سۇتۇق بۇغراخان



سۇتۇق بۇغراخان



     

سۇتۇق بۇغراخانسۇتۇق بۇغراخان

     <ھەزسۇلتان> دېگەن سۆز <ھەزرەت سۇلتان> دېگەن سۆزنىڭ جانلىق تىلىدا ئېيتىلىشى بولۇپ < ھەزرەت سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان> دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى. <سۇلتان> دېگەن سۆز ئەرەبچە <سەلتەنەت ئىگىسى> دېگەن بولۇپ، سۇتۇق بۇغراخان نامىغا ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىدا قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن. تارىخىي ماتېرىياللاردا بولسا <سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئابدۇكېرىم> دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. <ئابدۇكېرىم> ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قويۇلغان ئىسمى. 
     كىچىك ۋاقتىدا ئاشۇ <ھەزسۇلتۇنۇم>غا بالىلار بىلەن بېرىپ ئوينايتتۇق. كېيىنرەك، مازارنىڭ شەيخى ئاقساقال بوۋايدىن <ھەزسۇلتۇنۇم> توغرىسىدا ئۇزاق-ئۇزاق قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئاڭلايتتۇق. شۇنداق قىلىپ، ياش ۋاقتىمدا سۇتۇق بۇغراخان توغرىسىدا سىڭىپ قالغان بۇ تەسىر چوڭ بولغاندىن كېيىن بىر نەرسە يېزىش ئارزۇسىنى پەيدا قىلغانىدى. لېكىن بۇ ئارزۇ تۈرلۈك سەۋەپلەر ۋە ئىشنىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشماي كەلدى. ئەمدىلىكتە، 65 يېشىمدا تارىخ توغرىسىدا بىر قەدەر تەپسىلىيرەك ماتېرىيال كۆرۈپ تەتقىق قىلىشقا ۋە بۇ روماننى يېزىشقا پۇرسەت بولدى. 
    ئۇيغۇر تارىخى ئۇزاق، مۇرەككەپ، باي مەزمۇنلۇق، شۇنىڭدەك سىياسى، ئىجتىمائىي كۆرەش پائالىيەتلىرى بىلەن تولغان. 
    ئۇيغۇر ئۆز تارىخدا قەدەممۇ-قەدەم ئۆسۈش، بىرلىشىش جەريانىنى بېسىپ ئۆتكەن، يەنى ئۇرۇقلار بىرلىشىپ قەبىلىگە، قەبىلىلەر بىرلىشىپ ئۇلۇسقا، ئۇلۇسلار بىرلىشىپ تېخىمۇ چوڭراق خەلقلەر تۈركۈمىگە تەرەققىي قىلغان. ئاندىن كېيىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى مۇئەييەنلىشىپ مىللەت شەكلىنى ئالغان. بۇ جەريان 2000 يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
    ئورخۇن - بالقاشتىن كوئىنلۇنغىچە، خېشى كارىدورى دۇنخۇاڭدىن ئامۇ دەرياسىغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 500 - 300 يىلدىن، مىلادىدىن كېيىنكى 5 - ئەسىرگىچە، ئالاھىدىلىكى بىر - بىرىگە يېقىن بولغان نۇرغۇن تۈركىي ئۇرۇقلار، قەبىلىلەر ياشىغان. يېقىنقى زامان ئالىملىرى شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن قەبىلە ۋە خەلق تەرىپىدىن قوللىنىلغان تىلغا ئۇقۇم خاراكتېرىدە تەرتىپ بېرىپ <تۈركىي تىللار> دەپ ئاتىغان. 
     تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان بۇ كۆچمەن چارۋىچىلار ئىچىدە، <دىڭلىڭ> دەپ ئاتالغان بىر خەلق بار. <دىڭلىڭ> دېگەن بۇ نام كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەنزۇچە تارىخىي ھۆججەتلەردە تېلې، گاۋچې <قاڭقى> دەپ ئۆزگەرتىپ يېزىلغان. 
