تۇسى

تۇسى

  

   تۇسىنىڭ ئىش تەقسىمات، ھەمكارلىق نۇقتىئىنەزىرى

   تۇسى 1201-يىلىدىن 1274-يىلىغىچە ياشىغان، ئىسلام دىنى شىئە مەزھىپىنىڭ ئۆلىماسى بولۇپ، تۇس (ھازىرقى ئىران تەۋەسىدە) تا تۇغۇلغان، ياشلىق چاغلىرىدا موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى تۈپەيلىدىنيۇرتىدىن ئايرىلىپ، پېرسىيىنىڭ شەرقىدىكى كۇھىستان ۋە ئالامۇتلاردا تۇرغان، ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ مۇرىتلىرى بىلەن 30 يىلدىن ئارتۇق بىرگە ياشىغان، مۇشۇ دەۋردە ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىلىرىگە ئاساسەن نۇرغۇن مۇھىم ئەسەرلەرنى يېزىپ، مۇشۇ مەزھىپنىڭ ئەل مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، 1256-يىلى ھىلاكۇ ئالامۇت قورغانىنى ۋەيران قىلغاندىن كېيىن، ئۇ موڭغۇللارنى پاناھ تارتىپ، مۇنەججىم سۈپىتىدە ئالامۇت ۋە باغداد كۈتۇبخانىسىدىكى نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى قوغداپ قالغان. 1258-يىلى باغداد قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ماراك رەسەتخانىسىنى قۇرغان، «ئېسىلزادىلەرنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى»، «ئەخلاقىي ناسىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، ئېتىكا، تىبابەتچىلىك، جۇغراپىيە ۋە تارىخ پەنلىرىگە چېتىلىدۇ، ئۇ پەلسەپە ئۇقۇمىنى شىئە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىلىرىگە سىڭدۈرگەن. « ئىلىكخانلار تارىخى» نى يېزىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. كازىمەيندە ۋاپات بولغان. مەشھۇر ئالىم ئەللامە ھىللى ئۇنىڭ شاگىرتى.

    تۇسنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق تەبىرىدە ئالماشتۇرۇش، ئىش تەقسىماتى، ھەمكارلىق ۋە پاراۋانلىقنىڭ مۇھىملىقى روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شۇڭا تۇسى ئۆزىنىڭ پارىس تىلىدا يازغان مەشھۇر ئەسىرى«ئەخلاقىي ناسىرى» دە « ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى، كىيىم-كېچىكىنى، ئۆي-تۇرالغۇسىنى ۋە ئەسۋاب-جابدۇقلىرىنى .. ئۆزۈم ئىشلەپچىقىرىمەن دېسە، ئۇ مەۋجۈت بولۇپ تۇرالماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئېھتىياج (يۇقىرىقى نەرسىلەرگە ئېرىشىشى) جەريانىدا ئۇ تەدرىجىي ھالدا يېگۈدەك نەرسە تاپالماي قېلىشى مۇمكىن، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىشىلەر ئۆز-ئارا ھەمكارلاشقان ۋە ھەر كىم ئۆز ئالدىغا بىرەر خاس كەسىپنى قىلغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئارتۇق نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقارغان، ئادىل قانۇن كىشىلەرنىڭ ئوشۇقچە مەھسۇلاتلىرنى باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرگەندىن تارتىپ، مۈلۈك ۋە تاۋار كۆپچىلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بولدى، شۇڭا ئاللاھ كىشىلەرنى ئوخشاشمىغان كەسىپ بىلەن بىر-بىرىگە ياردەم قىلسۇن دەپ، كىشىلەرنىڭ پائالىيىتىنى ۋە قىزىقىش ھەۋەسلىرىنى بىر -بىرىگە ئوخشىمايدىغان قىلدى. بۇنداق ئىش تەقسىماتى ياشاش شەكلىنىڭ خەلقئارالىق قۇرۇلمىسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈردى. ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىق داۋاملاشقان، ئىجتىمائىي ئالاقە مەۋجۇت بولغاندىن تارتىپ، ئىنسانلار جەمئىيەتكە تايىنىپ كەلدى»  دەپ يازغان. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىساد ھەمكارلىقىنىڭ مۇقەررەرلىكى، زۆرۈرلۈكى توغرىسىدىكى بايانلىرى ئەقلىي تەھلىل ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن چوڭقۇر ھەم ناھايىتى توغرا بولۇپ،  ئىسلام دىنى كىتابلىرىدىكى ئىقتىساد ئىدىيىسىدە تەكىتلەنگەن  ئىجتىمائىي ھەمكارلىق روھىغىمۇ ئۇيغۇن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 311 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-08