ئىبنى تەيمىيە

ئىبنى  تەيمىيە


    ئىبنى تەيمىيە 1263-يىلىدىن 1328-يىلىغىچە ياشىغان ئىسلام ئالىمى ۋە داڭلىق فىقھى ئۆلىماسى بولۇپ، ھەنبەلىيە مەزھىپىنىڭ كېيىنكى دەۋردىكى ۋەكىلى.

    ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئەسلىي يۇرتى مىسوپوتامىيىدىكى ھەرران بولۇپ، ھەنبەلىيە مەزھىپىدىكى دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كېيىن موڭغۇل قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزى تۈپەيلىدىن، دەمەشىققە كۆچۈپ بېرىپ پاناھلانغان. ياشلىق چاغلىرىدا ئاتىسىدىن تەپسىرچىلىك، مۇھەددىسچىلىك ۋە شەرىئەت ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. 20 يېشىدا ئوقۇشنى تاماملىغان. ئۇ دىنىي جەھەتتە «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس» نى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۈزۈش، دىنىي ئىشلارنى يولغا قويۇشنىڭ تۈپ ئاساسى قىلىشقا تىرىشقان، ئەسلىيەتچىلىك، ئەنئەنىگە قايتىش، گۇمراھلىقتىن خالىي بولۇپ، ئىماننى پاكلاشتۇرۇش، ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ئاددىي- ساددىلىق خاراكتېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەشەببۇسىدا بولغان. ئۇنىڭ ئىدىيىۋى ئەنئەنىسى بولۇپمۇ، زورلۇق- زۇمبۇلۇقتىن قورقماي، سۈننەتكە خاس « ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىش» تەك ئەركىن تەشەببۇسى كېيىنكىلەرگە  چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. 

   ئىبنى تەيمىيە سۈننى مەزھەب مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا تەسىرى چوڭقۇر، يولى توغرا، فەتىۋا ئۇسسۇلى تەۋھىد ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىغا ئۇيغۇن بولغان ئاز ساندىكى ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئۆلىما بولۇپ، كېيىنكىلەر تەرىپىدىن «ۋارىس ئەنبىيا مۇرسەلىن» لەر قاتارىغا تىزىپ سانىلىدۇ. موڭغۇل تاجاۋۇزى ۋە ئۆلىمالار ئارىسىدىكى تەفرىقىنى بىر تەرەپ قىلىشتا كەسكىن ھۆكۈم قىلىپ 18-ئەسىردىن كېيىنكى ياۋروپا تاجاۋۇزى دەۋرىدە ھۆكۈملىرى قايتا ئېتىبارغا ئېلىنغانلىقتىن، شۇنداقلا  ساھابە، تابىئىنلارنىڭ ئۈلگىلىك رولى، مۇسۇلمانلار ئارا مۇرەسسە، ئىلىم ئۆگىنىش ۋە پىداكارلىقتىن ئىبارەت ئىسلامىيەتنىڭ ئەسلى يوللىرىغا ئەھمىيەت بەرگەن فەتىۋالىرى بۈگۈنگىچە تەسىرىنى ساقلاپ كەلگەنلىكتىن يېقىنقى زامانغا كەلگەندە ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىنىڭ پېشۋاسى دەپ ئاتالغان. ئىبنى تەيمىيە ئاتىسى ئاچقان مەدرىسكە ۋارىسلىق قىلىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ 1300-يىلى غازات چاقىرىقى چىقىرىپ موڭغۇللارنىڭ ئەرەب ئىسلام ئەلللىرىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرماقچى بولۇپ كۆپ قېتىملىق پارتىزانلىق ئۇرۇشى قوزغىغان ئەمما مەغلۇپ بولۇپ كېيىنكى ھاياتىدا مۇھاجىرلىقتا ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان.  قوغلاپ ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى بېرىلىپ ئوننەچچە يىلدىن كېيىن قولغا چۈشۈپ كېيىنكى ئۆمرى ئاساسەن تۈرمىدە ئۆتكەن. ھىجرىيە 728-يىلى زۇلقەدىنىڭ 22-كۈنى يەنى 1328-يىلى 9-ئاينىڭ27-كۈنى تۈرمىدە ۋاپات بولغان. ئىبنى تەيمىيە ۋاپات بولغان كۈنى غازانخان ۋەقە چىقىرىشتىن ئەنسىرەپ دەمەشقتە بىر كۈن كىشىلەرنىڭ ئۆيىدىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىغان، بازارلار ئېچىلمىغان. ئىبنى تەيمىيەنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلمەي كۆمۈۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە گۇمان بولغانلىقتىن كېيىنكىلەرمېيت نامىزىنى غايىپتىن ئ‍وقۇپ قويغان. شاگىرتلىرىدىن ئىبنى قەييۇم ئەلجەۋزىيە، ئەل داھابى قاتارلىقلار ئىمام تەيمىيەنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە تۈرمىلەردە بىللە بولغان ۋە كۆز قاراشلىرىنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزگەن. 

