مۇھەممەتجان راشىدىن

مۇھەممەتجان راشىدىن



مۇھەممەتجان راشىدىنمۇھەممەتجان راشىدىن

    شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 1940– يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1958–يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك تېخنىكۇمىنى پۈتتۈرگەندىن بېرى ئىزچىل تۈردە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مۇھەممەتجان راشىدىن 1958–يىلى ئېلان قىلىنغان تۇنجى شېئىرى «ئىلى دەرياسى» بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلدى. شۇنىڭدىن بۇيان شائىرنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى ھەرقايسى گېزىت–ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. 1986–يىلى «كاككۇك گۈلى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىردىن چىقىپ، كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

     شائىر تازا قىرانىغا يەتكەن، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن جان كۆيدۈرۈپ شۇغۇللىنىۋاتقان يىللاردا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ بوران–چاپقۇنى يېتىپ كەلدى دە، ئۇ«تۆت كىشىلىك» گۇرۇھنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ،ئازغىنە كەم 20 يىلغا يېقىن ئۇۋالچىلىق تارتتى. ئۇ قايتا ھايات باھارىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، شېئىر ئىجادىيىتىگە يېڭىچە قىزغىنلىق بىلەن كىرىشتى، مۇھەببەت–نەپرىتى تېخىمۇ روشەنلەشتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا خەلقىمىزنىڭ نىجاتلىق يۇلتۇزى كوممۇنىستىك پارتىيەگە، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە، يېڭى ھايات باھارىغا بولغان مۇھەببەت خۇددى چولپاندەك چاقنىدى، گۈلخاندەك ئۇلغايدى. بۇ جەھەتتە شائىرنىڭ «مەن كېلىمەن ئىككى كۆزۈم ياش»، «سالام دوستلار» قاتارلىق شېئىرلىرى ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر.

   شائىرنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدە ۋەتەن توغرىسىدا يېزىلغان لىرىكىلار زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق، ھېسسىياتلىق مىسرالىرىدا ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى ۋە ئەقىدىسىنى نامايەن قىلغان. مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى شېئىرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل، ساددا بولۇپ، ياسالما، قوپال ئەمەس. بىز مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرىدا تىل مەسىلىسىنىڭ ياخشى ھەل قىلىنغانلىقىنى ھەر بىر شېئىرنى ئوقۇغاندا ھېس قىلىمىز. مۇھەممەتجان راشىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە نەزەر سېلىشقا، تېمىدا كۆپ خىل بولۇشقا باشلىدى ۋە كۆپلىگەن ياخشى شېئىرلارنى يازدى. بۇ شېئىرلاردا شائىر ئۆزگىچە يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    يېقىنقى يىللادىن بۇيان، شائىر مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، مىللەتلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ، «ئانا يەر قەسىدىسى»، «مۇھەببەتمۇ ئۇلۇغ بىر مەكتەپ»، «ئۆمۈر ئىلھاملىرى»، «ھايات دېگەن مانا شۇ»، «ياخشىلارغا ناخشىلار تولا»، «جاھان دېگەن يارالغان شۇنداق»، «ۋاي ئېسىت 15 چۈجەم» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى نەشىر قىلىندى.


«بۇ دۇنيا»

 
تالاشساڭمۇ، تالايدىن قالار ئىكەن بۇ دۇنيا،
بىلىپ بولماس نەگىدۇر بارار ئىكەن بۇ دۇنيا.
مەيلى گاداي، مەيلى شاھ بىر قىيامەت بىر جانغا،
بىر ئىنساندىن بىر جەسەت ئالۇر ئىكەن بۇ دۇنيا.

يىغلىغانلار پەسلەيدۇ رىزقى ئۇنىڭ شۇنداق، دەپ،
مۇسىبەتكە ھەركىمنى سالار ئىكەن بۇدۇنيا.
بىر ھۇجرىغا جەم بولۇپ، ئۈلگۈرمىگەن جۈپلەرنى،
ياش دىمەستىن ئەلەمدە قويار ئىكەن بۇ دۇنيا.

