ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا


ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنائەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا
ئەل فارابىنىڭ شاگىرتى ئىنسىكلوپىدىك ئالىم-ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا مىلادى 980-يىلى بۇرۇنقى سامانىلار سۇلالىسى (مىلاى875-999-يىللىرى) نىڭ پايتەختى بۇخارانىڭ يېنىدىكى بىر قىشلاقتا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇللا ئەسلى بەلخلىق بولۇپ، بۇخاراغا كېلىپ ياشىغانىدى. ئۇ دۆلەتمەن ۋە مەدەنىيەتلىك كىشى بولۇپ، سامانىلار خانلىقىنىڭ كىچىك ئەمەلدارلىرىدىن ئىدى. مىلادى 999-يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسى سامانىلار سۇلالىسىنى ئۆزىگە قاراتقاندىن كېيىن، ئىبنى سىنا بۇخارا، ئورگەنج قاتارلىق جايلاردا ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. كېينىچە ئىراندىكى ئىسپاھان، ھەمەدان قاتارلىق جايلاردا تىبابەتچىلىك، فىزىكا، ماتېماتىكا ۋە پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «ئەلقانۇن»، «كىتابۇلشىفا»(شىپالىق كىتابى)، «دانىشنام»، «رىسالەفى ئەل موسقى غەيرمۇفى ئەل شىفا»(مۇزىكا توغرىسىدا«شىفا»دا بېرىلگەندىن باشقا رىسالە) قاتارلىق ئەسەرلىرى پۈتۈن شەرق ئەللىرى تىبابەتچىلىكى ۋە مۇزىكىچىلىقىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، ئىبنى سىنا مىلادى 1037-يىلى ھەمەداندا ۋاپات بولغان.

ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنائەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا
ئىبنى سىنانىڭ مۇزىكا ساھەسىدىكى تۆھپىسى مۇقاملارنىڭ «ئىسلام شەرق تىپى»، يەنى ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تارىخىي تىپىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىبنى سىنانىڭ مۇزىكىغا دائىر مۇلاھىزىلىرى «كىتابۇلشىفا» ئەسىرىگە ئالاھىدە بىر قىسىم كىرگۈزۈلگەن، ئۇنى جۇرجانى پارس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇنىڭ «دانىشنامە» ناملىق ئەسىرىگە قوشۇپ ئېلان قىلغان. ئىبنى سىنا يەنە مۇزىكا ھەققىدە «كىتابۇننىجاد» ناملىق ئەسەر يازغان. بۇ ئەسەر 1931-يىلى ئەرەپ ئالىمى مەھمۇدئەل خەۋفنىڭ ئىبنى سىنانىڭ مۇزىكا نەزەرىيىسى ھەققىدە مەشھۇر كىتابى ئىچىدە نېمىس تىلىدا ئېلان قىلىنغان.
فارابىنىڭ شاگىرتى، بۇخارادا غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىدىن بىۋاستە ئوزۇقلانغان مۇتەپەككۇر ئىبنى سىنا ئۆزىنىڭ يۇقۇرى ئەسەرلىرىدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئون ئىككى مۆچەل قارىشى، سۇجۇپ ۋەكىللىكىدىكى ئون ئىككى بۇرچلۇق مۇقەددەس قارىشىنى ئەنئەنىلىرى ۋە ئىلگىرىكى شەرق ناخشا-مۇزىكىلىرىدىكى ئون ئىككى تۈركۈملۈك (مۇقاملىق) كۈي شەكلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ كۈيشۈناسلىقىدىكى مۇزىكىلىق ئاكۇستىكا، ئىنتېرۋال، رېتىم مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچىلەرنى بەرگەن. ئىبنى سىنا ئوتتۇرىغا قويغان ئون ئىككى كۈي شەكلى مۇنداق:
1.رەھاۋى          2.ھۈسەينى 
3.راست             4.ھىجاز
5.ئابۇچەشمە     6.بۇزرۇك
7.ئىراق            8.ئىسپاھان  
9.ناۋا              10.ئوششاق
11.زەنگۈلە      12.سەلىقە
لېكىن بۇ ناملار ئەينى ۋاقىتتا يۈرۈشلەشكەن كۈيلەر سېكلىنى ئاڭلاتماستىن، كۈيلەرنىڭ ئاكوستىلىق ئورۇنلىرىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللىنىلغان. ئىبنى سىنانىڭ ئەنە شۇ مۇزىكا نەزەرىيىسى ئاساسىدا ئەزەربەيجاندا ياشىغان مۇزىكىشۇناس سەيفىددىن ئابدۇلموئىمىن ئىبنى يۈسۈف ئەل-ئۇرماۋى (مىلادى1216-1294-يىللار) «كىتاب ئەل-ئەدۋار»(دائىرىلەر توغرىسىدا كىتاب) دېگەن ئەسىرىدە كۈيلەرنىڭ ئون ئىككى «مۇقام» دېگەن ئاتالغۇنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك، ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ئەل فارابىغا ئوخشاش، ئۇيغۇر«ئون ئىككى مۇقامى» ھەمدە شەرق خەلقلىرى مۇقاملىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېينكى تەرەققىياتى ۋە سىستېمىلىشىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان ئالىمدۇر.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 23

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1886 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-24