قىچا



قىچا 



قارا قىچا دانلىرىقارا قىچا دانلىرى


     قىچا – تۇرۇپ ئۇرۇقدىشى، سوغۇققا چىداملىق بولغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ ئومۇملاشقان مايلىق زىرائەتلەرنىڭ بىرى، ئەمما ئۇزۇن مەزگىللىك ئايرىلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە رۇسىيە، يۇنان قاتارلىق ئەللەرنىڭ تەسىرى بىلەن قىچا ۋە قىچا مېيى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيەدە ئانچە ئومۇملاشقان ئەمەس. ئەمما، ئادەتتە تېز تاماقخانىلاردا قىچا قىيامى، شوخلا قىيامى ۋە تۇخۇم سېرىقى قىياملىرى بىلەن بىللە مېھمانلارغا سۇنىلىدۇ. بازارلاردا سېتىلىۋاتقان قىچا قىياملىرى ئىمپورت قىلىنغان ئامېرىكا تىپىدىكى قىچا قىياملىرىدۇر. قىچا تۇرۇپ بىلەن بىر ئائىلىگە مەنسۇپ بولۇپ، چېچەكلىرى سېرىق رەڭلىك سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. قىچا دانلىرى دورا – دەرمەكنىڭ ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. تۈرلىرى شۇنچە كۆپ بولۇشىغا قارىماي، ئاق ، قارا ۋە قىزىل رەڭلىك قىچىلاردىن دورا – دەرمەك ياسىلىدۇ. قىزىل قىچا ھىندى قىچىسى دېيىلىدۇ. قارا ياكى ئاق قىچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ دانلىرى ۋە بۇ دانلارنىڭ ئۇۋۇتۇلغان شەكىللىرى ياخشى كۆرۈلىدىغان دورا – دەرمەكلەر ھېسابلىنىدۇ. تەمى ئۆتكۈر ۋە ئاچچىقتۇر. قىيام قىلىپ قوللىنىلغانغا ئوخشاش، باشقا قىياملارنى سارغۇچ رەڭگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن زەرچىۋە بىلەن بىرلىكتە پايدىلىنىلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇر ئۆيلىرىدە ئېتىلىدىغان ئاچا سەي ئۈچۈن قىچا دانچىلىرى كەم بولسا بولمايدىغان تېتىتقۇ ۋە تەڭشىگۈچ بولۇپ سەۋزە، يېسىۋېلەك، چامغۇر ۋە ئاچچىق چۈچۈك تېتىتقۇلار قىچىنىڭ تەسىرىدە مۆتىدىل يىمەكلىككە ئايلىنىدۇ.


قىچىزارلىققىچىزارلىق

     قىچا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى كۈنەس تېكەس موڭغۇلكۈرە يايلاقلىرىدا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا بولسا باي ناھىيىسىدە ناھايىتى كەڭ تېرىلىدۇ، قىچا يېغى خولىستېرىن تەركىبى مول بولغان ياغ تۈرى بولۇپ ئاشلىق يېتەرلىك بولمىغان يىللاردا يەرلىكلەرنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنى ساقلاش ۋە ئىمونت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىدىن ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان، كۇچار، توقسۇ، شايار ناھىيىسىدىكىلەر ئۆزلىرىدىن  كۆپلەپ پاختا يېغى چىقىدىغىنىغا قارىماي چىگىت يېغى ئىستىمال قىلماي ئاساسەن قىچا مېيى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن. يېقىنقى يىللاردا كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلۇقى موللىشىپ قىچا مېيىنىڭ قاندىكى ماي مىقدارىنى ئاشۇرىۋېتىدىغان ئارتۇقچىلىقى بىر كەمچىلىككە ئايلىنىپ قالغاچقا بارا-بارا داستىخانلاردىن چەتتە قالماقتا.


