ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن




ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن




   

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىنئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

    ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋەئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىق ئەدىب، تۆھپىكار مائارىپچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 1933- يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغئرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كېيىن، 1950- يىلىغىچە نەزەرباغدىكى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا تۆت يىل ئوقۇغان. 1950- يىلى غەربى شىمال ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. يىغىندىن كىيىن شىئەن، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئىكىسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىقشىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ بىئو-خىميە فاكولتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان، شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتە بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى، ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە، خىمىيە ۋە ئاگرونومىيە سىنىپلىرىغا ماركسىزم ئاساسلىرى پەلسەپە دەرسلىرىنى ئۆتىگەن. 1953- يىلىئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماركسىزمئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان. ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ماركسىزم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر نەچچە خىل دەرس ئۆتگەن ۋە بۇ دەرسلەرنىڭ دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئىقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى (ئۇيغۇرچە نەشرى) نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمىي باشلانغان. ئۇنىڭ ئىككى تىلدا يازغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1956- يىلى مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا قۇتادغۇبىلىك ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى. ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن 20 يىل ئوڭچى قالپىقى كىيگەن. 1959- يىلى ئۇ پارتىيىدىكى خىزمىتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن. 1961- يىلى ئۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن قويۇۋېتىلگەن.

     ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن 1966- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر تۆت يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا، بۇ ئىلىم خۇمار ئالىم جۇڭگونىڭ مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان «ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى، 24 تارىخنى، ئەنگلىيە دراماتورگى شپكسپىرنىڭ 36 سەھنە ئەسىرىنى، ھىندىستاننىڭ رامانايا، ماخاپىراتا داستانلىرىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان 15توملۇق (32كىتاب) دۇنيا تارىخىنى، ئومۇمىي تاڭ نەزمىلىرىنى، بايرۇننىڭ دون جۇئان داستانىنى، ھومېرنىڭ ئىللادا ۋە ئودېسسا داستانلىرىنى، يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىنى، قۇرئان كەرىم، ئىنجىل ۋە تەۋرات نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرى، ئەپلاتۇن، ئارستوتىل ئەسەرلىرىنى، دانتىنىڭ تەڭرى كومىدىيىسى داستانىنى، گومورو ۋە تيەنخەننىڭ تارىخى درامىلىرىنى، ماركىس ئىنگىلىس ئەسەرلىرىنى، نەۋائى، بابۇر، مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەن. ئۇ بۇ جەرياندا 30 نەچچە خاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىش خاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان. ئۇ مۇشۇ يىللاردا قارلىق تاغ شەجەرىسى ناملىق داستان ۋە سۇمۇرغلار قوشىقى، قەدىمكى يىپەك يولى، خەن ئوردىسىدا باھار، مەلىكە خۇارۇڭ، تەڭرىتاغ ناخشىسى، داتباسماس قىلىچ، پىلە مەلىكىسى قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دراما يېزىپ چىققان. جاۋاھىرۇلھاقايىق دېگەن ماۋزۇدا قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا (بۇ كىتاب 1995-يىلىنىڭ بېشىدا 4- قېتىم تۈزىتىلگەندە ئالىم قەدىمكى تۇران تارىخى دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يېزىپ چىققان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھى كۈچلۈك بۇ ئالىم ئاق تېررورلۇق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا پارچە-پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىيسىنى رەتلىگەن. سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى (بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى) ناملىق لىرىك نەسىرلەر توپلىمىنى تولۇق تاماملىغان.

    1978- يىلى پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەم خاتا ئوڭچى قىلىنغان دېگەن خۇلاسە بىلەن ئاقلانغان ۋە 1980- يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئومۇمىي ئىستىتىكا دەرسىنى تەسىس قىلىپ ئۆتۈشكە كىرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كىتاب، ماقالە، رۇبائىي، شېئىر-غەزەللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1986- يىلى ئۇ ياپونىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىتۈك قامۇسى–«قۇتادغۇبىلىك» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن.

     1980-يىللاردا ئۇنىڭ 200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە، شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتى، فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى، ئومۇمىي ئىستېتىكا، چوغلۇق، رۇبائىيات (1)، رۇبائىيات (2)، قارلىق تاغ شەجەرىسى قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە 1980- يىللاردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان:- روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى، ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار، ئارىفنامە، يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت، يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت قاتارلىق بىر قاتار ئېسىل ماقالىلىرى ۋە سىكتاي-ساك-ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق، ئۇيغۇر ئەجدادلىرى مەي مەدەنىيىتى، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى، ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى، ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىخانلىق ئەنئەنىسى، نورۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى چۈشىنىشتە ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى يول ئېچىپ بەردى. ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ ئاشۇ يىللاردا يازغان ۋە تۈزەتكەن ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى، غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى، قوتادغۇبىلىك خەزىنىسى، ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى، سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىر-بىرلەپ نەشر قىلىندى. بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە، يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش، سوغدىلار ۋە ئۇنىڭ ئېتنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا، چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىغا يىپيېڭى تۈس قوشقان ئىدى.

     ئەپسۇسكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تالانتلىق ئەدەبىي، تۆھپىكار باغۋىنى، مول مېۋىلىك پروفېسسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئۆزنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ، 1995- يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى زىققا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىشى سەۋەبى بىلەن62 يېشىدا بۇ ئالەم بىلەن خەيىرلەشتى.


     پايدىلانغان ماتىرياللار:

     ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» دېگەن ئەسىرى؛


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 22

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 3302 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-28