مۇستاپا كامال


مۇستاپا كامال



مۇستاپا كامالمۇستاپا كامال

       مۇستاپا كامال 1881-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى  ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق سالونىكا  (ھازىرقى گىرىتسىيەدە) شەھرىدە بىر ياغاچ ماتىرياللىرى سودىگىرى ئائىلىسدە تۇغۇلغان. 1893-يىلى ئائىلىسىدىن يۇشۇرۇنچە سالونىكا ئۆسمۈرلەر ھەربى مەكتىۋىگە كىرىپ ئوقۇغان، 1899-يىلى ئىستانبۇل ھەربى ئۇنىۋېرسىتىغا ئۆرلەپ ئوقۇغان، 1905-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كاپىتان ئۈنۋانى بىلەن سۈرىيەدىكى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلىپ  ئۇدا غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلىپ خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ۋە بۇ مەزگىلدە مەخپى ئۇيۇشما «ۋەتەن ئەركىنلىك جەمئىيىتى» نى تەشكىللىگەن . كېيىن سالونىكا ۋە ماكىدونىيەدىكى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلىپ بارغانلا يېرىدە ماھىرلىق بىلەن غەلىبە قازىنىپ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.


مۇستاپا كامال 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا جەڭ مەيدانىدامۇستاپا كامال 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا جەڭ مەيدانىدا

       1910-يىلى فىرانسىيەگە ھەربى بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىپ بىر يىل تۇرغان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇلغارىيە ۋە ئىتالىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتنىشىپ خىزمەت كۆرسەتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تۈركىيە زىمىنى ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرپىدىن بۆلۈنۈۋېلىشقا باشلىغان، مۇستاپا كامال داردانىل بوغۇزىدىكى ئۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ ماھىرلىق بىلەن جەڭ قىلىپ  ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ قاتتىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ  تۆھپە كۆرسەتكەنلىكتىن پاشا ئۇنۋانى بېرىلىپ تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ  قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.  1918-يىلى 10-ئايدا ئوسمان ئىمپىرىيىسى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغان، ئىستانبۇل ئىزمىر قاتارلىق تۈركىيەنىڭ ئەڭ نادىر شەھەرلىرى ئىتالىيە گىرىتسىيەلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەن. مۇستاپا كامال تۈركىيەنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە ئۇرۇنۇپ مەغلۇپ بولغان ۋە  ھەربىيلەر ئارىسىدا پادىشاھلىق تۈزۈمگە قارشى تۇرىدىغان  يۇشۇرۇن ئۇيۇشما قۇرۇش مەقسىتى پاش بولۇپ قالغانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ئاناتولىيەگە ئەۋەتىۋېتىلگەن،  مۇستاپا كامال ئاناتولىيەگە بارغاندىن كېيىن تۈركىيەگە تېڭىلغان شەرتسىز شەرتنامىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئەرزۇلۇمدا بىر قوشۇن تەشكىللەپ ئوسمان ئىمپىرىيسىگە قارشى ئىنقىلاپقا يېتەكچىلىك قىلغان ، 1921-يىلى تۈركىيە زىمىنىدىكى ئەنگىلىيە-فىرانسىيەنىڭ قوللىشىدا تۈركىيەنى ئىستىلا قىلماقچى بولغان گىرتسىيە ئارمىيىسگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قازانغان ۋە غازى ئۇنۋانىغا، مالشال ھەربى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.


