كۆمۈش ئۈرۈك
كۆمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەدە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان يېتىشتۈرۈلۈپ كەلگەن دەرەخ تۈرىدۇر. چۈنكى، ئىبادەتخانا باغچىلىرىدا بولمىسا بولمايدىغان دەرەخ ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپالىقلار كۆمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم 1690– يىلى ياپونىيەدىكى ئىبادەتخانا باغچىلىرىدا ئۇچراشقان. ياپونىيەگە گوللاندىيەلىكلەر بىلەن بىرگە كەلگەن گېرمانىيەلىك بوتانىكا ئالىمى، كۆمۈش ئۈرۈك دەرىخىنى ياۋروپاغا تونۇتقان. ئالۇچىنىڭ ئۇرۇقلىرى مېۋىسىنىڭ ئېتىنىڭ پوستى چىقىرىلىپ، پىشۇرۇلغاندىن كېيىن يېڭىلىنىدۇ. سانى كۆپ بولغان كىشىلەرگە تەييارلانغان يېمەككە پەقەتلا بىر قانچە ئۇرۇق ئېتىلىدۇ، چۈنكى، كۆپ بولۇپ كەتكەندە زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئالۇچىنىڭ تەركىۋىدىكى بىر خىمىيەلىك ماددا زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىمىيەلىك ماددىلار رىئاكسىيە قىلىدىغان بەزى كىشىلەر كۆمۈش ئۈرۈك تۇتقاندا ياكى بىر يەرلىرى تېگىپ كەتكەندە تېرىسىى سارغۇچ بولۇپ بولۇپ قالىدۇ. تېرىسى سەزگۈر بولغان كىشىلەرنىڭ تېرىسىدە قىزىل داغلار ۋە قاپارتمىلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ. تېرە كېسىلى بار كىشىلەر قولىغا پەلەي كىيىپ ئالۇچىنى تۇتسا بولىدۇ. كۆمۈش ئۈرۈك مېۋىسىنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقچىلار بولۇپمۇ ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ۋە ئاسىيانىڭ سىرتىدىكى تاماققا ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەتلەردە ناھايىتى ياخشى كۆرۈلىدۇ. جۇڭگودا ئەنئەنىۋى تويلاردا تاماقنىڭ ئاساسلىق خۇرۇچىنىڭ بىرى كۆمۈش ئۈرۈك ئۇرۇقچىسىدۇر. ياپونىيەلىكلەرمۇ ئالۇچىنى تامىقىغا سالىدۇ ۋە پىشقان ئۇرۇقلىرىنى باشقا تاماقلار بىلەن پېچىنە - پىرەنىكنىڭ ئورنىدا مېھمانغا سۇنىدۇ.
كۆمۈش ئۈرۈك دەرىخىنىڭ دىققەتنى تارتىدىغان بىر ئالاھىدىلىكى بار. كۆمۈش ئۈرۈك دەرىخى ھاۋا بۇلىغىنىشىغا ئەڭ چىداملىق دەرەخنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئالاھىدىلىكىنى ئاتوم بومبىسىنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلىگەنلىكىدىن چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. كۆمۈش ئۈرۈك دەرىخى شەھەرلەردە باشقا دەرەخلەر ئۆسەلمەيدىغان شارائىتلاردىمۇ چوڭىيىدۇ، دەرەخ كېسەللىكلىرىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاز ئۇچرايدۇ ۋە ئەڭ ئاز ھاشارەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىدۇ. كۈنىمىزدە كۆمۈش ئۈرۈك دەرىخى شەھەر باغچىلىرىدا ۋە كوچا بويىدا ئۆستۈرۈلىدىغان بىر دەرەخ تۈرىگە ئايلاندى. كۆمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرىنى زىننەتلەش مەقسىتىدە تەشتەكلەردە كىچىك دەرەخ ھالىتىدە ئۆستۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بويلىرىنى كىچىكلەتكىلى ھەتتا كېرەك بولغاندا بىر قانچە يۈز يىل مۇھاپىزەت قىلغىلى بولىدۇ.
ئۇنداق بولسا، تۈركىيەدە كۆمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرى بارمۇ؟ ئىستانبۇلنىڭ ئىھلامۇر قەسىرى كىرىشىدىكى دەرەخ، ئەڭ قېرى دەرەختۇر. 1855– يىلى تىكىلگەن دەپ قارىلىدۇ. نەزاخات كۆكيىگىت بوتانىكا باغچىسىغا كەلگىنىمىزدە ناھايىتى راھەت شەكىلدە كۆمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلالايمىز. بۇنىڭدىن باشقا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى، ئورمان فاكۇلتېتى، باغچا كۆي ئورمان باشقۇرۇش باغچىسى ۋە ئاتاتۈرك ئۆسۈملۈك باغچىسىدا ناھايىتى چىرايلىق ئۆسكەن كۆمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرىنى كۆرەلەيمىز. بالتا پورتىدىكى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەت سورۇنلىرى جايلاشقان باغچىدا ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى بوتانىكا باغچىسىدىكى كۆمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرى ياخشى ئۆسكەن بولۇپ، ناھايىتى كەڭ ۋە ئېگىزدۇر. بۇ جايلاردىكى دەرەخلەردىن ئېلىنغان ئۇرۇقلار بىلەن چەكلىك مىقداردا بولسىمۇ كۆمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرى يېتىشتۈرۈلمەكتە. بالتا پورتىدىكى دەرەخلەرنىڭ 1889– يىلى تۈركىيەگە ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن كېلىپ زىيارەت قىلغان ياپونىيە ئىمپېراتورىنىڭ تاغىسى تەرىپىدىن تىكىلگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. تىرابزون، مانىسا، ئىزمىر، يالوۋا ۋە بالىكەسىردىمۇ دىققەت بىلەن قارايدىغان بولساق، باغچىلاردا، ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرىدا، يول بويلىرىدا كۆمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرىنى كۆرەلەيمىز. ئەنقەرەدە بولسا، پارلامېنت يېنىدىكى ئەگەمەنلىك باغچىسىدا بىر ئەركەك ۋە بىر چىشى ئىبادەتخانا دەرىخى(mabetağacıgelenleri) كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ.
كۆمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرى 60–30 مېتىرغىچە ئۆسىدىغان، قىش پەسلىدە يوپۇرماقلىرى تۆكۈلىدىغان دەرەختۇر. پىلنىڭ قۇلىقىغا ۋە يەلپۈگۈچكە ئوخشاپ كېتىدىغان يوپۇرماقلىرىنىڭ رەڭگى، كۈزدە تۆكۈلۈشتىن ئىلگىرى ئالتۇن رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. كۆمۈش ئۈرۈك دەرىخى ئەركەك ۋە چىشى دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئەركەك كۆمۈش ئۈرۈك دەرىخىنى كىچىك تەشتەك ياكى لوڭقىلاردا كۆپەيتكىلى بولىدۇ، چىشى كۆمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرى بولسا، كۆپەيمەيدۇ. چىشى كۆمۈش ئۈرۈك دەرىخىنىڭ يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇچىدا ئۇرۇقلىرى شەكىللىنىدۇ. چىشى دەرەختە پەيدا بولغان ئۇرۇقلار تەركىۋىدىكى بىر كىسلاتا ماددىسى سەۋەبىدىن بىر خىل ناھايىتى سېسىق پۇراق چىقىرىدۇ. بۇ سېسىق پۇراق بۇزۇلۇپ قالغان سېرىق ماي ياكى كونىراپ قالغان ئېرىمچىكنىڭ پۇرىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا، كۆمۈش ئۈرۈك دەرىخىنى تىكمەكچى بولغىنىمىزدا، پۇراقتىن بىئارام بولماسلىقىمىز ئۈچۈن ئەركىكىنى تىكىش پايدىلىقتۇر.
كۆمۈش ئۈرۈك يوپۇرماقلىرىنىڭ تەركىۋىدىكى بەزى خىمىيەلىك ماددىلار دورا ياساشتا قوللىنىلىدۇ. ئىلمىي تەتقىقاتلار ئالۇچىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىش، ئۇنتۇغاقلىق، باش قېيىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. كۆمۈش ئۈرۈك ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇشقىمۇ پايدىلىق. ئەستە تۇتۇش جەھەتتىكى مۇسبەت تەسىرلىرى سەۋەبىدىن، ياش چوڭايغاندا ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۆسۈملۈك دورىلىرىنىڭ ياسىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش رۇخسىتىغا مەسئۇل كومىتېتى، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ باش قېيىش، قۇلاق چىڭىلداش ۋە پۈتۈپ قىلىشقا ئىشىلتىشنى تەستىقلىغان. يان تېلېفونلارنىڭ مېڭىگە تارقىتىدىغان دولقۇنلارغا قارشى ئالۇچىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە چاشقانلار ئۈستىدە يېڭى تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئالۇچىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆزىتىلدى. ئالۇچىدىن ياسالغان كاپسۇل ياكى تابلېتلارنى دورىخانىلاردىن ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىدىن ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ. قان ئايلىنىشى ياخشى ئەمەس ۋە ئاسپىرىن دورىسى قوللانغان ئەھۋاللاردا بۇ دورىلارنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. ھامىلە ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. تەبىئىي ئوزۇقلۇق تولۇقلاش دورىلىرى ياكى ماددىلىرىنى ئالغىنىمىزدا، ھەر دائىمدىكىدەك دوختۇرىمىز ۋە دورا سېتىش خادىملىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشىمىز ھەمدە دوستلارنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قۇلاق سېلىشىمىز لازىم.
ئالۇچىنى باغچىمىزدا بولۇشىنى خالىساق، ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆچىتىنى سېتىۋالغىنىمىز ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر. باغچىمىزدا ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ۋاقىتقا كېرەك يوق. كۆمۈش ئۈرۈك باغچىمىز بولۇشنى خالىساق، ئەڭ ئاسان ۋە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل كۆچىتىنى سىتېۋېلىشتۇر. باغچىمىزغا تىكىش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ۋاقىتقا ئېھتىياجىمىز يوق بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە تىكەلەيمىز. توڭغا چىداشلىق بولغان كۆمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرىگە كۆپ كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشىمىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق. قۇياش نۇرى چۈشىدىغان جايلار ئۇلارغا ناھايىتى باپ كېلىدۇ. يەنە بىرى، ئىسسىق ۋە قۇرغاق رايوندا ياشايدىغان بولساق، پات – پات سۇغىرىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ۋە شەكىلگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن پۇتاپ تۇرۇشنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز لازىم. ھەر پەسىلدە ئوخشىمايدىغان رەڭگە پۈركۈنىدىغان بۇ كۆركەم دەرەخلەر باغچىمىزدا جەزمەن بولۇشى لازىم.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 8
>