ئورۇلۇش ئالدىدىكى قىچا خامىنىئورۇلۇش ئالدىدىكى قىچا خامىنى


    ھىندىستانلىقلار قىچىنى سېرىق ماي بىلەن قىزارتىپ قورۇيدۇ ۋە مېزىلىك تېتىتقۇنىڭ ئورنىدا يېمەكلىكلەرگە سېلىپ يەيدۇ. قىچىدىن تۇرشۇ ئېتىلىدۇ، گۆش ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىشۇرۇشتا پايدىلانغىلى بولىدۇ. ئۇن قىلىپ تارتىلغان قىچا بەزى ئىچىملىكلەرگە ۋە تونۇردا پىشۇرۇلىدىغان بەزى يېمەكلىكلەرگە سېلىنىدۇ. تارتىلغان قىچىنى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، تونۇردا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ كۆكتاتلىرىغا سالغىلى بولىدۇ. ھىندىستانلىقلارنىڭ مەشھۇر كۆرىيى قىيامىنى ئېتىش ئۈچۈن قەھۋە رەڭگىدىكى قىچىلار باشقا دورا – دەرمەكلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە قىچا قىياملىرى ھەر خىل تەم ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن ھالدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بولۇپ، تاتلىق يېمەكلىكلەر، تەمى ئاچچىق يېمەكلىكلەر، ئۆتكۈر پۇراقلىق يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە خۇشپۇراق يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىغىمۇ سالغىلى بولىدۇ. ھەتتا، ھەسەل قوشۇلغان قىچا قىيامىنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ. قىچا قىيامى ئەڭ كۆپ گۆشلۈك يېمەكلىكلەرگە، تۇخۇم ۋە كۆكتات سالاتالىرىغا بەكمۇ ماس كېلىدۇ. كولباسا سېلىپ تەييارلانغان بىر سەندىۋىچنى قىچا قىيامى قاتماي پىشۇرۇش ئىمكانسىزدۇر.

     ئۆيىڭىزدە قىچا قىيامى ئېتىشنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن 50 گىرام قىچا ئۇنى، بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ، ئۈچ قوشۇق زەيتۇن يېغى ۋە ئۈچ قوشۇق لىمون سۈيى لازىم. ئالدى بىلەن، قىچا ئۇنىنى ئەينەك قاچىغا سالىمىز ۋە بىر ئىستاكان ئىلمان سۇنىڭ يېرىمىنى تۆكۈپ، ياخشى ئارىلاشتۇرىمىز. يېرىم ئىسىتاكان ئىلمان سۇ قۇيۇشىمىزنىڭ سەۋەبى، مۇۋاپىق بولغان قىيام ھالىنى بىلىش ئۈچۈن يەنە ئازىراق سۇغا ئېھتىياج چۈشىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. سۇنىڭ ھەممىسى قۇيۇلغاندىن كېيىن، زەيتۇن يېغى بىلەن لىمون سۈيىنى قۇيۇپ، قايتا – قايتا ئارىلاشتۇرىمىز، قويۇقلۇقىنى ئۆزىمىز خالىغانچە تەڭشىسەك بولىدۇ. قىچا قىيامىنى تەييارلاش مانا مۇشۇنچىلىكلا ناھايىتى ئاسان.

      ئۆيىمىزدە ئەتكەن قىچا قىيامىنى ئەينەك ئىدىشلارغا قويۇپ، توڭلاتقۇدا ساقلىيالايمىز. قىچا قىيامىنىڭ تەمى بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئېتىلگىنىگە ئۇزۇن بولغان قىچا قىياملىرىنىڭ ئاچچىق پۇرىقى ۋە تەمى ئاز قالىدۇ، شۇڭا قىچا قىيامىنى ناھايىتى ئاز، كۈندىلىك ۋە يېڭى – يېڭىدىن تەييارلاش ناھايىتى ياخشىدۇر. قىچا قىيامى ئەتكەندە قايناق سۇ ئىشلەتمەسلىككە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، قايناق سۇ قىيامنى بۇزىدۇ، ئاچچىق ۋە ئۆتكۈر پۇراقنى يەنى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى تەمىنىڭ شەكىللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. قىچا قىياملىرىنى رەڭگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن زەرچىۋە قوشىلىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت ساقلانغان قىچا قىيامى قېتىپ قالسا، ئىلمان سۇ بىلەن يۇمشاتقىلى بولىدۇ. قوشۇلغان زەيتۇن يېغى قىچا قىيامىنىڭ قۇرۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر خالىساق، ئۆيىمىزدە ئەتكەن قىچا قىيامىغا تېخىمۇ تەملىك قىلىش ئۈچۈن تۇز ياكى شېكەر قوشساق بولىدۇ. قىچا قىيامىنى ياخشى كۆرىدىغان مېھمانلىرىمىز، ئۆيدە ئېتىلگەن، باشقا خۇرۇچلار قوشۇلمىغان قىيامنى چوقۇم ياخشى كۆرىدۇ.