ئۆلمەي تۇرۇپ ئايرىلغان تىرىكلەرمۇ ئاز ئەمەس،
كۆز ياش بىلەن يۈزۈڭنى يۇيار ئىكەن بۇدۇنيا.
ۋاپاسىز، دەپ كايىيدۇ شۇڭا ئۇنى ئادەملەر،
ئاغرىنغاننى قامچا بوپ ئۇرار ئىكەن بۇ دۇنيا.

يۇلتۇز كۆزلۈك ئاسمانغا تۈندە باقسام ئۈنچىقماس،
پايانى يوق تىلسىمدەك تۇرار ئىكەن بۇ دۇنيا.
توخۇلارغا تاڭ قالدىم تىرىكلىكنى ئويغاتقان،
تەئەجۈپكە ھەركىمنى قويار ئىكەن بۇ دۇنيا.

ئەجداتلاردىن قەبرىلەر قاپتۇ سانسىز چوقچىيىپ،
خىيال قىلساڭ بەئەينى مازار ئىكەن بۇ دۇنيا.
تىرىكلەرگە كۆز سالساڭ مىدىرلايدۇ ھايات، دەپ،
بىر قىسمەتتە ئاجايىپ بازار ئىكەن بۇ دۇنيا.

ئۆچۈرگەندەك ئۆيۈڭنىڭ چىرىقىنى بىر شامال،
ئۆزى يەنە گۆرۈڭنى قازار ئىكەن بۇ دۇنيا.
مۈكچىيەركەن بەللىرىڭ سەن كۈتمىگەن كەچمىشتە،
ھەر ماڭلايغا بىر قىسمەت يازار ئىكەن بۇ دۇنيا.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئاق سانجىيدۇ چېكەڭگە،
يۈزلەپ قورۇق يۈزۈڭدىن سانار ئىكەن بۇ دۇنيا.
قىز-كېلىنلەر ھەددىڭ يوق تاڭلا موماي بولماسقا،
ئۇنىمىساڭ قويماستىن تاڭار ئىكەن بۇ دۇنيا.

قايرىلىسەن كەينىڭگە ياشلىقىڭغا تويماستىن،
ئۆشنىسىدە سەن ئۇنىڭ، ماڭار ئىكەن بۇ دۇنيا.
بۇ بەش كۈنلۈك ئالەمدىن ھەركىم ھەرنە كۆزلەيدۇ،
بېخىلارنىڭ كۆزىدە تاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا.

كېلىپ-كېتەر مېھمانسەن، ياخشى قونۇپ، ياخشى كەت،
سېخىي ئۈچۈن بىر قالام چاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا.
رەقىبلىشۇر ئىككى جان ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ،
توۋا دەڭلار، ئۇلارغا تۇمار ئىكەن بۇ دۇنيا.

گويا ئاتقان ئوشۇقتەك سىيا چۈشۈپ، چۇ چۈشۈپ،
ئويلاپ كۆرسەڭ بىر تاۋكا  قىمار ئىكەن بۇ دۇنيا.
چېچەك تۆكسە ئۆرۈكلەر مېۋە قېلىپ ئورنىدا،
ئەجداتلارغا ئەۋلاتنى ئۇلار ئىكەن بۇ دۇنيا.

رىزقى ئەمما تەڭ ئەمەس بۇ “پانىي”غا كەلگەننىڭ،
بىردە يوقسۇل، بىردە تەل قىلار ئىكەن بۇ دۇنيا.
ئاپەتلىرى ئاز ئەمەس، يولۇققانلار يىغلايدۇ،
كەلكۈن كەبى شاقىراپ ئاقار ئىكەن بۇ دۇنيا.

غەم قىلمىغىن، ئۆلگەنلەر، يىتىم قالغان بالاڭدىن،
ئۆزى بېقىپ قاتارغا قاتار ئىكەن بۇ دۇنيا.
ئەجەپلەنمە بېشىڭغا ئىسسىق كەلسە، سوغ كەلسە،
تارازىسى ئېگىز -پەس بولار ئىكەن بۇ دۇنيا.

ئەيىپ كۆرمەڭ، كۆتۈردۈم شۇ سەۋەپتىن بىر قەدەھ،
شۇ قەدەھكە، شۇ مەيگە خۇمار ئىكەن بۇ دۇنيا.
 
     1974-يىللار ،1980-يىللار،ئۈرۈمچى

    شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى. بىز ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمىز!

 


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 7

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 346 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-10