مەمتىلى ئەپەندى



مەمتىلى ئەپەندى


     

مەمتىلى ئەپەندىمەمتىلى ئەپەندى

     
مەمتىلى ئەپەندى 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە توختاجى ئىسىملىك يېتىشكەن تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز زامانىسىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرىدىن بولۇپ، ئائىلىسى مەرىپەتنى، ئىلىم پەننى ھىمايە قىلغۇچى ئائىلە ئىدى. مەمتىلى ئەپەندى دۇنياغا كۆزئاچقان يىللار ھەممە يەرنى زۇلۇم قاپلىغان، ئىستىېدات چەككە چىققان، خەلق نادانلىق ۋە قالاقلىق قوينىدا ئېغىر ھالسىراۋاتقان قاراڭغۇ دەۋىر بولغاچقا، توختاجى تېۋىپ ئوغلىنىڭمۇ نادان، قالاق بۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن گۆدەك مەمتىلىنى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپ <<ھۆسەينىيە مەكتىپى>>گە ئوقۇشقا بېرىدۇ. يېڭىچە پەننىي مەكتەپتە ئوقۇش، ئۇستازلىرنىڭ ئەستايدىل تەربىيىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار دۇنيا قاراش شەكىللەندۈرۈشىدەك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. مەمتىلى ئەپەندى <<ھۆسەينىيە>>مەكتىپىدىكى ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن 1920-1921- يىللىرى دادىسى توختاجى بىلەن بىرگە ئىلى، بۆرتالا ۋە چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ. ئۇيەرلەردە كۈزى تېخىمۇ ئېچىلىپ جاھالەت ۋە نادانلىق ئىسكەنجىسىدىكى خەلىقنىڭ ھاياتى بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچىرشىدۇ؛ تېخىمۇ تىرشىپ، ئۆگىنىپ، كەڭ دائىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، خەلقنى بىلىم بىلەن ئويغىتىش ئىرادىسىنى تىكلەيدۇ، ئۇ چۆچەكتە كۆپ تەرەپلىمە مەلۇماتلىق دىنىي زات، مەرىپەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان بۇ جاسارەتلىك يىگىتكە مېھرى چۈشۈپ قالىدۇ ھەم ئۇنى تەربىيلەيدۇ. 1924-يىلى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ سۇيقەستكە ئۇچۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان مەمتىلى ئەپەندى چەكسىز قايغۇ -ئەلەمدە <<ئوقۇدى،ئاشتى>> دېگەن شېئىرىنى يازىدۇ:


ئوقىدى-ئاشتى باشقىلاربىزدىن، ئەي قەدىردانلار،

كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار.

ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلۇر باشقا مىللەتلەر،

قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا،ئويلا ئۈممەتلەر.

 



        بۇ شېئىر كىشلەر تەرپىدىن كۆچۈرلۈپ تام-تاملارغا چاپلىنىپ كېتىدۇ، خەلق مەمتىلى ئەپەندىنى تېخىمۇ تونۇيدۇ. مەمتىلى ئەپەندى چۆچەك تەۋەسىدە تەسىرنىڭ كۈنسىرى كۈچىيۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ياڭ زېڭشىننىڭ ماراقچىسى ئۇنى كېچە - كۈندۈز نازارەت قىلىدۇ. تەقىپ ئىچىدە قالغان ياش شائىر ئۇستازى مۇرات ئەپەندىنىڭ سەمىمىي ئاتىدارچىلقى بىلەن 1926- يىلى بىر كېچىدىلا چېگىردىن چىقىپ كېتىدۇ. يات ئەللەردىكى سەرسانلىق-سەرگەردانلىق شۇنىڭدىن باشلىندۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1928- يىلى بىر ئاق كۆڭۈل تۈرۈك قېرىدىشىنىڭ ياردىمى بىلەن قىرىم ئارىلى ئارقىلىق ئىستانبولغا بارىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1920- يىلى ئاتۇشتىن چىقىپ كەتكەندىن تارتىپ تاكى ئىستانبولغا يېتىپ بارغۇچە بولغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ھاياتنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز جاپا-مۇشەىتىنى تارتىدۇ، ھەرخىل ئىدىيە-ئېقىملار بىلەن ئۇچىرشىدۇ. خىلمۇ خىل كىشلەر بىلەن ئۇچىرشىدۇ، دىمەك ئۇ ئوتتۇزياشقا قەدەم قويغۇچە پىشىپ يىتىلگەن بىر ئادەم بولۇپ چىقىدۇ. ئۇ تۈركىىيگە يېتىپ كەلگەن يىللىرى، تۈركىيىنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى يېڭىلنىپ، مەدىنيەت-مائارىپ ئىشلىرى گۈللىنىپ، ئىقتسادى كۈچىيىپ، تەرەققىيات سۈرئىتى تېزلىشىپ تەرەققىي تاپقان ئەلگە ئايلىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى. مەمتىلى ئەپەندى 1929- يىلدىن 1932- يىلغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدا، مەمتىلى ئەپەندى ھەققىي بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلايدۇ. ئۇ تۈركىيە گېزىتلىرىدە كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان، شىنجاڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ، خەلىنىڭ تەقدىرى، يۇرتنىڭ ئىسىقبالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەمتىلى ئەپەندى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قوشۇنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىگە ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۆۋەندىكى پارچىنى يازىدۇ: ئاڭلىدۇق ئەي ئانا دىيار سەندىن چۇقان، پارتىلىدى زالىمغا قارشى ۋولقان. پاچاقلاشقا قۇللۇق كىشەن - زەنجىرىنى، ئالغا،ئارتقا قايتما جەڭدىن باتۇر ئىنسان.  