قىچا چېچەكلىرىقىچا چېچەكلىرى


     قىچا دورا – دەرمەك سۈپىتىدىلا قوللىنىپ قالماستىن، خەلق تېبابەتچىلىكىدىمۇ كەڭ قوللىنىلىدىغان تەبىئىي دورا ھېسابلىنىدۇ. قىچىنىڭ رېماتىزمنى داۋالاش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. كۆيدۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بىر ماددا بولغانلىقى ئۈچۈن تېرىگە ئۇزۇن ۋاقىت سۈركەش مۇۋاپىق ئەمەس. قىچىنى ئۇن ھالىتىگە ئەكىلىپ، دارچىن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغىنىمىزدا ئىشتىھايىمىزنى ئاچىدۇ. قىچا ئۇنىنى پۇراپ بەرگەندە بۇرۇننى راۋانلاشتۇرىدۇ. قىچا كۆكرەكنى يۇمشىتىپ، ھۆتەلنى ياخشىلايدۇ. كاناي ياللۇغى ۋە ئۆپكە ياللۇغىنى ياخشىلايدۇ. قىچىنىڭ سالامەتلىككە بولغان ئەڭ مۇھىم پايدىسى، ياغلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. قىچىدىكى ياغ ۋە ئاچچىق پۇراق، ئاشقازان سۈيىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ياغلىق يېمەكلىكلەرنىڭ سىڭىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قىچىدىكى بىر ماددا ئاشقازان ياللۇغى ۋە بوغۇم ئاغىرىقىنى پەيدا قىلىدىغان باكتىرىيەنىڭ تۆرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تاماقتىن زەھەرلىنىپ قالغاندا قۇستۇرۇش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىلىدۇ. قىچا ئۆسۈملۈكىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەڭ باپ كېلىدىغان ئىقلىملار پۈتۈن ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقا ۋە ھىندىستان ئىقلىملىرىدۇر. قىچا تۈرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاق دېڭىز ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە يېتىشىدۇ. تۈركىيەدە پۈتۈن رايونىمىزدا قىچا يېتىشىدۇ. ئانادولۇدا ئۆسىدىغان تۈرلىرى قارا، بۇغداي رەڭگى ۋە ئاق بولىدۇ. قارا رەڭلىك قىچا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سەھىيە ساھەسىدە، كاناي ياللۇغى ۋە ئۆپكە ياللۇغى دورىلىرىنى ياساشتا قوللىنىلىدۇ. تېببىي جەھەتتە قوللىنىلىدىغان قارا قىچىنىڭ ئانا ۋەتىنى ئاق دېڭىز ئويمانلىقى ياكى غەربىي ئاسىيانىڭ ئىللىق رايونلىرى دەپ پەرەز قىلىنىدۇ. ئانادولۇنىڭ يول بويىلىرىدا، ئېتىزلىقلاردا تەبىئىي ئۆسىدىغان ياۋا قىچا تۈرلىرىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ.

