ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺖ

روزى سايىت 

روزى سايىت روزى سايىت

شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما ناھيىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يېردە تۇغۇلغان. 1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە ”چايخانا “ (ھازىرقى خوتەن ناھىيىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلىردا ئوقۇغان. شۇنىڭدىن كىيىن ئون نەچچە يىل دېھقانچىلىق ئەمگىگى بىلەن شۇغۇللانغان، 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل -ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە لاڭرو يېزلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچسى بولۇپ ئىشلىگەن .1980-يىلدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە <<يېڭى قاشتېشى >>ژۇرنىلدا مۇھەررىر بولغان.
روزى سايىت 1973-يىلدىكى <<قەشقەر گېزىتى >>دە ئېلان قىلىنغان ”دېھقانمۇ داشۆسىڭ بولدى“ ناملىق شىئېرى بىلەن ئىجادىيەت سېپگە كىرگەن. ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت-ژورناللاردا ”چۈشنامە“ قاتارلىق 12 پارچە داستان ۋە باللادىسى، 1000 پارچىدىن ئارتۇق شىئېرى ۋە رۇبائىسى، بارات يازغان ھېكايە“ قاتارلىق بىرقانچە پارچە ھېكايىسى ”ئەتەبەتۇل ھەقايىقنىڭ شىئېرى يەشمىسى“، ”ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىدىكى شەكىللەر توغرىسدا قاتارلىق ئىلمى ماقالىللىرى ئېلان قىلنىپ، جامائەت ئارسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. ” قاشتېشنىڭ رىۋايىتى“، بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن“، ”مەرھابا “، ”ئاھ ،ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش“، ”كۆڭۈلدىكى گەپلەر“، ”مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار“، رۇبائىيلار “، ”تۇيۇقلار“، ”خىيادىن تۆرەلگەن خىياللار “، ”دېھقان كۈلكىسى“، ”پاھ، دېھقاننىڭ ھەيكىلى“ قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرى ئېلان قىلىندى. روزى سايىتنىڭ يەنە ”ئاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ “، ”كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە “، ”بۇ خوتەن، مەن خوتەن قىزى قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلىنىپ ۋەتەننىڭ يېزا-سەھرالىرىدا ياڭرىماقتا. بىر قىسىم شېئىر، ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلغا تەرجىمە قىلنىدى ۋە دەرىسلىكلەرگە كىرگۈزۈلدى.
شائىرنىڭ دېھقان يىغلايدۇ“، ”چۈشنامە“، ”باللار پۇلغا زار چىرىكلەر بەدخەچ“، ”بارات يازغان ھېكايە“، ”يىپەك يۇرتىدا نورۇز قاتارلىق داستان، شېئىر ،ھېكايە ۋە تېلۋېزىيە بەدىئىي سەنئەت دىرامملىرى، بۇجاھان“، ”جاھان كەڭرى يول كەڭرى“ ناملىق ناخشا تېكىستلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مەملىكەت، ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر شېئىرلىردىن تۈزۈلگەن ”دېھقان بولماق تەس ناملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشىر قىلىنىپ نەچچە ئونمىڭ نۇسخا تارقىتىلدى. خەلق شائىرى روزى سايىت 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن خوتەن شەھىرىدە ۋاپات بولدى. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئيىتىنىڭ جۇڭگو ئۇيغۇر مەدىنىيەت تارىخ ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق تىل يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونۇم رايونلۇق 12 مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. خەلق شائىرى روزى سايىتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتى ئۈچۈن زور يوقۇتۇش. شائىر مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.

  


دېھقان بولماق تەس


شائىرمەن، قىلمىغاچ يالغانغا ھەۋەس،
سۆزلەيمەن ھەق گەپنى يالغاننى ئەمەس.
بىر ئوت بار يالقۇنى قەلبىمدە ھەۋەس،
شۇ ئوتنىڭ ئۆرتىشى ئەتتى مېنى مەس،
مەسلىكتە دەپ ئالاي لېكىن مەن پەخەس،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


ئالەمنىڭ گۈللىشى ئۇنىڭ تەرىدىن،
چۆللەرنىڭ ئەبەدى ئۇنىڭ بەھرىدىن.
ئۇ باقار شەھەرنى كېچىپ مەرىدىن،
ئۇنىڭ يوق تاماسى «تاختىپەرى» دىن.
پەرقى يوق تۆھپىدە ھەسەل ھەرىدىن،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