     دىڭلىڭلار دەسلەپتە بىر خىل قەبىلىلەر بىرلەشمىسى بولۇپ، بۇ قەبىلىلەر بىرلەشمىسىدە ئۇيغۇرلار مۇھىم ئورۇن تۇتاتتى. خەنزۇچە تارىخىي ھۆججەتلەردە ئۇيغۇر دېگەن نام يۇەنخىې، خۇيخې، ۋىخې، خۇيخۇ دەپ ئۆز تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئاھاڭ جەھەتتىن تەرجىمە قىلىنغان. 5 - ئەسىردىن كېيىن، سىياسىي ۋەزىيەتتىىكى جىددىي ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن، بۇ دائىرىدىكى ئاھالىلەر ئارقا - ئارقىدىن ئۆزىگە لايىق رايونلارغا كۆچۈشتى. ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ ئاساسلىق پۇقرالىرى ئورخون، توغلا، سېلىنگا دەرياسى ۋادىللىرىغا جۇغلاستى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم تارىخىي پائالىيتى 744 - يىلدىن 840 - يىلغىچە بولغان ئورخون ئۇيغۇر خاندانلىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خاندانلىقنىڭ ئىچكىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يىقىن بولغان. ئۇيغۇر خاندانلىقى 759 - يىلى تاڭ سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ <ئۆڭلۈك - سۆيگۈن> (بۇلارنى خەنزۇچە يازمىلاردا ئەنلۇشەن، شى سىمىن دەيدۇ) توپىلاڭلىرىنى تىنچىتقان. بۇ پائالىيەت بىلەن تارىختا كۆپ ھېكايە قىلىنغان < ئات - يىپەك ماللار سودىسى> بارلىققا كەلگەن. تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇر خاندانلىقى ئوتتۇرسىدىكى بۇ سودا يۈز يىل داۋام قىلغان. 
     840 - يىلى، تەبىئىي ئاپەت ۋە باشقا ئۇلۇسلار بىلەن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇش ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ بىرلىكى شىكەست يېدى. ئورخون، توغلا، سېلىنگا دەرياسى ۋادىللىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن تۆت تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ باشقا جايدىكى ئۆز قېرىنداشلىرى يېنىغا كۆچۈشتى. بىر تۈركۈمى جەنۇبقا كۆچۈپ، كېيىنكى يىللاردا بۈگۈنكى جېبېي، شەنشى دائىرلىرىدا ئولتۇرۇاقلىشىپ قالغان. قالغان ئۈچ تۈركۈمى غەرىبكە يۈرۈپ، خېشى < بۈگۈنكى گەنسۇنىڭ غەربىي>، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىدا ئورۇنلىشىپ، شۇ جايدا ياشاپ كەلگەن قېرىنداشلىرى ۋە باشقا خەلىقلەر بىلەن قوشۇلۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خېشى ئۇيغۇرلىرى دۆلىتى، قاراقوچۇ - ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە قاراخانىلار دۆلىتىنى قۇرغان. قاراخانىلار دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان. بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ئىچىدە يەنە قارلۇق، باسمىل، چېگىل، تۈركەش، ياغما ھەم باشقا تىل سىستېمىسىغا مەنسۇپ سوغدې قاتارلىق دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالىلەر ۋە كۆچمەن چارۋىچىلار بار ئىدى. 
      دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە، قوچۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن خېشى ئۇيغۇرلىرى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن بۇ دىن پۈتۈن قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ دۆلەت دىنى بولۇپ قالغان. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدا بولسا، بۇ ئۈچ تۈركۈم ئۇيغۇرلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن دېھقانچىلىققا ئۆتكەن. 
بۇ ئۆزگىرىشنى مەيلى جەمئىيەت خاھىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسۇن، ۋە مەيلى تارىخىي شەخىسلەرنىڭ پائالىيتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسۇن، ئۇ مۇقەررەر يوسۇندا غايەت زور ئىنكاس قوزغىغان ھەم گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ زىددىيەتنى پەيدا قىلغان. 
     مۇرەككەپ زىددىيەتنى پەيدا قىلغۇچى يەنە بىر ئامىل قوراللىق توقۇنۇش، ياكى ئۇرۇش ئىدى. قاراخانىلار خاندانلىقىنى ئېلىپ ئېيتايلى، ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ھاكىيمىتى، خوتەن بۇددىستلار ھاكىيمىتى بىلەن بەزىدە ئۇرۇشلارنى قىلغان. ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن سامانىلار خاندانلىقى ۋە غەزنىۋى خاندانلىقى بىلەن ئۇزاق ئۇرۇش قىلغان. 
ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدىكى تارىخىي ھۈججەتلەر ئاز ئەمەس. <كونا تاڭنامە> دىكى <ئۇيغۇرلار> بابىدا تاڭ تەيزۇڭ لى شىمىننىڭ: <627 - 649 - يىللىرىدا بەش تېكىن باشچىلىقىدىكى 20 قەبىلە ئۇيغۇر تالاس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ياشىغان> دېگەن سۆزى يېزىلغان. مەھمۇد قەشقەرى: < ئۇيغۇرلار ئىلى، ئېرتىش، يامار، ئېدىل(ۋولگا) بويلىرىدا ياشىغان. ئۇلارنىڭ تىللىرى يەڭگىل - توغرا، ياخشى تىل> دېگەن. <سۈينامە>دە: <ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارال دېڭىزىنىڭ شەرقىدىن ئېۋىرغۇل (قومىت بالىق - قۇمۇل)نىڭ شەرقىغىچە بولغان جايلاردا ياشىغان> دېيىلگەن. پارىژ ئالىي مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى ھېنرى: <10- ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر، قارلۇق ئوخۇزلارنىڭ ماكانى ئىدى> دىگەن. < ئۇيغۇرلار قەدىمكى تۈرك قەبىلىلىرىگە مەنسۇپ بولۇپ قالماي، ئۇلار تۈركىي خەلىقلەر ئارىسىدا كەڭ تارالغان> (ۋ.ۋ.رادلوۋ). بارتولد رادلوۋنىڭ قارىشىنى قۇۋەتلەپ: <ئۇيغۇر - تۈرك> دەپ ئاتىغان. 
ئورخۇن ئۇيغۇر خاقانى مويۇنچۇرنىڭ قەبرىسىدىكى 8 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەڭگۈ تاشتا: <قالمىس بودۇن ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز وزا يۈز يىل ئولۇرۇپ> دېيىلگەن. بۇنىڭ مەنىسى: <بۇ جايدىكى قالغان خەلقلەر - ئون ئۇيغۇر - توققۇز ئوغۇزلار يۈز يىلدىن ئارتۇق ياشىدى> دېگەن بولىدۇ. دىمەك، ئۇيغۇرلار 3 - ئەسىردىن خېلى ئىلگىرىلا مەۋجۇد بولغان، كۆچمە دۆلىتى بولغان، جەمىئىيتى بولغان. 7-، 8 - ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىي دۆلىتى (خاقانى) بولغان. قەدىمكى بۇددا دىنى كىتابىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلغان بىر تېكىستە: <ئۇيغۇر ئىلى ئالىك ئورتون ئۇلۇستا توسۇپ بالگوروپ> (ئۇيغۇر دۆلىتىدە ئۇلۇستا ئىلىك __ خاقان بولغان) دەپ يازغان. خەنزۇ تارىخچىسى خۇاڭ ۋىنبىنىڭ <تۇرپان> دېگەن ئەسىرىدە <ئۇلۇغ ئۇيغۇر دۆلىتى> دېيىلگەن. رادلوۋ: بىر قاتار ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىدە يېزىلغان <ئۇيغۇر>، <ئون ئۇيغۇر>، <توققۇز ئۇيغۇر>، <ئوغۇز، توققۇز ئوغۇزلار> ھەممىسى ئوخشاش بىر خەلق __ ئۇيغۇرلار، دەپ يازغان. 
يوقىردىكى پاكىتلارغا ئاساسەن شۇنى مۇقىملاشتۇرۇش مۇمكىنكى، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئەسىرلەردە تۇيۇقسىز مەيدانغا چىقىپ قالغان ياكى تامامەن باشقا ياقتىن كېلىپ قالغان خەلق ئەمەس، ئۇلار قەدىمدىن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى بېسىپ كىچىكتىن چوڭغا، تۆۋەندىن يوقىرىغا ئۆسۈپ، ئۇلغىيىپ كەلگەن بىر خەلق. ئۇلار ئۆز ئەمەلىيتىدە سىياسى، ئىقتىسادىي مەدەنىيەت (تىل - يېزىق) جەھەتلەردە دەۋرمۇ-دەۋر تەرەققىي قىلىپلا قالماستىن، باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ (غەرب - شەرىقتىكى تۈركىي بولمىغان خەلقلەرنىڭمۇ) ۋە خەنزۇ خەلقنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خەنزۇلارنىڭ ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ھەم ئەللەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە ياردىمىگە ئىگە بولغانلىقى تەبىئىي. 
