تاملا سېغىز دەرىخى


تاملا سېغىز دەرىخى


    

     تاملا سېغىز دەرىخى، دۇنيادا پەقەت ئەگەدە، ساكىز(سېغىز) ئارىلى چەشمە ۋە ئالاچاتىدا ئۆسىدىغان بىر دەرەخ تۈرىدۇر. تاملا سېغىز دەرىخىنىڭ ياپراقلىرى تۆكۈلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن چەشمىلەردە ۋە يازلىق ئۆيلەرنىڭ باغچىلىرىدا كۆرەلەيمىز.

تاملا سېغىزى دەرىخىتاملا سېغىزى دەرىخى


 



     تاملا سېغىز دەرىخى، خۇش پۇراقلىقى ۋە گۈزەللىكى بىلەن ياخشى كۆرۈلىدىغان دەرەخ ھېسابلىنىدۇ. تاملا سېغىز دەرەخلىرى، ئىللىق ئۆتىدىغان ئەگە ۋە ئاق دېڭىز ئىقلىمىنى، شورلۇق ۋە تاشلىق تۇپراقلارنى ياخشى كۆرىدۇ. تاملا سېغىز دەرەخلىرىنىڭ مېۋە بېرىدىغانلىرى، پەقەت سېغىز ئارىلىنىڭ جەنۇبىي باغرىلىرى ۋە چەشمە يېرىم ئارىلىدا ئۆسىدۇ. بۇ رايونلارغا خاس بولغان، نەمسىز، شاماللىق ئىسسىق ھاۋا، شورلۇق قىزىل تۇپراقلىق يەر، ۋاقتىدا ياغىدىغان ھۆل – يىغىن قاتارلىق ئامىللار تاملا سېغىز دەرىخىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق بولغان شارائىتلار ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ كەم ئۇچرايدىغان دەرەختىن ئاقىدىغان يىلىملار ياز پەسلىنىڭ ئاخىرىدا توپلىنىپ، تۈرلۈك ساھەلەردە قوللىنىلىدۇ. بۇ يىلىملارنىڭ بىر قانچە مىڭ يىلدىن بۇيان بىلىنىپ كەلگەن تۇنجى ئىشىلتىش شەكلى، سېغىز شەكلىدە چايناش ھېسابلىنىدۇ. بۇ چىشنى تازىلايدىغان ۋە ئېغىزنى خۇش پۇراق قىلىدىغان تەبىئىي سېغىزدۇر. ئىنگلىزچىدىكى «چايناش» سۆزىنىڭمۇ «داملا ساكىزى» دىن كەلگەنلىكى تەخمىن قىلىنىدۇ. تۈركچىدىكى ساكىز ئاداسى، يەنى «سېغىز ئارىلى» دېگەن ئىسىممۇ داملا ساكىزى(تاملا سېغىزى) دىن كەلگەن. تاملا سېغىزىنىڭ 2400 يىلدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن تارتىپ بىلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنىدۇ.


تاملا سېغىز دەرىخىتاملا سېغىزىنىڭ ئۇرۇغى


     تارىخىي مەنبەلەردە 8 – ئەسىردە يېزىلغان بىر ھۆججەتتە تاملا سېغىز دەرىخىدىن مەھسۇلات ئېلىش ئاڭلىتىلىدۇ. بۇ قەدىمكى ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، 8 – ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى كىشىلەر سېغىز دەرىخىنى زىدىلەشكە باشلايدىكەن. بۇ زىدىلەش ئىشلىرى، ئۇزۇن پىچاقلار بىلەن دەرەخنىڭ قوۋزاقلىرىنى تۆت چاسا كىسىش ئىكەن. ياش نوتىلارغا تەگمەيدىكەن. ئەتىسى كۈنى تاملا – تاملا ئاققان دەرەخ سۈيى تامچە ھالىدا ئاستا - ئاستا قاتىدىكەن. تاملا سېغىز دەرىخىدىن ئاققان سۇ يەرگە چۈشۈپ قاتىدىغانلىقى ئۈچۈن دەرەخ ئاستى ناھايىتى پاكىزە تۇتۇلۇشى لازىم ئىكەن. بۇ تارىخىي ئەسەرنىڭ ئاپتورىغا كۆرە، ئەڭ مول – ھوسۇللۇق مەزگىل، ھاۋا قۇرغاق ۋە ئوچۇق بولسا، 8 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلىنىدىكەن. دەرەختىن ئېلىنغان ھوسۇللار ئوردىغا ئاپىرىلىدىكەن ۋە كۆپىنچىسىنى ئوردىدىكى خانىم – قىزلار تۈگىتىدىكەن. ئۇلار ۋاقىت ئۆتكۈزۈش، ئېغىزلىرىنىڭ خۇش پۇراق پۇرىشى ئۈچۈن ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا ئاچ قورساق ھالدا سېغىز چاينايدىكەن.