ئۇ مۆمىن، بەك ياۋاش، ساددا مۇلايىم،
بوشىماس ئالقىنى كەتمەندىن دائىم.
دەر ئىشلەي ساق بولسا يەتتە ئەزايىم،
تەقدىردە ئېتىزدىن ئېلىنمىش رايىم.
رىزقىمنى، ئەجرىمنى بەرسۇن خۇدايىم،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


پاراغەت دىلبىرى ئاچقۇچە قۇچاق،
تۆت پەسىل توختىماي كۆرسىتەر ئوتۇن.
قىشتا سوغ، يازدا ئوپ، باھاردا قۇيۇن،
گاھ كەلكۈن، گاھ تومۇز، قىستۇرار بويۇن.
قىسمەت دەر «جاپاغا كېكىر-تويۇن!»،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


قاراشلىق كەل-بار يالغۇز بېشىغا،
يۈگرەيدۇ ئۆستەڭگە دامبا بېشىغا.
ئىشلەيدۇ شۇلارنىڭ توپا-ئىشىغا،
ۋاقىتنىڭ ئاشقىنى ئېتىز بېشىغا.
قورۇقلار ماس كەلمەس ئۇنىڭ يېشىغا،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


ئۇ ئۆكۈز، توختىماي تارتىدۇ ساپان،
شاكراپ تەر دەستىدىن شورلايدۇ تاپان.
كۆيىدۇ چوققىسى، كۆيىدۇ تاپان،
چاك -چاك يېرىلىپ قانايدۇ ئالقان.
ئەمما ئۇ«ۋايجان!» لاپ كۆتۈرمەس چۇقان،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


تېرىمنىڭ كەينىدىن مايسا پەرۋىشى،
ھە دىمەي بولىدۇ يىغىم تەرۋىشى.
ئېتىزدىن بوشىسا ئۆينىڭ تەشۋىشى،
ئېشەكنىڭ ھاڭرىشى، قوينىڭ مەرىشى.
يىل بويى ئۆكسىمەس پىشىپ تەرلىشى،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


كېلىدۇ بايراملار ئايەمگە تۇتاش،
دېھقاننىڭ بايرىمى «ئوتاش ھەم پۇتاش».
ئوي-پىكىر ھېيىت ئەمەس ھوسۇلنى بوداش،
ئايەم شۇ قازناققا كۆپىرەك كىرسە ئاش.
مەشرىپى ماتىمى خاماندا، ئاداش،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


ئۇ ئەمەس ئۇنۋاندار تەلەيلىك كىشى،
توشمايدۇ بىر ئۆمۈر پىنسىيە يېشى.
يوق «تۆمۈر تاۋىقى» ئۆرلەش ئىشى،
يوق مائاش، دەرىجە ئۆستۈرۈش ئىشى.
ھەر ئايدا ئوتتۇز كۈن ئىشلەر ياز قىشى،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


يەكشەنبە، شەنبىلەر يوقلىماس ئۇنى،
شىيەنجاڭمۇ، شىياڭجاڭمۇ يوقلىماس ئۇنى.
كانىكول تەتىللەر ساقلىماس ئۇنى،
يوقلايدۇ، ساقلايدۇ ئەمگەك خاس ئۇنى.
شۇ «خاس» لىق باغاشلاپ راست سۆيەر ئۇنى،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


ئۇ تەرگەن پاختىدىن بىزنىڭ ئۈستى باش،
ئۇ چەشلەپ يىققان دان-بىزنىڭ يىگەن ئاش.
ھەم شۇنىڭ لىگەنگە چىققان گۆش-ئوتياش،
ئۇ باققان پىلىدىن بىزنىڭ يوتقان تاش.
ئۇ بولغاچ مەرد ھاتەم بىز مۇشۇنداق شاش،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


«مەن، سەن، ئۇ» سەھرالىق يېزىدىن ئەسلى،
دىمەك بىز ئەسلىدىن دېھقاننىڭ نەسلى.
نەسلىدىن ياتلاشقان كۆرمەس بەخىت ۋەسلى،
قەدىرىنى بىلگەنگە ئۇ ئىللىق يەسلى.
«يەسلى» گە سوزمىسۇن قول ئاياز پەسلى،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


بەزىلەر دېھقاننى ساغار كالىدەك،
ساغقانچە بىلىنەر سۈتى چالىدەك.
ئۆزىلا«ئاق» ئۇنىڭ كۆڭلى ئالىدەك،
مۇڭلانسا تۇيىلار تۆھمەت-يالىدەك.
رىزقىغا چاڭ سالار ئۆگەي بالىدەك،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.


