خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق
چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەشخۇرشىد ئەھمەد
خۇرشىد ئەھمەد ئىسلامنى قايتا گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى ۋە ئىدىيە ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئىقتىسادشۇناس. ئۇ مەۋدۇننىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، كېيىن پاكىستان «ئىسلامنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەھبىرى ۋە پاكىستان كېڭەش پالاتاسى، ھۆكۈمەت ئىچكى كابېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان، ئۇ يەنە خەلقئارادىكى مەشھۇر ئىسلام پائالىيەتچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىسلام ئىقتىسادشۇناسلىقى جەھەتتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلىقتىن ئىسلام ئىقتىسادشۇناسلىقى ساھەسىدە «ھازىرقى زامان ئىسلام ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ ئاتىسى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن.
خۇرشىد 1932-يىلى ھىندىستاننىڭ دېھلىدىكى بىر كاتتا مۇسۇلمان سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئەنئەنىۋى ئىسلام تەربىيىسى كۆرگەن. 1948-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە غەربى قىسىمدىكى پاكىستانغا كۆچۈپ بېرىپ، ئاۋال لاھۇردا بىر قانچە ئاي تۇرغان، كېيىن كاراچىغا كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان. خۇرشىد كاراچىدا ماكانلىشىپ قالغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى سودا-ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان، بۇ يەردە ئۇ ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە ئىسلامنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسىغا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1
>