىپ، دانا تاشقى سىياسەت ۋە جىددى زىيارەت-ئالاقە يولى بىلەن سىپرۇس مەسىلىسنى مەڭگۈلۈك بىر تەرەپ قىلىش ۋە دۇنيادىكى تۈرلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئۈنۈملۈك ئالاقىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەلىرىدە مۇھىم قەدەملەرنى ئالدى. بەرپا قىلغان ئومۇمىي مۇقىم ۋەزىيەت ۋە ئىچكى دىنامىكىلىق ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى تۈركىيەنى ئۆز رايونىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر مەركەز دۆلەت سۈپىتىگە كەلتۈردى. تۈركىيەنىڭ تىجارەت ھەجىمى ۋە سىياسىي كۈچى، پەقەت ئۇنى ئۆز ئىچىگە جۇغراپىيلىك رايوندىلا ئەمەس، خەلقئارادا ھېس قىلىنغۇدەك سەۋىيەدە ئۆستى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2007-يىلى 22-ئىيۇلدىكى ئاساسى سايلامدا% 46.6 ئاۋاز بىلەن بۈيۈك بىر غەلبە قازانغان ئادالەت پارتىيەسنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ 60-ھۆكۈمىتىنى قۇردى ۋە تەكرار ئىشەنچلىك ئاۋازغا ئېرشتى. ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپسنڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا يىقىن 2010-يىلى 12-سىنتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسى قانۇن ئۆزگەرتىشكە مۇناسۋەتلىك چوڭ رىفراندۇمدا%58 «قوللايمىز» ئاۋازىغا ئېرىشپ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېتەكچلىك قىلغان ھەرىكەت تارىخى بىر مۇۋەپپەقيەت قازاندى.

    2011-يىلى 12-ئيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسى سايلاملاردىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى سايلام بېلىتىنىڭ % 49.8 گە ئېرىشپ قايتا بۈيۈك بىر زەپەر قازاندى. 3-نۆۋەت باش مىنىستىرلىك كۇرسىغا ئولتۇرغان ئەردوغان پارتىيسنىڭ سايلام بېلىتىنى ئارقىمۇ-ئارقا 3 قېتىم ئۆستۈرۈپ تۈرك سىياسى تارىخىدىكى بىر يېڭىلىققا ئىمزا قويغۇچى بولۇپ قالدى. تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جامائەت ئارىسدا ھۆرمەتلىنىدىغان يۇقىرى ئورۇنغا چىققان بۇ جەرياندا، باش مىنىستىر ئەردوغان بىر دۇنيا رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن نامايان بولدى. ھازىرمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيتى باش مىنستىرلىك ۋەزىپىسنى ئۆتەۋاتقان باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1978-يىلى ئەمىنە خانىمغا ئۆيلەنگەن ۋە ئىككى ئوغۇل ئىككى قىز 4 بالىنىڭ دادىسى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 14

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1456 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-11