      مەمتىلى ئەپەندى يۇرتىغا دەرھال قايتىش قارارىغا كېلىپ خەلقنى نادانلىق، قاششاقلىق ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاقارتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە يۇرتىغا ئاخىر قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ بىر يېتىشكەن مەرىپەتچى سۈپىتىدە خەلق ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ مەرىپەت ۋە ئىلىم -ئىرپان ئىدىيسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىدى. يېڭى مائارىپ ھەرىكەتلىرى ۋە 3-قېتىملىق مائارىپ دولقۇنى ئاتۇشتا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ تەشكىللىگۈچى ۋە پائالىيەتچى بولدى. ئۇ تەشكىل قىلغان << ئىزچىلار ئەترىتى >> زۇلمەت دۇنيانى يۇرۇتقۇچى مەشئەل بولۇپ ياندى. ئۇ مەشئەل دىنىي چەكلىمە، فېئودانلىق تەرتىپ ۋە زوراۋان كۈچلەرنىڭ قاتتىق ئىسكەنجىسىگە ئېلىنغان بولسىمۇ ئۆچۈپ قالمىدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە مۇنداق يازىدۇ: بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز، خەلقىمىزگە يوپيورۇق نۇرلار چاچىمىز. تالاي يىللار زۇلمەتتە تېنەپ خار بولدۇق، ئىلىم -ئىرپان يولىغا شۇنچە زار بولدۇق.  

    مەمتىلى ئەپەندى ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە 24 باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. ئۇ قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھالدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەسلەپكى قەدەمدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلاش، ئاقارتىش ۋەزىيتى شەكىللەندۈردى. مەمتىلى ئەپەندى 1935- يىلى يازدا ئوخشاش فورما كىيگەن يۈز نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ يەنى << ئىزچىلار ئەترىتى >> تەشكىللەپ ئۆزى باش بولۇپ، مارش ۋە ناخشلارنى ئېيتىپ پەيزىۋات، توقۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار، ۋە قەشقەر شەھەر ئەتىراپىنى ئايلىنىپ يېڭى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ جەڭگىۋار ھەرىكىتى قەشقەردە تۇرۋاتقان قوماندان ۋە مەرىپەتپەرۋەر مەھمۇت مۇھىتىىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرشىدۇ. تالانتلىق، ئوتيۈرەك شائىر مەمتىلى ئەپەندى نۇرغۇن شېئىرلار بىلەن بىرگە << يانار تاغلار >> سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك داستاننى يېزىپ تاماملايدۇ. مائارىپ خىزمىتى مۇقەدەس خىزمەت دەپ چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي-تالماي كۆيۈپ-پىشىپ، ئەجىر سىڭدۈرگەن مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى تاللىۋالغان توغرا يول ئۈچۈن ياش ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. مەرىپەت دۈشمەنلىرى ئۇنى دەرىسخانا مۇنبىردىن تۇتۇپ كېتىپ، 1937-يىلى 30-ماي كۈنى ئۇ شېڭشىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ ژاندارمىلىرى تەرپىدىن ۋەھشىلەرچە قەتلە قىلىندۇ. مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كېيىن، تىز پۈكمەس ئىرادىسى ۋە قەيسەرانە روھىنى نامايان قىلىدۇ ۋە مۇنداق يازدۇ:« ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسيان ئېتەر، كۆندە مۇشتۇمدەك كېسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر». مەمتىلى ئەپەندى ئۆزنىڭ تارىختا ئۆچمەس مائارىپ پائالىيەتلىرى ۋە ئەدبىي ئىجادىيىتى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مائارىپ تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بىز ئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ بۇ مەشھۇر ۋەكىلىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيمىز، ئۇ خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ھايات.


سېغىنىش 

(مەمتىلى تەۋپىق)    

ئانا يۇرتتىن كەتتىم يىراققا، يۈردۈم يىراقتا غەمدە مەن، 

يېگۈدەك ئاش-نان قېنى، ئىسسىق-سوغۇقتا دەڭدىمەن.

قالدى ئەل-يۇرت، قالدى تارىم، قالدى ئىلى، زەرەپشان. 

ئۇشبۇ ۋەتەن غېمىدە كۆڭلۈم مېنىڭ پەرىشان.


نەگە بارسام كەمسىتىش، ((ۋەتەنسىز ))دەپ سانالدىم،

تۇتقۇن بولۇپ ھەر جايدا تۈرمىلەرگە قامالدىم.   

ۋىجدانى ھەم ئىمانى يوق بەگ، غوجام ھەر جايدا بار،   

قاغا، قۇزغۇن خان ۋەتەندە، يازدىمۇ بولماس باھار. 


كۆز يېشىم يامغۇر بولۇپ ئاقار كۈندە توختىماي، 

بۇلاڭ-تالاڭ بولغان ۋەتەنگە مەن تەۋپىق قانداق چىداي.

ئېھ، ۋەتىنم، غەمگۈزارىم-مىېھرىبانىم ئانا يەر،

ئالىمىمدە تەڭداشسىز شەرىقتىكى بىر گۆھەر.


ھەر كۈنۈڭ ئۆتتى بەخىتسىز بۇ قاراڭغۇ زۇلمەتتە، 

پەن -بىلىمنى تەرك ئېتىپ ياتتىڭ ئۇيقۇ غەپلەتتە. 

ئىس-تۈتەك ئىچرە قالدى، ئەل -ۋەتەن ھالى خاراب، 

پەرز ئەمەس ناخشا -ساز بىزگە، ساتار، سۇناي، دۇتتار، راۋاپ.


ئېھ، ۋەتىنىم بايلىقىم، كۆڭۈل شادى يايلىقىم، 

سەن ئۈچۈن پىدا ئوغۇلمەن، تەقدىم ساڭا بارلىغىم. 

1930-يىل . مەمتىلى توختاجى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 192 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-27