1-تەرەتنىڭ راۋانلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەرەتنىڭ راۋان بولماسلىغى - كېرەكسىز ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىپ ئاشقازان ئۇچەي يوللىرىنىڭ نورمال پۇنكىسيىلىك رولىنى توسقۇنلۇققا ئۇچۇرتۇپ، بەدەن ئېغىرلىغىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2-مايلىق، قورۇلغان يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش سۇدا ۋە ھوردا پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك .
3-تېلىۋىزور ياكى كىتاپ كۆرىۋېتىپ ئۇششاق-چۈششەك يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك كېرەك.
4-سەمىرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ ھەدىدىن زىيادە تاماقنى كونتۇرۇل قىلىش ئەكسىچە ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسىنىڭ كۆپ مىقتاردا يىغىلىپ قېلىپ سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5-كەچ سائەت 7دىن كىيىن تاماق يىمەسلىك كېرەك . كەچتە 7دىن كىيىن يىگەن بىر ۋاخ تاماقنىڭ ساقلايدىغان ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى كۇندۇزدىكى 3ۋاخ تاماقنىڭ ئىنىرگىيىسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ناۋادا بەك كەچ تاماق يىيىشكە توغرا كېلىپ قالسا مىۋە -چىۋە ، كەرەپشە ياكى يۇقىرى تالالىق پىرەنىك قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى يىسە بولىدۇ.
6-تاماق يىيىشتە ئۇزىگە بېسىم پەيدا قىلۋالماسلىق ئۇرۇقلاشنى دەپ سالامەتلىككە سەل قارىماسلىق كېرەك .ساغلام كەيپىيات تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش كېرەك .
7-ھەر خىل ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك، ئۇنىڭ ئورنىغا قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك. چۈنكى ئادەتتە ھەر خىل ئىچىملىك تەركىۋىدىكى شىكەر مىقدارى ئاز بولسىمۇ ئەمما ئىسسىقلىق ئىنىرگىيىسى يۇقىرى بۇلۇپ ئاسانلا سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8-قەرەرلىك بەدەن چېنىقتۇرۇش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش كېرەك. زىيادە قاتتىق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ، قەرەرلىك ھالدا پىيادە يول يۇرۇش ياكى بەدەن گىمناسكىسى ئويناش سىزنى ئورۇقلاش ئارزۇيىڭىزغا يەتكۈزۈپلا قالماي سالامەتلىك ئۈچۈنمۇ پايدىلىق .
9-تاماقنىڭ مىقدارىنى ۋە قېتىم سانىنى مۇۋاپىق ئازايتىش ھەم شۇ دائىرىدە كونترول قىلىش بىلەنمۇ سىز ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
10- سېمىزلىككە توغرا قاراڭ . ساغلام بەدەن ۋە ساغلام روھى ھالەت سىز ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم.