ئەنگىنار



كەنگە 



كەنگە غۇنچىسىدىن تەييارلانغان قىيامكەنگە غۇنچىسىدىن تەييارلانغان قىيام


     كۆپ يوپۇرماقلىق دەستار گۈل، چېقىرتىكەن ۋە خوخا بىلەن بىر ئائىلىگە مەنسۇپ بولغان كەنگە، جەنۇبىي ياۋروپا ۋە ئاق دېڭىز ئەتراپلىرىدا ئۆسىدۇ. تۈركىيەدە قارا دېڭىز بويىدىكى سىنوپ ئەتراپىدا سۈپەتلىك ياۋا كەنگە ئۆسىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئېكولوگىيەلىك شارائىتلىرى كەنگە ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق بولسىمۇ، ناھايىتى چەكلىك مىقداردا ئۆستۈرۈلمەكتە. ئانادولۇنىڭ ئىقلىم شارائىتلىرى ۋە تۇپراق قۇرۇلمىسى كەنگە ئۆسۈملۈكىنىڭ ئۆسۈشىگە باپ كېلىدۇ. ئەمما، كەنگەنى سودىنى مەقسەت قىلىپ ئۆستۈرۈش مىقدار جەھەتتىن ئىنتايىن ئاز. بۇ سەۋەبتىن، كەنگە ناھايىتى يۇقىرى باھادا ئىستېمالچىلارغا سۇنۇلۇۋاتقان بولۇپ، پەقەت بايلارنىڭلا تامىقىنىڭ يارىشىقى بولۇپ تۇرماقتا. كەنگە ئاز ئۆستۈرۈلىدىغان ۋە قىممەت بولۇشىغا قارىماي، كۆك پۇرچاق قېتىپ، زەيتۇن يېغىدا پېشۇرۇلغان كەنگەنى ئانادولۇدا ياخشى كۆرمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك. كەنگەنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ تىلىكى-سالامەتلىك غەزىنىسى بولغان كەنگەنىڭ تۈركىيەدە مىقدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇپ، ھەممە داستىخانلارغا قويۇلىشىدۇر. كەنگە ئۆستۈرۈشتە، ئومۇمەن مايسا شەكلىدە ئۆستۈرۈش ۋە كۆكىدىن ئۆستۈرۈش شەكلى قوللىنىلىدۇ. فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدە بولسا، ئۇرۇقىدىن يېتىشتۈرۈلىدىغان كەنگە تۈرلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. كەنگە دۇنيادا كۆكتات سۈپىتىدە ۋە تېببىي مەقسەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن سېتىلغان كەنگە تابلېتلىرى، ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئۇچرىدى. جىگەر كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان كەنگە تابلېتلىرىنى دوختۇرلىرىمىزغا مەسلىھەت سېلىپ ئىشلىتىشىمىز، يەنىلا ئەڭ توغرا ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     كەنگە ئىقلىمى ئىسسىق بولغان جايلاردا ئۆسىدىغان كۆكتاتتۇر. كەنگە ئۆسۈملۈكى ناھايىتى سوغۇق ۋە ئىسسىق جايلارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ، ئەگە، مارمارا ۋە ئاق دېڭىز رايونلىرىدا ھۆكۈم سۈرىدىغان ئىللىق ۋە نەم ھاۋا كەنگە ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ. تۈركىيەدە ئەنگىنار دەپ ئاتىلىدىغان كەنگە دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ بىلىنىدىغان كۆكتات تۈرىدۇر. تۈركىيەدە ئۆستۈرۈلگەن تۈرلىرى ئارىسىدا، ئەگە رايونىنىڭ ئىزمىر، چەشمە ۋە كارابۇرۇن تەرەپلىرىدە كەڭ ئۆسىدىغان ساكىز(سېغىز) كەنگەسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاق دېڭىز رايونىدا ساكىز كەنگەسى يېتىشتۈرۈلمەكتە. ساكىز كەنگەسىنىڭ دىققەتنى تارتىدىغان بىر ئالاھىدىلىكى، ياپراقلىرىنىڭ پارچە بولماسلىقى ۋە قىرلىرىنىڭ تۈز بولۇشى بولۇپ، يېڭى ۋاقتىدا ئىستېمال قىلىشقا ئۇيغۇن. يەرلىك كەنگە تۈرى بولسا، ساكىز كەنگەسىگە ئوخشاش ئەگە ۋە ئاق دېڭىز رايونلىرىدا ئۆسىدۇ. ھەتتا ساكىز كەنگەسى ۋە يەرلىك كەنگەنىڭ يوپۇرماقلىرىدىكى ئوخشاشلىقلار، ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاش بىر تۈرنىڭ ئۆزگەرگەن شەكىللىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. بايرام پاشا كەنگەسى بولسا، مارمارا رايونىنىڭ ئىستانبۇل ۋە بۇرسا قاتارلىق جايلىرىدا ئۆسىدىغان، داستېخانلارغا قويۇلىدىغان ۋە كونسېرۋا ياسىلىدىغان تۈرىدۇر. قۇرۇلمىسى، يېڭى ھالەتتە ئىستېمال قىلىشتىن بەكرەك، كونسېرۋا ياساشقا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ساكىز كەنگەسى يوپۇرمىقى تېخى كىچىك ۋە يېڭىدىن چىققان ۋاقتىدا، بايرام پاشا كەنگەسى ئۇنىڭدىن ئىككى ھەسسە چوڭ ۋە يوپۇرمىقى ناھايىتى قاتتىق ھالەتتە بولىدۇ.