     قاراخانىلار خاندانلىقى جۇڭگو تارىخىدا، ئۇيغۇر تارىخىدا، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ تارىخىدا ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ تەرەققىياتى، مەدەنىيەت سەۋىيسىنىڭ يۈكسەكلىكى، ۋاقىتنىڭ ئۇزاقلىقى (300 يىلدىن ئارتۇق) جەھەتلەردە كونا ئورخون دەرياسى ۋادىسىدىكى قەدىم ئۇيغۇر قاغانلىقىدىن ھەم قاراقوچۇ ئۇيغۇر خاندانلىقىدىن ئالاھىدە پەرق قىلىدىغان چوڭ، قۇدرەتلىك ھاكىمىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆز زامانىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە كۆتۈرۈلگەن. دۇنيادا داڭلىق بولغان ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ شەۋكەتلىك ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلەر __ <قۇتادغۇ بىلىگ>، <تۇركىي تىللار دىۋانى>، <ھىببەتولھەقايىق> قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر؛ يۈسۈپ بالاساغۇنى، مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئەھمەت يۈكنەكىدەك ئۇلۇغ ئالىملار مۇشۇ دەۋردە دۇنياغا كەلگەن. شۇڭا، بۇ دەۋرنى ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى <گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرى> دەپ ئاتاش توغرا، ئىلمىي يەكۈن. Qkhor-f0 
ھەر قانداق ئىجتىمائىي ھادىسە تۇيۇقسىز پەيدا بولمايدۇ. ئۇ، مۇئەييەن تارىخىي دەۋرنىڭ مەھسۇلى. ئۇنىڭدا سىياسى، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت ئامىللىرى يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. قاراخانىلار ھاكىمىيتىنىڭ قۇرۇلىشى قۇدرەت تىپىشى ۋە ئۆز دائىرسىدىن ھالقىپ قوشنا ھاكىمىيەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىت ئاشۇ نوقتىنى ئىسپاتلايدۇ. قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ تارىخىي يەنە شۇنى ئۇقتۇرىدىكى، بۇ ھاكىمىيەت سىياسىي جەھەتتە، ئۆز دەۋرىنى سىلجىتىش خاراكتېرىدىكى يۈكسىلىش، مەدەنىيەت جەھەتتە ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدىكى ئۇمۇملاشتۇرۇش ۋە چوڭقۇرلىتىش قاتارلىق ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدا زۆرۈر بولغان ئىلغار ئامىللارغا ئىگە ئىدى. شۇ سەۋەپتىن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىي ھاياتى ئۇزاققىچە مۇقىم، تۇرغۇنلۇققا ئىگە بولغان، ئىقتىسادىي پەيدىنپەي يۈكسىلىپ بارغان. شۇڭا خەلق ئاممىسىنىڭ ئىجتىمائىي كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن ئىجادىي تۆھپىلەر بارلىققا كەلگەن. يۇقىرىدا ئېيتىلغان <گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋر>نىڭ مەنىسىمۇ مۇشۇ يەردە. 
     شۇنىسى ئېنىقكى، بىرگىچە يېتىپ كەلگەن يازما پاكىتلارغا قاراپلا ئۇ دەۋردە ئارانلا ئۈچ ئالىم ۋە ئۈچ ئەسەر مەيدانغا كەلگەن دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئالىملارمۇ ھەربىرسى يالغۇز بىردىنلا كىتاپ يىزىپ شۇ قەدەر يۇقىرى سەۋىيە ياراتقان دېيىش بىر تەرەپلىمىلىك. ئۇنداق ئۇلۇغ ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق مەشھۇر ئەسەرلىرى ئۆز زامانىسىنىڭ يۈكسەك مەدەنىي ھاياتىنىڭ يۈكسەك يىغىنچاقلانغان مەھسۇلى ئىكەنلىكى چوقۇم. ئەپسۇكى، قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ۋە بۇ خاندانلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر باسقۇچى بولغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ۋە تەرەققىياتىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان پارچە ھۆججەتلەر بەك ئاز. 
