سۇلتان سەئىدخان



سۇلتان سەئىدخان



     

سۇلتان سەئىدخانسۇلتان سەئىدخان

        يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ 3-ئوغلى بولۇپ 1490- يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە ئۆزبېك خانى شايبانىخانغا قارشى جەڭ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن. بىر يىلدىن كېيىن شايبانىخان ئۇنى قويۇپ بېرىپ، ئۆزى بىلەن بىللە بىر قاتار ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرغان. كېيىن ئۇ شايبانىخاننىڭ خارەزىمگە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان. لېكىن، تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرسا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاخىرى يەنە قىرغىزلار رايونىغا كېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، قىرغىزلارنىڭ چوڭ سەردارىغا ئايلانغان. 1508 - يىلى سەئىدخان زور قوشۇن بىلەن تاغىسى مەھمۇدخانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. دەل شۇ پەيتتە، سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ كېلىپ، سەئىدخانغا قارشى ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ئاتلانغان. نەتىجىدە ئاكا-ئۇكا ئوتتۇرسىدا ئالمائاتا دالاسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، سەئىدخان مەغلۇپ بولغان ھەمدە ئازغىنە ئادىمى بىلەن كابولدىكى تاغىسى زاھىردىن بابۇر شاھنىڭ يېنىغا مىڭ تەسلىكتە قېچىپ كەتكەن. بابۇر شاھ ئۇنى ئىززەت-ئىكراملار بىلەن كۈتۈۋالغان. بۇنىڭ بىلەن سەئىدخان بىر مەزگىل ئۆزبېكلەرگە قارشى بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان. كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ئۆزبېكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەمدە قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەن ھۆكۈمرانى مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھەمدە مىرزا ئەبۇبەكرىنى يوقۇتۇپ، قەشقەر، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ، ئەجدادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولغان. دەرۋەقە ، 1514- يىلى 6- ئايدا سەئىدخان 4 مىڭ 700 كىشلىك قوشۇن بىلەن تورغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن. بۇنى ئاڭلىغان مىرزا ئابابەكرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قەشقەر ۋە يېڭىساردا كۈچلۈك ئىستىھكاملارنى ياساتقان. لېكىن، سەئىدخان مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ يېڭىسار، قەشقەر ۋە يەكەنلەرنى ئىشغال قىلغان. مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ بۇ جايلارنى ساقلاۋاتقان قوشۇنلىرى ئاساسەن قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولغان. نەتىجىدە مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ كۇئېنلۇن تېغى ئارقىلىق لاداق رايونىغا قاراپ قاچقان. ئەمما، ئۇزاق ئۆتمەيلا سەئىدخاننىڭ قوشۇنلىرى مىرزا ئەبۇبەكرىنى ئىز قوغلاپ ئۆتۈپ، لاداقتا قەتلى قىلغان. بۇنىڭ بىلەن 1514 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن يەكەندە رەسمىي خانلىق تەختكە چىققان. 
     

      سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىرىنچىدىن، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوغرى-بۇلاڭچى ۋە باشقا ھەر خىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ، جەمئىيەتتە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئىككىنچىدىن، مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ تاشلاپ كەتكەن دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يەكەن خانلىقىنى قۇرۇشقا تۆھپە كۆرسەتكەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن. يەنە بىر قىسمىنى خانلىق خەزىنىسىگە ئۆتكۈزۈپ، مۇشۇ ئىقتىساد ئارقىلىق خانلىقنى 10 يىلغىچە قامدىغان ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ - ياساق ئالمىغان. ئۈچىنچىدىن، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر سوپى خوجا تاجىدىننىڭ تەشەببۇسى ئارقىلىق، 1516 - يىلى 2 - ئايدا ئاقسۇ بىلەن كۇچار ئارلىقىدىكى ئارابات دېگەن تۈزلەڭلىكتە ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈلھى تۈزگەن. نەتىجىدە مەنسۇرخان ئۇنىڭ خاقانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. تۆتىنچىدىن، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە خانلىق تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بىر قاتار كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان. 
    

     سەئىدخان يۇقۇرقىدەك ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، خانلىقنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش - مەمۇرچىلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بىر قىسىم مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرلىشىچە، سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ، مۇئىمىنچىلىك قىلىۋەتكەن. يۇقۇرىسى بەگ - بېگات ئېسىلزادىلەردىن تۆۋىنى پۇقرايى - بەقىرلەرگىچە ھەممە كىشى ئەدەب - سۈلكەتلىك بولغان. ئۇ تەرەققىپەرۋەر ۋە ئىستىدادلىق ھۆكۈمران بولۇپ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدە يۇقۇرى كامالەتكە يەتكەن. ئۇ يەنە ئومۇمىيلىقنى ئەلا بىلىپ، خانلىقنى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن. ھالىدىن كەتكەن خەلقنىڭ ئارام ئېلىپ دەرمان توپلىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنى تىنچىتىپ، خارابلاشقان ئىگىلىك ۋە مەدىنىيەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن. لېكىن، سەئىدخان ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى بولغاچقا، غەيرى دىندىكىلەرگە قارىتا بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان. كەشمېر، لاداق، ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. 1533- يىلى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى 47 يېشىدا لاداققا قارشى ئېلىپ بارغان غازات ئۇرۇشى جەريانىدا تۈتەكتە قېلىپ ۋاپات بولغان. جەسىتى يەكەن خانلىق ئوردىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 7

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1101 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-27