ۋاھ خەقلەر كەتتىغۇ ئەجەپ سوللۇشۇپ،
ھىيلىسى يىلسىرى باردى موللۇشۇپ.
سەھنىدە تۈزۈشۈپ «توختام» قوللۇشۇپ،
«قاتلىشىپ ئاشتى» دەپ دوكلات يوللۇشۇپ.
مۇكاپات ئېلىشتى «تۆر» نى گوللۇشۇپ،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


ئەللىك كۈن تۇرۇقلۇق خالىس ئەمگىكى،
يىل بويى ئىشلەيتتى ھاشار بەگلىگى.
رەت قىلسا تۆلەم بار-قالتىس دەللىكى،
ئەرز قىلسا چار قونداقلار پەللىكى.
دېھقانغا مۇشۇنداق ياشاش تەڭلىكى،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


«تەكىت» تە ئاجايىپ دېھقاننىڭ رولى،
دىيىلەر «ئاساسنىڭ ئاساسى-ئۇلى».
ئەمەلدە بېشى كەڭ، تار ئاياغ يولى،
شۇڭىمۇ تىرنىقى ئۆسمەيدۇ غولى.
ئون فۇڭنى خەجلەشكە تىتىرەيدۇ قولى،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


ساتقىلى ئەپ كىرسە ياڭاق يا گۈلە،
ئۇ كىلەر: يەر ھەققى تاپشۇرغىن، بولە؟
ئۇ كىلەر : دەپ قېنى رەسمىيەت تۆلە!
دەپ قالسا: سەل توختاڭ، دەر «يوقال ئۆلە!»،
ئۇنىڭغا ھەممىسى توقۇيدۇ مۆلە،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


ئۇ دىسە: قىغ-تېزەك ھىدى بەستىدە،
ماۋۇ دەر: يول قىستاڭ ئۇنىڭ دەستىدە.
يولنى ئۇ ياسسىغان تۇرسا ئەسلىدە،
ھارۋۇسى ماڭالماس كوچا رەستىدە.
ئاھ، گويا ھەممىسى ئۇنىڭ قەستىدە،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


خەزىنە تارقاتسا «يۆلەش پۇلى» نى،
بانكىر دەر: «ئۇ بىلمەس بېيىش يولىنى».
يۇيامدۇ بىزنى، بىز يۇيساق قولىنى؟
چىقىرىپ تۇرسا كېيىن دولا-غولىنى!
كۆزىمىز كۆرمىسۇن قەرزى تولىنى!
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


مۇشۇنداق ھالەتتە دېھقان بىچارە،
كۆزى ياش، دىلى خۇن يۈرىكى پارە.
ئەپتى جۇل، گېلى ئاچ، مىسكىن، ئاۋارە،
ھالىغا ۋاي ئۇنىڭ قەيەردە چارە.
ھەتتاكى جانغىمۇ تۆلەر ئىجارە،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


ئۈزۈلەي دىگەندە ماغدۇر-يىلىكى،
يۇقۇرغا ئاڭلىنار ئارمان-تىلىكى.
ھال سوراپ كېلىشەر خىزمەت ئۆمىكى،
«يېتەمدۇ يىلىغا دەپ ئوزۇق يىمىكى؟».
بارى-بار، نە ھاجەت «ئۇ-بۇ » دېمىكى،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


دېھقان دەر تەكشۈرۈپ كەلگەن ئۆمەككە،
«ئوخشايدۇ ھالىمىز ئەتسەز مۇنەككە».
بىز گويا قارچۇغا چۈشكەن خۇنەككە،
مۇھتاج بىز يورۇققا، بىر يار-يۆلەككە.
(دىمەك تەس بۇ گەپنى سىزدىن بۆلەككە)،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


جەدىۋەللەر« ئاشتى» غا يوللايدۇ ساننى،
ئالىدۇ سۈپۈرۈپ ئاخىرقى داننى.
ئالدايدۇ ئۆزىنى، كۆر بۇ زىياننى،
پوچىلىق-«نوچىلىق» قىينايدۇ جاننى.
جەرىمانە توختىماي كولايدۇ ياننى،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


