زۇنۇن قادىرى



زۇنۇن قادىر 




   




زۇنۇن قادىرزۇنۇن قادىر

     زۇنۇن قادىر 1911- يىلى تارغاباتاي ۋىلايىتنىڭ دۆربىلجىن ناھيىسىدە كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ئىقتىسادىي جەھەتتە گۇمران بولۇشقا، تۇرمۇش جەھەتتە نامرتلىشىشقا يۈزلەنگەن ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئۆتكەن.

    ئۇ يەتتە يېشىدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان. 1937- يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئىككى يىل ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئاندىن يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇپ، زامانىۋى بىلىم ئۆزلەشتۈرگەن. ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىپ، يېڭى مەدىنىيەت ھەرىكىتنى قانات يايدۇرۇشقا ئاكتىپ رول ئوينىغان. 1940- يىلىدىن تارتىپ تىياتىر ئۆمىكىدە ئارتىست، ئىجادىيەتچى رېژىسسور، دىكراتور، ئوقۇتقۇچى ۋە ئەدەبىيات بۆلىمنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ھەربىي مۇخبىر ۋە كۈرەش ئىتتىپاق قاتارلىق گېزىت -ژۇرنالدا مۇھەررىر، باش مۇھەرىر بولغان. 1957-يىلىدىن 1963-يىلىغىچە ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدىبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان.

    زۇنۇن قادىر كىچىكىدىن تارتىپ خەلق داستانلىرى ۋە چۆچەكلىرىنى، مەددالارنىڭ قىسسە ۋە جەڭنامىلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلىدى. ئۇ ساۋاتى چىقىشى بىلەنلا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قىزىقىپ، ناۋائى، مەشرەپلەرنىڭ كىتاپلىرنى ئوقۇشقا كىرىشتى. كېينچە شاھنامە گۈلستان قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەر بىلەن تونۇشتى. رۇس ئەدەبىياتى كىلاسسىكلىرنىڭ ۋە ئۇلۇغ پرولېتارىيات يازغۇچسى ماركىسىم گوركىنىڭ تاتار ۋە ئۆزبىك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم ئەسەرلىرنى، سەدىردىن ئەينى، ئۆمەر مۇھەممىدى ۋە نۇر ئىسرائىلنىڭ رومان، پوۋست، ھېكايىلىرىنى ئوقۇپ چىقتى. دېمەك، زۇنۇن قادىرنىڭ ئىجادىيىتى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات ئەنئەنىلىرى بىلەن ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرنىڭ ئىلغار ئەدەبىياتى تەسىردە شەكىللەندى.

    زۇنۇن قادىرى 1936- يىلدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، 50 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە يازغان چېنىقىش، غۇنچەم، خاتىرىلەر، مەسەل ۋە چۆچەكلەر، زۇنۇن قادىر ئەسەرلىرى قاتارلىق كىتاپلىرى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. ئۇ جەمئىيەت ئۈچۈن بىر قاتار مۇھىم بولغان بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان بىرمۇنچە ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلشىتىن سىرت، ماركسىم گوركىينىڭ ئارخىپ بوۋا ۋە لىيونكا، سېۋىت تاتار يازغۇچىسى ئادىل كوتوينىڭ تاپشۇرلىمىغان خەتلەر، شىنجاڭ قازاق ئەدەبىياتنىڭ ئاساسچىلىرىدن بىرى بولغان تاڭجارىقىنىڭ گۇندىپاي قاتارلىق پوۋېست، داستان، ھېكايىلىرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇردى. بىرمۇنچە چۆچەك، قوشاق، ماقال-تەمسىللەرنى توپلاپ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ شۇ يىللار ئىچىدە ئېلان قىلىنغان، ئۆز دەۋەرنىڭ ئىلغار سىياسىي، ئېستېئىتىك قاراشلىرى سىڭدۈرۈلگەن ئەدەبىي ئوبزورلار جامائەتچىلىك ئىچىدە خېلى چوڭقۇر تەسىر قوزغىغانىدى.

    ئازاتلىقتىن كېيىن زۇنۇن قادىرنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى، ماركىسىزملىق سەنئەت تەلىماتى بىلەن ئىنقىلابىي رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى يازغۇچىنى تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىجادىيەت زېمىنى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون يىلغا يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، سەزگۈزەشت خاراكتىرلىك بىر رومان(ئەپسۇسكى، بۇ رومان مەدىنىيەت ئىنىقىلابىنىڭ قالايمىقانچىلىقىدا يوقاپ كەتكەن) ئۈچ دراما، بىر كىنو سېنارىيىسى ۋە ئونغا يېقىن ھېكايە يېزىپ، سوتسىيالىسىتىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ راۋاجلىنىشىنى كۆرنەرلىك ئىلگىرى سۈرگەن.

   زۇنۇن قادىرى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، ئەدەبىيات سېپىدىكى تالانت ئىگىلىرنى بايقاش، تەربىيىلەشكە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى تېيىپجان ئېلىيوۋ، ئاتاقلىق قازاق شائىرى قۇرمان ئەلىگە ئوخشاش تالانت ئىگىلىرنىڭ بايقىلىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشىدە يازغۇچى زۇنۇن قادىرنىڭ يېتەكلىشى ۋە ياردىمى مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ ئۆزنىڭ پۈتۈن زېھىن-پاراسىتىنى شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات ئىشلىرىغا بېغىشلىغان.

   ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى، دراماتۇرگ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پروزىسى ۋە دراماتورگىيىسنىڭ ئاساسچىلىردىن بىرى بولغان زۇنۇن قادىر 1989- يىلى 9-ئاينىڭ 24- كۈنى كېسەل سەۋەبى 77 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن چوڭ يوقۇتۇش، شۇنداقلا شىنجاڭ ھەر مىللەت ئەدەبىياتى ئۈچۈنمۇ زور يوقۇتۇش. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى بولۇش بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى پارلاق گۆھەر، شۇڭا، ئۇنىڭ نام -شەرپى ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن بىللە شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ تارىخ سەھىپىسىدە مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدۇ.



مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 14

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1023 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-29