   ئىبنى تەيمىيە ياشىغان دەۋر بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھولوكۇخاننىڭ چېرىكلىشىپ لىڭشىپ قالغان، چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن ئابباسىيە خەلىپىلىگىنى ئاغدۇرۇپ ئىلخان پادىشھالىقىنى قۇرغان مەزگىللىرى بولۇپ بۇ چاغدىكى سۈرىيە رايونى گاھ مىسىر مەملۇك خانلىقىغا، گاھ سالاھىددىن ئەييۇبنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قولىغا، گاھ ئەھلىسەلپنىڭ زىمىنىغا ئايلىنىپ تۇرىدىغان مۇرەككەپ سىياسى ئارقا كۆرۈنۈشلۈك رايون ئىدى. ئاھالىسىنىڭ ئىچىدىمۇ بۇددىستلار، خىرىستانلار، شىئەلەر ۋە سۈننى مەزھەب مۇسۇلمانلىرى بار ئىدى. ئىبنى تەيمىيە بۇ چوڭ سىياسى داشقايناقتا گويا نۇرلۇق چىراقتەك ھەقنى كۆرسىتىشتە سۆز ۋە ئەمەلى بىلەن ئۈلگە بولغا بولۇپ ئىسلام دىنىنى ئىككىنچى قېتىم ساھابىلەر دەۋرىدىكىدەك گۈللىنىشكە ئېرىشتۈرۈش غايىسى ئۇنى ھەر قايسى جەھەتتىن يېتىلگەن سىياسى رەھبەر، دىنى داھى، فىقھى ئۇستازى ۋە تەۋرەنمەس مۇسۇلمانلىق ئورنىغا ئىگە قىلغان.

   

   ئىبنى تەيمىيە ئۆمرىدە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان، ئەرەپ ئەدەبىياتى، ئاسترونومىيە، خىرىستان دىنى پەلسەپىسى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان، خۇشخەت ۋە ھەدىسشۇناسلىقتا ئۆز دەۋرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، ئېيتىلىشىچە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 500 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، 60 تىن ئارتۇقى بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئىمان»، «ئاللاھنىڭ ئىسمى سۈپەتلىرى»، «سىراتىل مۇستەقىمغا ئەگىشىش»، «ئاللاھقا ئىبادەت»، «سىياسەت ۋە شەرىئەت»، «ئاللاھنىڭ دوستلىرى ۋە شەيتاننىڭ دوستلىرى»، «خەتەردىن قۇتۇلۇش»، «ئاددى مىراس»، «مەھكۇم مۇسۇلمانلار»، «ئىبنى تەيمىيەنىڭ يۇنان پەيلاسوپلىرىغا ئېيتىدىغىنى»،  «ئەقىدە ۋە ۋەسىيەت» ناملىق كىتابلىرى يېقىنقى يىللاردا ئەنگىلىزچە ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.