ئەنقەرەدىكى كامال خاتىرە سارىيىئەنقەرەدىكى كامال خاتىرە سارىيى

         1922-يىلى ھەربى مەجبۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ يۈزمىڭ كىشىلىك ئارمىيە تەشكىللەپ ئىزمىر ئۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ پۈتۈن ئاناتولنى ئازاد قىلغان،  شۇ يىلى  11-ئاينىڭ 1-كۈنى 600 يىلدىن كۆپ ھۆكۈم سۈرگەن ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1923-يىلى 7-ئايدا تۈركىيە پىرىزدېنتى ۋە ئارمىيە قوماندانى سالاھىيىتى بىلەن شىۋىتسارىيەگە بېرىپ ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بىلەن تۈركىيەنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە كەلگۈسى سىياسىتى، زىمىن چېگرىسى قاتارلىقلاردا غايەت زور رول ئوينىغان لۇزان كېلىشىمىنى تۈزۈپ دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ۋە يېڭى ئىستىقباللارغا ھامىلدار بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ پايتەختنى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كۆچۈرگەن.  تۈركىيە جۇمۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن، تۈرك تىلىنى ساپلاشتۇرۇش، تۈرك ئېلىپبەسىنى ئەرەب ئەرەب ئېلىپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچۈرۈش، مەملىكەت مىقياسىدا ئاقارتىش ئېلىپ بېرىپ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، سىياسىينى دىندىن خالىلاشتۇرۇش، مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئۆگىنىش ھەرىكىتىگە باشچىلىق قىلغان.

       ئاتاتۈرك، ئازادلىق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ ئىتالىيە ۋە گىرىتسىيە قوشۇنلىرىنى تۈركىيە تۇپرىقىدىن چېكىندۈرگەندىن كېيىن ، ېپيېڭى بىر تۈرك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زور ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ بۈيۈك تۈركىيە غايىسىنىڭ ئۇل مۇەسسەسە تۈرلىرىنى يولغا قويغان، ھەمدە بۇ بۈيۈك غايىنىڭ ئۇل تېشىنىڭمۇ مائارىپ ئىكەنلىكىنى ھەمىشە تەكىتلەپ كەلگەن.

        1927-يىلى 7-ئايدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئارمىيىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ تۈركىيەنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ھەربى دىكتۇرا ئاستىغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن قانۇنى بەلگىلىمىلەرنى بېكىتكەن.  1934-يىلى تۈركىيە مىقياسىدا فامىلە قانۇنىنى يولغا قويغان پارلامېنت مۇستاپا كامالغا ئاتا تۈرك دىگەن شەرەپلىك نامنى فامىلە قىلىپ بەرگەن.  مارشال  مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك غازى پاشا   1938-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى  ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان.
         ئاتاتۈرك، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن تەڭ، كەڭ كۆلەملىك مائارىپ سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغان. 1927-يىلقى تۇنجى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە كۆرە، تۈركىيىدە ئوقۇش-يېزىشنى بىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى پەقەت يۈزدە 10.6 پىرسەننى تەشكىل قىلاتتى. ئاتاتۈرك ئېچىپ بەرگەن پارلاق يولنىڭ تۈرتكىسىدە تۈركىيە ساۋاتسىزلىقنى تولۇق تۈگەتكەن بولۇپ نۆۋەتتە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ساھەسىدە زامانىۋىلاشقان ۋە تەرەققى تاپقان ھەرقانداق بىر دۆلەتنى بېسىپ چۈشسە چۈشىدۇكى، ھەرگىزمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرمايدۇ.

مۇستاپا كامال تۈرك تىلى يېڭى ئېلىپبەسىنى ئۆگەتمەكتە
 1928.9.20مۇستاپا كامال تۈرك تىلى يېڭى ئېلىپبەسىنى ئۆگەتمەكتە 1928.9.20

      نۆۋەتتە، تۈركىيە 73 مىليون نوپۇسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە دىنامىكىلىق دۆلەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. مانا بۇ 73 مىليون نوپۇسنىڭ 21 مىليونىنى ئوقۇغۇچىلار تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر تۈركىيىدە باشلانغۇچ مائارىپىدا مەكتەپلىشىش نىسبىتى يۈزدە يۈز پىرسەنگە يەتتى.

        تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مائارىپ ساھەسىدە كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، پىرىنسىپ، سىياسەت ۋە پىلان جەھەتتىن خەلقنىڭ زامانغا ماس ھالدا ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەمدە زامانىۋىي مائارىپنىڭ پۈتكۈل ئۇل تاشلىرى سېلىندى.

       ئاتاتۈركنىڭ مائارىپ سىياسىتى، ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا بىرلىك، مىللىيلىك، سېكۇلارىزىملىق يەنى دىن بىلەن سىياسەت بىر بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن سىستېما ۋە زامانغا لايىق مائارىپ ئېڭىنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدىغان ئەڭ ئاساسلىق قىممەتلىك جەۋھەردۇر.


 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 12

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 930 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 12قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-13