كۆرۈڭلار ھالىمىز شۇ قەدەر ناچار،
ئاش تۈگىگەن قازناقتىن چاشقانمۇ قاچار.
يەي دېسەك تۈگىدى، يىمىسەك ئاچار،
بىز نىچۈن بوپ قالدۇق شۇ ھالغا دۇچار؟!
كەتسەڭلار «چاقتىڭ!» دەپ قەھرىنى چاچار،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


ئىشقىلىپ بىرسى بار پەيلى بەزگەكتىن،
ئىمتىياز تەختىدە تۇرۇپ ئەزگەكتىن.
چىقمىسا بۇ قەستنى بىلگەك، سەزگەكتىن،
بولىمىز سەرگەردان «جاھان كەزگەك» تىن.
گاراڭ بىز توختىماس تېپىك تەستەكتىن،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


يۇرت-يۇرتتىن تەڭلەيدۇ كۆڭلەك، چاپان، كەش،
ھەشقاللا ئېيتىمىز بولسىمۇ نىم كەش.
بىز شۇنداق تىلەمچى -گاداي، كۆڭلى غەش،
قىززىق ئىش، يەر مۇنبەت ھەر خاماندا چەش.
بىلمىدۇق كىم جەمشىت، كىملەر لەيلىۋەش،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


«ئوغۇتمۇ پۇل!» دەيدۇ، يالتىراقمۇ ھەم،
«تۈگمەنمۇ پۇل! » دەيدۇ جېن چىراقمۇ ھەم.
«پۇل» دەيدۇ تاغارمۇ، توقۇناقمۇ ھەم،
«پۇل» دەيدۇ يولدىكى بوغۇناقمۇ ھەم.
پۇل قېنى؟پۇل نەدە؟ غەم ئۈستىگە غەم،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


بىزنىڭمۇ باي بولۇپ ئۆتكىمىز يوقمۇ؟
لەۋلىرى ماي بولۇپ ئۆتكىمىز يوقمۇ؟
نامراتلىق نومۇسقۇ، بىزگە ئوزۇقمۇ؟
قىسمەتنىڭ پۈتكىنى ئامانەت، دوقمۇ؟
يوق ھەتتا تەسەللى«ۋاي نىمە قوق» مۇ،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


دىمىسىمۇ مەركەزدىن «باي بولسۇن دېھقان!»
قۇلاقنى يۇپۇرغاچ يەرلىك بەگ، خاقان.
ھەددىدىن ئاشماقتا«ئۈچ قالايمىقان»،
بەس! ئەمدى سالمىساق بولمايدۇ چۇقان.
چاچما دەپ سېلىقتەش يۈز-كۆزگە قوقان،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


دېھقاننىڭ بەختىگە سانىما قارا!
دېھقاننىڭ قەلبىنى ئەيلىمە يارا!
دېھقاننىڭ يولىغا قازمىغىن ئورا!
كىم دېدى:دېھقانىڭ قېنىنى شورا؟
دېھقاننىڭ بېشىنى سىلا ھال سورا،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


دېھقانمۇ ياشىسۇن، كۈلسۇن يايرىسۇن،
دېھقانمۇ جاراڭلىق ئۈندە سايرىسۇن.
دېھقانمۇ كۆكلىسۇن، ئۆسسۇن-ئاينىسۇن،
قازىنى ماي كۆرسۇن، شورپا قاينىسۇن.
«ئۇھ…» دېسۇن، ھېيىت-بايرام، مەشرەپ ئوينىسۇن،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


سەن بىزدەك گەردىنى قاتقان نەدە بار؟
مىۋە يەپ، شاخقا تىغ چاپقان نەدە بار؟
تۇز بەرگەن تۇزلۇقنى چاققان نەدە بار؟
ئەل يۇرتنى دېھقاندەك باققان نەدە بار؟
ئېيتمىساق بولمايدۇ ئۇنىڭ دەردى بار!
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.


شائىرمەن دېھقاننىڭ باغرىدا ئۆسكەن،
شائىرمەن ئۇ بەرگەن زاغرىدا ئۆسكەن.
شائىرمەن ئۇنىڭ ئاش تاغىرىدا ئۆسكەن،
شائىرمەن توي كۆرگەن-ناغرىدا ئۆسكەن.
يالغاننى يازماقتىن راست سۆزلەش تەسكەن،
تەس دىسە جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس!!!


(مەنبە : ئۈمۈدۋار مۇنبىرى ھونزادە يازمىسى)


مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كونا مۇنبىرى؛


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 571 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-04