    بۇ روماندا ۋاقىت جەھەتتىن سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەزگىلى ئاساس قىلىنغانلىقى ئۈچۈن شۇ دەۋردە بىر قەدەر چاققان تەرەققىي قىلىپ، قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان يۈكسىلىش كۆزدە تۇتۇلدى. 
    سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل، قاراخانىلار خاندانلىقى دەۋردىكى ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق، ئىچكى ئەھۋالى بىر قەدەر مۇقىم، ئالغا بېسىشى تېزرەك مەزگىل بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بار: 
    1. ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسلىنىپ بىرقەدەر مۇكەممەل فېئوداللىق ھەربىي دۆلەت تۈزۈمى ۋە يانچىلىق- فېئوداللىق ئىجتىمائىي ئىگىلىك مەيدانغا كەلگەن. قاراخانىلار خاندانلىقى بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا، ماۋۇرائۇننەھر، يەتتەسۇ رايونى ۋە تارىم ۋادىسىنىڭ غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان. بۇ دائىرە ئاسىيا بويىچە ھەممىدىن بۇرۇن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەن رايونلارنىڭ بىرى ئىدى. بۇ دائىرە ئىچىدە تۇراقلىق دېھقانچىلىق ئاھالىلىرى، شۇنداقلا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى قەبىلىلەرمۇ بار ئىدى. ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى بويىچە ئېيىتقاندا، بۇ دائىرىدە فېئودال پومېشچىكلار، نەسەبلىك تۆرىلەر، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى مەۋجۇت ئىدى. دېمەك، قاراخانىلار خاندانلىقى كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ شەكىللىك ئىقتىسادىي تۈزۈمنى يولغا قويغان، ماۋۇرائۇننەھر رايونىدا بولسا <ئىلىكخان> ۋە <ئېكىتار> شەكلى ئارقىلىق دۆلەت بىۋاستە ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى ساقلاپ قىلىنغان. قۇللۇق دەۋرنىڭ كونا تۈزۈملىرى سۇندۇرۇلۇپ، فېئوداللىق دەۋرنىڭ يېڭى تۈزۈملىرى تىكلەنگەن. ئىلگىرىكى يىرىك ۋە ئوتتۇرا قۇلدارلار يېڭى يىرىك، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن يەر ئىگىلىرىگە ئايلانغا. مەسىلەن: كۆپ مىقداردا يەر ۋە چارۋامالغا ئىگە بولغان ئېكىتلار، خان جەمەتلىرى (بەگ - تۆرىلەر)، ھەربىي ئەمەلدارلار، چوڭ زېمىندارلار بۇلار بولسا دۆلەتتە يۇقىرى ئىقتىسادىي ئىگىلىككە ۋە مەمۇرىي ھوقۇققا ئىگە بولغان ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى يۇقىرى تەبىقىلەر ئىدى. 
    بۇلاردىن باشقا چوڭ سودىگەرلەر، جازانىخۇرلار، قول ھۈنەر خۇجايىنلىرى، كارخانىلار مەيدانغا كەلگەن. ئاز يەرلىك دېھقانلار ۋە ئاز ماللىق چارۋىچىلار (ياكى قۇل دېھقان - چارۋىچىلار) يىللىق، ئۇزاق يىللىق ۋە ئۆمۈر بويى سېتىلغان ئەر - ئايال دېھقان - چارۋىچىلار (كۈڭ - دېدەكلەر)، قول ھۈنەرۋەنلىرى ۋە تۆۋەن خىزمەتچىلەر  بۇلار بولسا تۆۋەن تەبىقىغە مەنسۈپ بولغان، ئەڭ كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلغان ئېكىسپالاتسىيە قىلىنغۇچى، ئېزىلگۈچى خەلق ئاممىسىدىن ئىبارەت ئىدى. قۇللۇق تۈزۈمنىڭ قالدۇقلىرى تېخى مەۋجۇت بولسىمۇ، فېئوداللىق تۈزۈم ئاساسەن تىكلىنىپ بولغان. يانچىلىق - فېئوداللىق ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى، سۇتۇق بۇغراخان زامانىسىدە كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلىپ، پۈتكۈل خاندانلىقنىڭ يېڭى ئىجتىمائىي تۈزۈمگە ئاساس سالغان. 