   ھازىرغا قەدەر تۈركىيە، مىسىر ۋە يەمەن، ماراكەشلەردىكى مەدرىسلەردە ئوقۇلۇۋاتقان«فەتىۋالار توپلىمى»، «ئىبنى تەمىيەنىڭ قانۇن چۈشەنچىلىرى مەجمۇئەسى»، «دۆلەت ھاكىميىتى ۋە شەرىئەت» دېگەن ئەسەردە دىنىي ھاكىمىيەت بىلەن ھۆكۈمراننىڭ ھوقۇق مۇناسىۋىتى سىستېملىق بايان قىلىنىپ، سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى خەلىپىلىك تۈزۈمى ۋە تەلىماتلىرىغا ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزگەن بولۇپ، كېيىن ئوسمان ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن ئاساسىن قانۇن دەرىجىسىدە پايدىلىنىلغان، ئەسەر ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھاكىمىيەت بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. ئىبنى تەيمىيە سۇفىزىم ۋە قەدىمقى يۇنان پەلسەپىلىرىنىمۇ تەتقىق قىلغان بولۇپ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇن-پەتىۋالارنى تۈزۈشىگە كەڭ تەپەككۈر بايلىقى ۋە لوگىكىلىق خۇلاسە ئىقتىدارى ھاسىل قىلغان. 

    ئىبنى تەيمىيە ئىقتىساد مەسىلىلىرىنى ئەڭ بۇرۇن مۇھاكىمە قىلغان ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئىقتىسادقا دائىر ئەك مۇھىم ئەسىرى «ئىسلامنىڭ ئومۇم مەسئۇلىيىتى- ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى» دە ئىگىلىك باشقۇرۇش مەسىلىلىرىنى شەرھلەپ ئومۇم تۇرمۇشىدا باشقۇرۇلغۇچىلارنى قانداق قىلىپ ئەخلاق جەھەتتە يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مېخانىزىمى ئارقىلىق ئىش سۈپىتىنىڭ ئەلالىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان، ئالدامچىلىق، قاقتى-سوقتى قىلىش، ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىش قاتارلىق ئادىل بولمىغان، ئەخلاققا يات ئىجتىمائىي ئىقتىساد مەسىلىلىرىگە دىققەت قىلغان، بازار ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشتا ئادىل ھەققانىي قائىدىلەرنى قوللىنىش كېرەك دەپ قارىغان، بىراق بازار ئىقتىسادى نەتىجىسىدە ئادىل بولمىغان ئامىللارنىڭمۇ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ «قۇرئان كەرىم» دىكى دىداكتىك مىزانلارنى تىجارەت ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشقا تەدبىقلىغان، بولۇپمۇ توغرا ئۆلچەپ بېرىش، سەمىمىي سودا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، تاۋارنى بېسىۋېلىشنى چەكلەشنى ئوتتۇرغا قويغان، ئۇ بۇ خىل بېسىۋېلىشنىڭ تاۋارنىڭ قىسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ۋە باھاسىىنى ئۆرلىتىۋېتىش قىلمىشى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

    بۇنىڭدىن سىرت ئىبنى تەيمىيە بازار ۋە ئىقتىساد ئىلىملىرىنى ياخشى ئانالىز قىلغان بولۇپ بازار ئىگىلىكى ھەققىدىكى « تەڭ قىممەتلىك باھا»، «تەمىنات ۋە ئېھتىياج» ئۇقۇمى بازاردىكى كەمتۈكلۈك ۋە باھا تىزگىنلەشكە بولغان تەھلىللىرى، دۆلەتنىڭ خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئوينايدىغان رولى توغرىسىدىكى ئەتراپلىق  فەتىۋا ۋە چارىلىرى،  ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ئۇقۇمى بىزگە بەزى پايدىلىق ئىلھاملارنى بېرىدۇ، بۇ بىزنىڭ زامانىمىزدىكى ئىسلام ئىقتىسادىي سىياسەت نەزەرىيىلىرىنى چۈشىنىشىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان قوراللاردۇر.  

-«ئىسلامىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىدىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى؛ 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 7

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 751 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 5قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-10