رىشات ئابدۇرسۇل





رىشات ئابدۇرسۇل



     رىشات ئابدۇرسۇل تەبىئى پەن دوكتورى. كانادا سىمون فراسەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پوست-دوكتۇر (دوكتۇر ئاشتى) تەتقىقاتچىسى. ماتېماتىكىلىق كونترول نەزىرىيىسى ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. رىشات ئابدۇرسۇل 1962- يىلى 7- ئايدا غۇلجا شەھىرىدە توغۇلغان. 1979- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ماتېماتىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 

1984- يىلى 9- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.

    ئۇ 1988-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 3-قېتىملىق ياپونىيىگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، ياپونىيە توكيو دەنكى ئۇنۋېرسىتې تەبىئىي پەن-سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇچۇر فاكۇلتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا قوبۇل قىلىنغان. 1990-يىلى 10-ئايدا، ئۇ ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ، 1991-يىلى 6-ئايدا شەخسىي راسخوتى بىلەن ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن قايتا ياپونىيىگە چىققان، ھەم بۇرۇن بىلىم ئاشۇرغان فاكۇلتېتتا ئاسپىرانتلىق، دوكتورلۇق ئوقۇغان. 1996-يىلى 9-ئايدا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1998-يىلى 4-ئايدىن 1999-يىلى 3-ئايغىچە كومپيۇتېر شىركىتى ”ئالگو21 ورپوراتىئون“ دا كومپيۇتېر ئىنژىنىرى بولۇپ ئىشلەپ، ام(ومپۇتەر ئائىدەد مانۇفاتۇرىڭ) سىستېمىسىنى تەتقىق ھەم ياساش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1999-يىلى ئۆزى ئوقۇغان مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ كەسپى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئورۇنلاشقان. ئۇ 2004-يىلى لېكتورلۇق سالاھىيىتى بىلەن شۇ مەكتەپنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇپ قاتنىشىپ ”ھۇمان ئاداپتىۋە مەچاترونىس“ يەنى ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ماسلىشالايدىغان ئېلېكتر مېخانىك سايمانلىرى(روبوت) توغرۇلۇق تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 2005-يىلى 10-ئايدا ئائىلىسى بىلەن كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ، ھازىر كانادانىڭ ۋانوئۇۋەر شەھەردە تۇرىدۇ.

    ئۇ ئوقۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا خەلقئارالىق يىغىن، ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ماقاللارنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرى توغرىسىدا بۇ ئۇلانمىدىن تەپسىلە كۆرەلەيسىز http://biliwal.com/conv/urldinkorset.php?adres=http%3A%2F%2Fwww.biliwal.com%2FPDF%2FRixatAbdursul.pdf&qaysifont=UKIJ+Tuz+Tom&AU=L2K.

ئۇندىن باشقا ماتېماتىكا، ئىنفورماتسىيە ئىلىمى، سىستېما كونترول نەزەرىيىسى توغرىلىق دەرسلەرنى ئۆتۈش بىلەن بىرگە ئاسپىرانتلارنى تەربىيىلەش جەرياندا پروفېسسورغا ياردەمدە بولۇپ كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئۇ بۇ نەتىجىلىرى بىلەن 2006-يىلى ”ۋھوس ۋھو ئىن تھە ۋورلد“ نىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بىر نەچچە ئۇيغۇر باللىرىنىڭ ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقىش ئىشلىرىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ياردەمدە بولغىنىمۇ ئۇنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر.


    بىز دوكتۇر رىشات ئابدۇرسۇلنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ھەم مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمىز.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 414 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-28