     2.ئىسلام دىنى شىنجاڭغا ئىلگىرىدەك ئايرىم - ئايرىم تارالغان بولسىمۇ، سۇتۇق بۇغراخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە رەسىمىي قوبۇل قىلىنىپ، دۆلەت دىنىي ھىسابلىغان. سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىلار خاقانلىرى ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگۈچى ۋە ئىسلام دىنىنى تاراتقۇچى نامى بىلەن تارىختا مەشھۇر. ئىسلام دىنىنىڭ مۇستەھكەم بۇدىستلار ھېسابلانغان قاراخانىلار خاندانلىقى خەلقلىرى ئارىسىدا تارىلىشى دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى چوڭ بىر ئۆزگىرىش بولۇپلا قالماي، ئۇ، تەبىئىي يۇسۇندا ئادەت - يوسۇن، ئىدېئولوگىيە جەھەتلەردىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، بىر قاتار تۈپلۈك ئۆزگىرىشلەرگە تۈرتكە بولغان، شۇنداقلا ئىسلام دىنى ۋاستىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە بۇ ياقتىكى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ خۇراسان ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى، خەلقلىرى بىلەن بولغان مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى كۈچەيگەن. كۈن چىقىش ۋە كۈنپېتىشتىكى كۆپلىگەن ئۇلۇسلار بىر خىل تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان بولۇپلا قالماستىن، بىر دىنغا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغانلىقتىن، بۇ ئەھۋال قەبىلە، ئۇلۇس ۋە خەلقلەرنىڭ تىللىرىنىڭ تېخىمۇ يىقىنلىشىپ تەرەققى قىلىشىدا، ئورتاق مەدەنىيتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ۋە ئۆز - ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە مەلۇم ئىجابىي رول ئوينىغان. 
     3. قاراخانىلار خاندانلىقى دۆلىتىنىڭ مەمۇرىي تۈزۈمى بۇ خىل كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ شەكىللىك ئىجتىمائىي تۈزۈمگە ئۇيغۇنلىشىش ئېھتىياجى بىلەن تىكلەنگەن. كۆچمەن چارۋىچىلىق رايونىدا، قاراخانىلار خاندانلىقى ھەر قايسى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىللە، يەنە ئۇلارغا مەلۇم مەمۇرىي ھوقۇقنى بەرگەن. مەسىلەن: ئەدىلىيە، ئامانلىق ساقلاش، خاندانلىق ئۈچۈن باج سېلىق توپلاش ۋە ھاكازالار. ماۋۇرائۇننەھر ھەم تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا بولسا، قاراخانىلار خاندانلىقى بىۋاستە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان. بۇنىڭ بەلگىسى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، بۇ دائىرىدە ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ مەنسەپكە تەيىنلىشى ۋە مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى خان تەرىپىدىن بەلگىلىنەتتى. بۇ ئەمەلدارلار خاننىڭ پەرمانى ۋە مۇددىئاسى بويىچە ئىش بېجىرىش كېرەك ئىدى. قاراخانىلار خاندانلىقى ئۆزىنىڭ بۇ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە مەمۇرىي تۈزۈمىنىڭ بىمالال يۈرگۈزۈلۈشىگە كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار قانۇن ۋە نىزاننى تۇرغۇزغان. مەسىلەن: جىنايەت قانۇنى، باج - سېلىق نىزامى، يەر - سۇ توغرىسىدىكى نىزام، قۇللار (ياكى قۇل دېھقانلار)نى سېتىش، سېتىۋىلىش ۋە ئېكىپالاتسىيە قىلىش نىزاملىرى ۋە باشقىلار دۆلەت تۈزۈمىدە ئۆز ۋاقتىدا خېلى ئىلغار بولغان خەلقچىلىقىمۇ بولغان. مەسىلەن: ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق بۇغراخاننىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا دۆلەت قۇرۇلتىي ئېچىش، <ئۇيغۇرۇش ھالقىسى> دەپ ئاتالغان ئۈچ كىشىلىك يۇقىرى ھوقۇقلۇق ئورگان ۋە دۆلەت (ئوردا) كېڭىشى بولغان. قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ فېئوداللىق جەمىئىيەت تۈزۈمىگە مۇۋاپىق بولغان بۇ دۆلەت تۈزۈمى، ئاساسەن سۇتۇق بۇغراخان زامانىسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان. بۇ ئەسەردە دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئاشۇ ۋاقتىدىكى مۇشۇ ۋاقىتتىكى مۇشۇ خۇسۇسىيەتلىرى بايان قىلىندى. 