     دەرەختىن تاملىغان تامچىلار ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، قاتماستىن بۇرۇن دۈملەپ پېشۇرۇلىدىغان يېمەكلىكلەرگە ۋە نان خېمىرىغا قوشۇلىدۇ. تاملا سېغىز دەرىخىدىن مول – ھوسۇل ئېلىش، خۇددىي كۈنىمىزدىكى بىر قېتىملىق مول – ھوسۇل ئېلىشنى ئاڭلاتقانغا ئوخشايدۇ. تارىخىي ئەسەردىكى ھەرەم قىسمىنى چىقىرىۋەتسەك، تاملا سېغىز دەرىخىدىن ھازىرمۇ ئوخشاش شەكىلدە مول – ھوسۇل ئېلىنماقتا ۋە قوللىنىلماقتا.



     

تاملا سېغىزى دۇنيادىكى ئەڭ سۈپەتلىك ئۆسۈملۈك يىلىمى ھىساپلىنىدۇتاملا سېغىزى دۇنيادىكى ئەڭ سۈپەتلىك ئۆسۈملۈك يىلىمى ھىساپلىنىدۇ


     كۈنىمىزدە، تەبىئىي يىلىم 9 – ئايدىن 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنىگىچە قاتتىقلاشقاندا توپلىنىدۇ. دەرەخنىڭ يىلىمى توپلىنىشتىن بۇرۇن، دەرەخنىڭ ئەتراپى تازىلىنىدۇ ۋە تۈزلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن باغۋەنلەر دەرەخنىڭ زىدىلەنمەسلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە ياسالغان سايمانلار ئىشىلتىدۇ. ئاندىن دەرەخنىڭ قوۋزىقى سۈيىنىڭ ئېقىپ چۈشۈشى ئۈچۈن يېرىلىدۇ. قوۋزاقنى كىسىش ئىشلىرى دەرەخ گەۋدىسىنىڭ ئاستىدىن باشلىنىپ، ئۈستىدىكى شاخلىرىغىچە ياز بويىچە داۋاملىشىدۇ. يېرىقلارنىڭ سانى دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى ۋە يېشىغا باغلىق بولىدۇ. يېرىق سانى ئادەتتە 20 دىن 100 گىچە بولىدۇ. يېرىق ئېچىش ئىشلىرى ھەپتىدە ئىككى قېتىم تەكرارلىنىدۇ ۋە 6 – 5 ھەپتە داۋاملىشىدۇ. كېيىنچە ئوڭشاش ئاسان بولغانلىقى ئۈچۈن باغۋەنلەر تۆت چاسا كىسىشنى تاللايدۇ.

     تەبىئىي سېغىز، بىر قانچە يۈز ئەسىرلەردىن بىرى دورا – دەرمەك بازىرىدا پايدا يارىتىدىغان قىممەتلىك ماللاردىن بىرى بولۇپ كەلدى. سېغىز دەرەخلىرى سېغىز ئارىلىنىڭ سودا ئەھمىيىتىنى ئاشۇرغان بولۇپ، تارىخ بويىچە ئارال جەنەۋىزلىقلار ۋە ۋېنېدىكلىقلارغا ئوخشايدىغان خەلقلەرنىڭ قولغا كىرگۈزۈش تالىشىشىغا سەۋەب بولغان. ئوسمانلى سۇلتانلىقى دەۋرىدە بولسا، بولۇپمۇ تەبىئىي تاملا سېغىزى ئىشلەپچىقىرىدىغان يېزىلار، سېغىز ئارىلىنىڭ باشقا يېزىلىرىغا قارىغاندا ئانچە باي ئەمەس ئىدى. كۈنىمىزدىمۇ، تاملا سېغىزى دۇنيا مىقياسىدىكى ئورنىنى يۈتتۈرۈپ قويغىنى يوق. تەمى، قوللىنىش ساھەلىرى ۋە سالامەتلىككە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تاملا سېغىزى سېغىز ئارىلىدىن ۋە تۈركىيەنىڭ چەشمە ئەتراپىدىن پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىگە ئېكىسپورت قىلىنماقتا.

تاملا سېغىزىنىڭ چېچىكىتاملا سېغىزىنىڭ چېچىكى



     تەبىئىي تاملا سېغىزىنىڭ ئەمچەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئىشلىرىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقى ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە ئىسپاتلاندى. سۈيدۈكنى ھەيدەش ئالاھىدىلىكى بىلەن بۆرەككە ناھايىتى پايدىلىق. جىگەرنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئېغىز ساغلاملىقى ئۈچۈن بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان ئۇسۇل بولۇپ كەلگەن. دىققەت قىلغىنىمىزدا، نۇرغۇنلىغان چىش پاستىسى ۋە غەر – غەرلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتا تەبىئىي تاملا سېغىزىدىن پايدىلىنىلىدۇ. تەبىئىي تاملا سېغىزى چىش داۋالاشتا چىش چىرىكلىرىنى تولدۇرۇش، تولدۇرۇلغان ماددىلارنى بىرلەشتۈرۈشتە كەڭ قوللىنىلىدۇ. تەبىئىي تاملا سېغىزىنىڭ داۋالاش ئىشلىرىدا پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىقى قەدىمكى ۋاقىتتىن تارتىپ بىلىنىپ كەلگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2 – ئەسىردە ياشىغان داڭلىق بىر تىۋىپ، تەبىئىي تاملا سېغىزىنىڭ قاننىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ۋە كانايچە ياللۇغىغا پايدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە تەبىئىي تاملا سېغىزى، كۆيۈك، ھۆل تەمرەتكە، ئۈششۈك تېگىش، راك ۋە تېرە يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەر ئۈچۈن قوللىنىلماقتا ھەمدە تاملا سېغىزىنىڭ خولېستېرول ۋە قاندىكى شېكەر مىقدارىنى چۈشۈرۈشكە كۆرسىتىدىغان پايدىلىق تەرەپلىرى تەتقىق قىلىنماقتا.