كەنگە ئېتىزىكەنگە ئېتىزى


      ئەسلى ماكانى ئاق دېڭىز بولغان كەنگە فىرانسىيەگە 16 ئەسىردە كىرگەن. كەنگەنىڭ پارىژغا كىرىشىدە، ئىتالىيە تارىخىدا ئىز قالدۇرغان مەشھۇر بىر ئائىلىنىڭ قىزى رول ئوينىغان. بۇ مەشھۇر ۋە گۈزەل ئىتالىيەلىك قىز، توي قىلىپ فىرانسىيەگە بارغاندا كەنگە ئالغاچ بارغان. كەنگە ئامېرىكىغا 18 ئەسىردە كىرگەن. كەنگەنى ئىتتىك ياخشى كۆرگەن ئامېرىكىلىقلار شىمالىي كالىفورنىيەنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا بىر كەنگە يېتىشتۈرۈش مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. 1950 يىلىدىن بېرى كالىفورنىيەدە ھەر يىلى 5 ئايدا كەنگە فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغىنى شۇكى، تېخى تونۇلۇپ كەتمىگەن ۋاقىتىدا، مەشھۇر فىلىم يۇلتۇزى مارلىين مونرو كەنگە فېستىۋالى پادىشاھى بولۇپ تاللانغان.

      كەنگە تۈركىيە ۋە گىرېتسىيەنىڭ يېمەكلىك تۈرلىرىدە، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ يېمەكلىكلىرىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئوخشىمايدىغان ئورۇنغا ئىگە. كەنگە تۈركىيە داستېخانلىرىدا ۋە گىرېتسىيە داستىخانلىرىدا ئەتىۋارلىق كۆكتات ھېسابلىنىدۇ، ھەتتا ئالىي يېمەكلىك سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. غەرب داستىخانلىرىدا بولسا، كەنگە گۆشنىڭ زىننىتى ياكى يېمەكلىك ئىچىدىكى كۆكتاتلاردىن بىرىدۇر. ئەگە داستېخانلىرىدا كەنگەنىڭ تاللىرىمۇ يېيىلىدۇ. ئىزمىرلىقلار ئەسلىدىكى ھالىتىدە گۈرۈچ تولدۇرۇلغان يېڭى كەنگەلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىزمىرلىقلار بىلەن ئىستانبۇللۇقلار ئارىسىدا كەنگە پىشۇرۇشتا تاتلىققىنە بىر رىقابەت بار. ئىزمىرلىقلار ئىستانبۇللۇقلار پىشۇرغان كەنگەنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ. بۇ ھالەت ھازىرچە ئاخىرلىشىدىغاندەك ئەمەس. ئۇنداق بولسا، كەنگەنى پىشۇرغان ۋاقتىمىزدا مۇھىم بولغىنى قايسى؟ كەنگەنى پىشۇرغان ۋاقىتتا مۇھىم بولغىنى، پەقەتلا قوپال بولغان يوپۇرماقلىرىنى چىقىرۋىتىپ، پۈتۈن ھالەتتە پىشۇرۇش. يەنە بىرى، كەنگەنى قەتئىي ئاليۇمىن ۋە قۇيۇلغان قازانلاردا پىشۇرماسلىق كېرەك. كەنگەنىڭ ھەممە پوستىنى سويماقچى بولساق، بۇ ئىشنى جەزمەن پىشۇرۇشتىن بۇرۇن قىلشىمىز لازىم. چۈنكى، سويۇلغان كەنگەنى قويۇپ قويغانسېرى ھەم لەززىتىنى ھەمدە ئوزۇقلۇق قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. كەنگەدە ۋىتامىن ئا ۋە ۋىتامىن س ماددىلىرى بار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە كالىتسىي، كالىي، تۆمۈر، مانگان ۋە فوسفور مېنېراللىرىمۇ ناھايىتى مول. بۇ سەۋەبلىك كەنگەنىڭ جىگەرگە پايدىلىق ئوزۇقلۇق ئىكەنلىكى بايقالغان. كەنگە ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار، كەنگەنىڭ جىگەرنى قوغدايدىغانلىقىنى ۋە جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ ناھايىتى تېز ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. كەنگە ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، قاندىكى شېكەر مىقدارىنى تەڭشەيدۇ، خولېستورۇلنى چۈشۈرۈپ، جىسمانىي ۋە ئەقلىي ھارغۇنلۇقىنى چىقىرىدۇ. كەنگە چېچەكلىرىنى كۆكتاتنىڭ ئورنىدا ئىستېمال قىلغىنىمىزدا، سالامەتلىككە بولغان تەسىرىنى ھېس قىلالايمىز. كەنگەنىڭ يېڭى يوپۇرماقلىرى ۋە يىلتىزلىرى خەلق تېبابىتىدە ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا قوللىنىلىدۇ. كەنگە سۈيىنىڭ يۈرەك سوقۇشىغا ياخشى كېلىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. يېڭى كەنگە يوپۇرماقلىرىنى قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلانغان كەنگە چېيى بولسا، جىگەر كېسەللىكلىرىگە كۆپ پايدىلىق. تۈكلۈك پوستىلىرى قاينىتىلغان سۇدا چاچنى يۇيۇپ بەرگەندە چاچنى كۈچلەندۈرىدۇ.