     قىچا ئۆسۈملۈكى گىرېتسىيەدە بۇنىڭدىن 4000 يىل ئىلگىرىلا بىلىنەتتى. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردا مىس دەۋرىدىن قالغان قىچا دانلىرى تولدۇرۇلغان بىر خالتا تېپىلدى. قەدىمكى مىسىردىمۇ مازار قېزىش ۋە تەكشۈرۈشلەردە قىچا دانلىرى بايقالدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 400 – يىللاردا مۇچ تىجارىتى باشلانغىچە، قىچا ئاق دېڭىز ئەتراپىدا ھەممىدىن كۆپ بىلىنىدىغان ئاچچىق تەملىك ئەرزان مەھسۇلات ئىدى. قىچا قەدىمكى دەۋرلەردە باشقا دورا – دەرمەكلەرگە سېلىشتۇرغاندا شۇنداق ئەرزان ئىدىكى، رىم مەزگىلىدە باھاسى ئىنتايىن قىممەتلەشكەن ۋە مۇچتىن ئاچچىق بولغان ھىندى دارۇل پىلپىلى رىمغا ئاپىرىلىدىغان ۋاقىتتا قىچا بىلەن ئارىلاشتۇرۇلاتتى. قەدىمكى بىر ھىندى قانۇن كىتابىدا نامى تىلغا ئېلىنىدىغان ئەڭ كىچىك ئېغىرلىق بىرلىكى قىچا دانىسى ئىدى. ئەڭ قەدىمكى قىچا قىيامى ئېتىش ئۇسۇلىنى 1 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ۋە دېھقانچىلىق ھەققىدە ئەسەر قالدۇرغان رىملىق بىر يازغۇچى يازغان ئىدى.


قىچىنىڭ يېقىندىن كۆرۈنۈشىقىچىنىڭ يېقىندىن كۆرۈنۈشى


     ئىنگلىزچىدىكى قىچا سۆزىنىڭ يىلتىزى بولغان فىرانسۇزچە كەلىمە، ئەڭ دەسلەپتە 13 – ئەسىردە يېزىلغان ھۆججەتلەردە كۆرۈلىدۇ. بۇ سۆز، قەدىمدە تەمى ناھايىتى ئاچچىق بولغانلىقى ئۈچۈن شىرنە ياكى ئۈزۈم سۈيى قوشۇلۇپ، مېۋە تەمىگە كىرگۈزۈلگەن قىچا قىيامى مەنىسىگە ئىگە ئىدى. كۈنىمىزدە، قىچا قىياملىرى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشىماسلىققا ئىگە. ئەڭ ئاچچىق ۋە رەڭگى سېرىق بولغان قىچا قىياملىرىنى ئەنگلىيەلىكلەر ئېتىدۇ. ئامېرىكا قىچا قىيامى ئېتىشتە سېرىق رەڭگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن زەرچىۋە قوللىنىلىدۇ. ئامېرىكا قىچا قىياملىرى ئاق قىچىلاردىن تەييارلىنىدىغان بولۇپ، ناھايىتى يەڭگىلدۇر. فىرانسىيەنىڭ قىچا قىيامى ئەڭ قاتتىق بولۇپ، قارا قىچا بىلەن تەييارلىنىدۇ، مول سىركە قۇيىلىدۇ، ھەتتا ئىچىگە قىچا دانلىرى ئۇۋۇلماستىن قېتىلىدۇ. كۈنىمىزدە فىرانسىيەدە ئىنتايىن ياخشى كۆرۈلىدىغان داڭلىق دىجون قىچا قىيامىنىڭ ئەڭ بۇرۇن 14 – ئەسىردە ئېتىلگەنلىكى تەخمىن قىلىنىدۇ. فىرانسۇزلارنىڭ 17 – ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان ۋە پۈتۈن ياۋروپاغا تونۇشلۇق ماقال – تەمسىلىدە: «تەڭرى بىزنى ئۈچ نەرسىدىن قوغدىسۇن: تىلىنى بىلمەيدىغان دۈشمەن، قىچا سېلىنمىغان قىيام، تۇزلۇق كالا گۆشىدىن» دېيىلىدۇ. ياۋروپادا قىچا قىيامى مۇشۇنداق ياخشى كۆرۈلىدۇ. بىزمۇ ئاچچىق تەملىك ۋە ئۆتكۈر پۇراقلىق قىچا قىيامىنى يېمەكلىكلىرىمىزنىڭ تەمىنى مول قىلىش ئۈچۈن ئۇنتۇپ قالمايلى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 940 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-28