مۇھەممەد غازالى

  مۇھەممەد غازالى 


مۇھەممەد غازالىمۇھەممەد غازالى

    ئىسلاھاتچى، مۇتەپەككۇر ئالىم مۇھەممەد غازالى 1917-يىلى مىسىرنىڭ بۇھەيرە رايونىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، مىسىرنىڭ ئالىي دىنىي ماقاملىرىدا ۋە قەدىمىي ئىلىم يۇرتى ئەزھەرنىڭ دەۋەت ئىشلىرى كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان، مەككىدىكى ”ئۇممۇلقۇرا“ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئالجىرىيىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قانچە يىل ئۇستازلىق قىلغان. مىسىردىكى”ئەل ئىخۋانۇل مۇسلىمۇن“ جامائىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بولغان، بۇ سەۋەبتىن ئىككى قېتىم تۈرمىگە ئېلىنغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەربىيە ماۋزۇلىرىدا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئىسلامىي ئەسەرلەرنى يازغان، 1996-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد شەھىرىدە چاقىرىلغان ئىسلام قۇرۇلتىيىدا سۆزلەۋېتىپ ئالەمدىن ئۆتكەن، مەدىنىدىكى ‹بەقى› قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.  


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 36

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1991 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-08