كەنگەنىڭ ئېچىلىش ئالدىدىكى غۇنچىسى يىغىۋېلىنىپ ئىشلىتىلىدۇكەنگەنىڭ ئېچىلىش ئالدىدىكى غۇنچىسى يىغىۋېلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ


      كەنگەدىكى مول ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى بەدىنىمىزگە قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كەنگە پەسلىدە كۆپ ئىستېمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. مۇتەخەسسىسلەر كەنگەدىكى بىر ماددىنىڭ ھۈجەيرىلەرنىڭ زىدىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بايقىغان ۋە بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرى، كەنگەنىڭ دوۋساق راكى ۋە ئەمچەك راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭمۇ ئالدىنى ئېلىشتا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ھەر يەرگە ساغلاملىقنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقان بىر كۆكتاتنى بازارلاردىن ۋە تاللا بازارلىرىدىن سېتىۋالغان ۋاقتىمىزدا، ئېغىر بولۇشىغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم. يوپۇرماقلىرىمۇ زىچ بولۇشى كېرەك. ئەگەر كەنگەنىڭ يوپۇرماقلىرى ئوچۇق ۋە شالاڭ بولسا، بۇ خىل كەنگە بۇزۇلۇپ قالغان بولىدۇ. كەنگەنىڭ ئوتتۇرىسى قاتتىق ۋە تۈكسىز بولۇشى لازىم. ئەگەر سېپىدا قارامتۇل داغلار بولسا كەنگەنىڭ ئوتتۇرىسى سېسىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. كەنگەنى تاللىدۇق، قانداق ئادالىشىمىز كېرەك؟ ئالدى بىلەن، كەنگەنىڭ يوپۇرماقلىرىنى ئايرىيمىز ۋە يۇلىمىز. بۇ ئىشلارنى ناھايىتى ئاسانلا قىلالايمىز. ئۇچىلىرى قارارغان يوپۇرماقلار بەكمۇ لەززەتلىكتۇر، ئەمما ھەزىم قىلىش بىر ئاز قىيىن. ئوتتۇرىدىكى تۈكلۈك قىسىمغا كەلگەندە ئاقلىساق بولىدۇ. كەنگەنىڭ قارىداپ قالماسلىقى ئۈچۈن لىمون سۈيىگە چىلاشنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.

      ئادەتتە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بازاردىن ۋە يا تاللا بازارلىرىدىن ئادالانغان كەنگە سېتىۋېلىنىدۇ، ئەمما ئادالانغان كەنگە دەرھال پىشۇرۇلمىغىنىدا تەركىۋىدىكى ۋىتامىن ۋە باشقا مېنېراللارنى يوقىتىپ قويىدۇ. شېخىدىن ئۈزۈلگەن كەنگەنى بىر قانچە كۈن ساقلاشقا توغرا كەلگەندە، يېڭى تۇرۇشى ئۈچۈن ساپلىرىنى كېسىۋېتىشىمىز لازىم. كەنگەنى سېپى بىلەن بىر لوڭقىغا قويۇپ، سۈيىنى بىر قانچە قېتىم يەڭگۈشلەيمىز ۋە ھەر قېتىم سۈيىنى يەڭگۈشلەنگەندە سېپى بىر سانتىمېتىر كېسىلىشى لازىم. ئالغان ۋاقتىمىزدا ياكى ساقلىغان ۋاقتىمىزدا دىققەت قىلساق، ۋىتامىن ۋە مېنېرال ماددىلارنىڭ مەنبىئىي بولغان كەنگەنى ھۇزۇر بىلەن يېيەلەيمىز.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 703 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-26