     تاملا سېغىزىنىڭ كىشىنىڭ ئەقلىگىمۇ كەلمەيدىغان ھەيران قالارلىق قوللىنىش ساھەلىرى بار. تەبىئىي تاملا سېغىزى مۇرابباسىنى، ئوپېراتسىيە ئىشلىرىدا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغان، ئوپېراتسىيە قىلىنغان جاينى تىكىشتە كەڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرۈش مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، تىكىشتە ئىشلىتىلگەن يىپلار ئورگانىزىملار تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ، تىكىش ياخشىلانغاندا ئېلىۋېتىشكە كېرەك قالمايدۇ. تاملا سېغىزىدىن ياسالغان دورىنى داكىغا سۈركەپ ئوپېراتسىيە قىلىنغان جايغا يۆگەشنىڭ ئورنىغا، يارا ئېغىزىنى ئېتىش ئۈچۈن ئىشىلتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ياۋروپا مىقياسىدا، تەبىئىي تاملا سېغىزىنى، كونا بىنالارنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە تام رەسىملىرىنى ئاسىراشتا قوللىنىلىدىغان ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئاساسىي خام ماددا سۈپىتىدە پايدىلانماقتا. ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەدە تەبىئىي تاملا سېغىزىنى بوياقچىلىق ئىشلىرىدا قوللىنىش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، بوياق ياساشقا كېرەكلىك ماددىلارنىڭ خام ماتېرىيالى قىلىش؛ ئىككىنچىسى بولسا، بوياقلارنى پارقىراق قىلىدىغان ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىش. بۇلغارىيەدە تەبىئىي تاملا سېغىزى، ياغاچچىلىق سانائىتىدە رەڭ تەڭشىگۈچ قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. كېمىلەرنىڭ ئاستىنى بوياش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە بوياقلارنى ياساشتىمۇ تاملا سېغىزى قوللىنىلىدۇ. ئايروپىلان ياساشتا، رەڭ ئاسىرىغۇچى سۈپىتىدە تاملا سېغىزى قوللىنىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەمسىز؟ پارقىراتقۇچ، سېنتىتىك كاۋچۇك، چاق، پىلاستىك، سېنتىتىك تېرە ۋە قۇرت ئۆلتۈرۈش دورىسى ياساشتىمۇ تاملا سېغىزى زىكىر قىلىنغاندا ھەيران قالماسلىقىمىز لازىم. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، تاملا سېغىزى ھەل بېرىش ئەشىياسى ۋە سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان خام ماددا سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. مۇشۇنداق قوللىنىش ساھەسى كەڭ بولغان سېغىز دەرىخىنىڭ ئانادولۇ تۇپراقلىرىدا تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىشى ۋە تاملا سېغىزىنى تۈركىيە ئىقتىسادىغا پايدىلىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش لازىم.


     خوش، ئەمدى تاملا سېغىزى قوشۇلغان پېچىنە – پىرەنىكلەرنى پېشۇرۇش ئۇسۇلىغا كېلەيلى:
     پېشۇرۇلىشى ناھايىتى ئاسان بولغان تاملا سېغىزى پېرەنىكى ئۈچۈن، ئىككى تۇخۇم، بىر ئىستاكان شېكەر، 250 گىرام ئۆي تېمپېراتۇراسىدا يۇمشىغان سېرىق ماي، 400 گىرام بۇغداي كىراخمالى، بىر بولاق ئېچىتقۇ، بىر يېرىم ئىستاكان ئۇن ۋە بىر قوشۇق سوقۇلغان تاملا سېغىزىنى تەييارلايمىز. كىراخمال، ئۇن ۋە ئېچىتقۇنى بىر- بىرىگە ئارىلاشتۇرىمىز، ئاندىن باشقا لازىمەتلىكلەرنى قوشۇپ يۇغۇرىمىز. خېمىردىن ئۇششاق – ئۇششاق پارچىلارنى ئۈزۈپ، ئۇلارنى يۇمىلاق قىلىمىز. پېچىنىلەرنىڭ ئۈستىگە پىچاق بىلەن سىزىق سىزىشنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. ئاندىن 170 گىرادۇستا قىزىتىلغان تونۇر يەڭگىل شاپتۇل چېچىكى رەڭگىگە ئۆزگەرگىچە پېشۇرىمىز. تاملا سېغىزى قوشۇلغان پېچىنە – پىرەنىكلىرىمىز ئاسانلىقچە بۇزۇلمايدۇ ۋە چاي بىلەن ئىنتايىن يىيىشلىك بولىدۇ.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 652 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-26