ئاماننىساخان



ئاماننىسا خېنىم



     

ئاماننىسا خېنىمئاماننىسا خېنىم

      ئاتاقلىق مۇزىكاشۇناس ۋە تالانتلىق شائىرە ئاماننىسا خېنىم دولان يۇرتى (ھازىرقى مەكىت ناھىيىسى) نىڭ تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قۇمۇش مەھەللە يېزىسىدا نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتىسىنىڭ يېتەكلىشى ۋە ئۆزىنىڭ قىزغىنلىغى بىلەن كىچىكىدىن باشلاپلا ساتار ھەم تەمبۇر چېلىشنى ئۈگۈنۈشكە باشلايدۇ، كۈندۈزلىرى مەكتەپتە ئوقىسا، كەچلىرى مۇزىكا بىلىملىرىنى ئۈگۈنۈپ، ساز چېلىشنى مەشق قىلىدۇ. ئاماننىسا ئۆز ئارزۇسى يولىدا پىداكارانە ئىزدىنىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە سۇلتان ئابدۇرەشىدخان شىكارغا چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ تەرەپلەرگە كېلىپ قالىدۇ. ئاماننىساخاندىكى قابىلىيەت ۋە ئىستىدات سۇلتان ئابدىرەشىدخاننى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. سەنئەت ۋە مەرىپەتنى ئۆزىگە دوست تۇتقان ئابدۇرەشىدخان ئاماننىسانى ئۆز نىكاھىغا ئالىدۇ. “تەۋارىخى مۇسىقيۇن “ ناملىق كىتاپنىڭ مۇئەللىپى موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، مەرىپەتپەرۋەر سۇلتاننىڭ كەمبەغەل تالانت ئىگىسى ئاماننىسا خېنىمنى ئۆز نىكاھىغا ئېلىشى مانا مۇنداق بولغان ئىكەن: “ ….. سۇلتان ئۆز ۋەزىر-ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەختى يەركەندىن ئايرىلىپ چىقىپ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە نەچچە كۈن شۇ ئەتراپتا بولدى. سۇلتاننىڭ كېچىلىرى دېخانچە ساددا كىيىملەرنى كىيىپ قونۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىلىرىدىكى ئۆيلەردە غېرىۋانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ زەئىيەلەرگە زۇلۇم-سەتەم قىلغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى. بىر كۈنى سۇلتان شۇ يوسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن بىر خارابە ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىردى. بۇ ئۆي مەھمۇد ئاتلىق ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى. بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەھمۇدنىڭ قىزى ئىدى. سۇلتان ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا تۇرغان ساتتارنى كۆرۈپ قېلىپ، مەھمۇدتىن ساتتار چېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مەھمۇد: ‘ مەن ساتتار چېلىشنى بىلمەيمەن، مۇشۇ قىزىمىز ماڭا ساتتار ئېلىپ بەر، دەپ خاپا قىلىپ ئالدۇرغان، قىزىم چالىدۇ “ دەپ جاۋاپ بەردى. سۇلتان: ‘ ئەمىسە، قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن ‘ دېدى. مەھمۇد قىزىغا ئەمىر قىلدى. قىز ساتتارنى ئېلىپ پەنجىگاھ مۇقامىغا شۇنداق چالدىكى، سۇلتان ھەيران قالدى. بولۇپمۇ قىز ئۆزى يازغان بىر شىئېرنى مۇقامغا سېلىپ ئوقۇغاندا، سۇلتان قىزنىڭ مۇھەببىتىدە كۆيۈپ بىھۇش بولۇپ كەتتى، شىئېرنىڭ باشلانما بېيىتى مۇنداق ئىدى: سەڭا يۈز شۈكۈر يارەب بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ، فەقىر مىسكىنغە ئابدۇرەشىدخاننى فەناھ قىلدىڭ. نەفىسى كېچە-كۈندۈز دۇئا قىل تەڭرى تەقدىسقە، كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا قاتتىغ گۇنا قىلدىڭ. غەزەل تامام بولۇشىغا، سۇلتان ئالدىراپ: ‘نەفىسى شائىرە كىم؟ سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۈگەنگەن؟ ‘ دەپ سورىغان ئىدى، قىز: ‘خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېتىپ ئوقۇمدىكەن، مەن ناۋايى، فۇزۇلى شىئېرلىرىدىن باشقىنى ئۇقۇمايمەن. بۇ غەزەل ئۆزەمنىڭ، نەفىسى مېنىڭ تەخەللۇسۇم ‘ دەپ جاۋاپ بەردى. سۇلتان ئۇنىڭ نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىدى. ئاتىسى: ’13 ياشقا كىردى“ دەپ جاۋاپ بەردى. سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى. ئاڭغىچە ئاماننىساخان خېنىم قوپۇپ، ئۆزى يازغان بىرنەچچە شىئېرنى ئەكىلىپ كۆرسەتتى. خېتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى. پادىشاھنىڭ بۇ خەتنى شۇنچە كىچىك نارسىدەنىڭ يازغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي: ‘قېنى ئەمىسە، مەن قاراپ تۇراي، بىر شىئېر يېزىپ بېقىڭ ‘ دېگەن ئىدى. قىز دۈۋەت، قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ كېلىپ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازدى ؛ يارەب بۇ بەندە قىلدى ئەجەب سۇئىزەن مەڭا، گويا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن مەڭا. سۇلتان كۈلۈپ: ‘ئىشەندىم، مېنى مەسخىرە قىلماڭ ‘ دېدى ۋە مەھرىمى بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ: ‘بىز ھېلى كىرىمىز“ دەپ كېتىپ قالدى. ئۇ لەشكەرگاھقا بېرىپ، ۋەزىر-ئەمىرلەرگە بولغان ئەھۋالنى بايان قىلدى. بېشىغا تاج كىيىپ، ئۈستىگە دەۋاج ياپتى، دەرھال ئون قوي ۋە شايى-ئەتلەسلەر تەييارلاندى. تۈن يېرىمىدا 40 كىشى مەھمۇدنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، مەقسەتنى بايان قىلدى.

ئاماننىسا خېنىمئاماننىسا خېنىم


     پادىشاھ  ئۆزىنى ئاشكارە قىلىپ، توي قىلىپ قىزنى نىكاھىغا ئالدى “. شائېرە ئاماننىسا خېنىم ئۆز ئۆمرىدە مۇزىكا، خەتتاتلىق، شىئېرىيەت ھەققىدە خەلق ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قالدۇردى. بۇ ھەقتە “ تەۋەرىخى مۇسقىيۇن “ ناملىق كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ ‘ “ ئاماننىسا خېنىم <دىۋان نەفىسى> گە ئوخشاش قىممەتلىك ۋە مەشھۇر شىئېرلاپ توپلىمىنى، خوتۇن-قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى،<ئەخلاقى جەمىلە> ناملىق بىر كىتاب يازدى. <شۇرۇھۇلقۇلۇب> (قەلبلەر شەرھى) ناملىق بىر رىسالە يازدى. شائىرلىق، نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنىڭدەك مەنىلىك كىتاب ئاز. ‘ئىشرەت ئەڭگىز’ ناملىق بۇ مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجاد قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ مۇزىكا ۋە خەتتاتلىق بىلىمى توغرىسىدا يازغان ئەسىرى ئىنتايىم مۇھىم بولۇپ، مۇنداق ئەسەرلەر دۇنياغا كەم كەلگەن. ئاماننىساخان قىدىرخان يەركەندىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېسىل مۇزىكا بايلىقى بولغان «ئون ئىككى مۇقام» نى رەتلەش ئىشىغا زور تۆھپە قوشقان. خەلقنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئۆمرىنى بەخش ئەتكەن بۇ يالقۇنلۇق يۈرەك 1567- يىلى بىمەھەل سوقۇشتىن توختىدى. ئۇنىڭ تۆھپىسى ۋە قەدىرلىك نامى خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك «ئون ئىككى مۇقام» ئاھاڭلىرىنىڭ جاراڭلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەۋلاددىن-ئەۋلادقىچە دىللاردا يادلىنىدۇ!!

ئاماننىسا خېنىمئاماننىسا خېنىم

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 8

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 835 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-27