     قاراخانىلار خاندانلىقى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى 100 يىلدىن ئاتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىتىكى مەركىزىي ھاكىمىيەت يىمىرلىشكە يۈز تۇتۇپ بۆلۈنۈش ۋەزىيتىدە تۇرۇپ كەلدى. زاۋانلىققا يۈز تۇتقان تاڭ سۇلالىسى دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە ھەربىي ئىسيانلار تەرىپىدىن گۇمران بولۇپ چاك - چېكىدىن بۆسۈلدى. <مىلادى 860- يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چيۈ پۇ (؟ _860 يىللار) رەھبەرلىك قىلغان دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە ياڭ شۇن (؟_869 يىللار) رەھبەرلىك قىلغان ھەربىي ئىسيان پارتىلىدى. مىلادىي 874- يىلى كەلگەندە، ئاخىر ۋاڭ شيەنجى (؟_878 يىللار) باشچىلىقىدىكى پۈتۈن مەملىكەت كۆلەملىك چوڭ قوزغىلاڭ پارتىلىدى. 878- يىلىدىن كېيىن <خۇاڭ چاۋ قوزغىلاڭچىللىرى ۋاڭ شيەنخى ئىزىدىن مېڭىپ، 880- يىلى تاڭ سۇلاسىنىڭ پايتەختى پاڭئەننى ئالدى>، <شۇنىڭ بىلەن بەش دەۋر، ئون بەگلىك بۆلۈنمە ھاكىمىيتى دەۋرى (906 - 960 يىللار) باشلاندى> مىلادى 960- يىلى سۇڭ سۇلالىسى قۇرۇلغان بولسىمۇ <دۆلەت سىياسىتى ھۆكۈمران سىنىپلار ئىچىدىكى بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ خەلقنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش، تاشقى جەھەتتىن تامامەن مۇداپىئە ئورنىدا تۇرۇش بولدى>. شۇڭا< سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان 320 يىل ئىچىدە شىمالىدىكى زېمىندا قالاق مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى باشتىن - ئاخىر مەۋجۇت بۇلۇپ كەلدى. دەسلەپتە كىدان، كېيىن جۇرجىن، ئاخىرىدا موڭغۇللار شۇنداق قىلدى. <جيەن بوزەن، شاۋ شۈنجىڭ. جۇخۇا: <جۇڭگو تارىخىدىن ئومۇمىي مەلۇمات> ) شۇ مەزگىللەردە لياۋ سۇلالىسى خۇاڭخېنىڭ شىمالىي رايونىنى باشقۇرۇپ تۇراتتى. ھازىرقى يىنچۇەننى مەركەز قىلغان رايوندا غەربىي شىيا خانلىقى ۋە گەنسۇ كارىدورىدا خېشى ئۇيغۇر ھاكىيمىتى مەۋجۇت ئىدى. دۈنخۇاڭدىن تارتىپ جۇڭغار، تارىم ئويمانلىقلىرىدا قارا چوقۇ ئۇيغۇر دۆلىتى بىلەن قاراخانىيلار دۆلىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزەتتى. بۇنىڭدىن باشقا تىبەت ئېگىزلىكى ھەم ھازىرقى يۈننەن - گۈيجۇ ئېگىزلىكىدىمۇ بىر قاتار ھاكىمىيەت گەۋدىسى شەكىللەنگەنىدى. يۇقارقىدەك ئەھۋال ئاستىدا قاراخانىلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان رەسمىي مۇناسىۋىتى پەقەت قىسمەن ۋاستىلىق ئايرىم مۇناسىۋەتلەر ۋە تارراق دائىردىكى بىۋاستە سودا مۇناسىۋىتىدىنلا ئىبارەت. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 8

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1216 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-27