بەرگاموت

ئانا ۋەتىنى غەربىي ھىندىستان ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنىدىغان بەرگاموت ئېگىزلىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت مېتىر كېلىدىغان، ئاپلىسىن ئائىلىسىگە تەۋە بىر دەرەختۇر. بەرگاموت دەرىخىنىڭ ياپراقلىرى ئۇزۇن ۋە قېنىق يېشىل بولىدۇ، چېچەكلىرى كىچىك ۋە ئاق رەڭلىك كېلىدۇ. مېۋىلىرى يۇمىلاق بولۇپ، ئامۇت شەكلىگە ئوخشايدۇ. مېۋىلىرىنىڭ پوستى لىمون سېرىقىدا، ئېتى بولسا چۈچۈمەل بولىدۇ.

بەرگاموت مىۋىسىپىشقاندىن كېيىنكى بەرگاموت مېۋىسى

بەرگاموت مېۋىسىنىڭ پوستىلىرىنى سىقىپ بەرگاموت يېغى چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ ياغ سېرىق رەڭلىك، خۇش پۇراق ۋە ناھايىتى لەززەتلىك بولىدۇ. بەرگاموت چېيى بولسا، كىشىلەر قەدىمكى ۋاقىتلاردىن باشلاپ تاللاپ ئېچىدىغان چايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بەرگاموت چېيى، بەرگاموت دەرىخىنىڭ قۇرۇتۇلغان ياپراقلىرى، ئۇرۇقلىرى ياكى مېۋىسىنىڭ پوستىدىن ياسىلىدۇ. بەرگاموت چېيىنى سوغۇق ياكى قىزىق قىلىپ ئىچكىلى بولىدۇ. بەرگاموت چېيىنى ئاساسلىقى ھەزىم قىلىش سىستېمىلىرىدا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر، ھۆتەل ۋە بۇرۇن تۆشۈكى كېسەللىكلىرىگە قارشى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئۇزۇن دەملەنگەن بەرگاموت ياپراقلىرىنىڭ ھورىنى ھوردىغاندا، باش ئاغرىقى، دىمىقى پۈتۈپ قىلىش، زۇكام، ھۆتەل ۋە كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.

پىشىش ئالدىدىكى بەرگاموتپىشىش ئالدىدىكى بەرگاموت

بەرگاموت مىكروپ ئۆلتۈرۈش ئالاھىدىلىكى ۋە پوستىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن ياغ ئارقىلىق پەداز سانائىتىدە، مۇنچا بۇيۇملىرىدىن خۇش پۇراق ئەتىرگىچە بولغان نۇرغۇنلىغان مەھسۇلاتلارنى ياساشتا ئالدىن تاللىنىلىدىغان ئۆسۈملۈكتۇر. بۇنىڭدىن باشقا، گۆشنى ئۇزۇن ساقلاشقا توغرا كەلگەندە، گۆشنى پاكىزە ساقلاش مەقسىتىدە باكتىرىيەلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ بەرگاموتتىن پايدىلانغىلى بولىدۇ.

بەرگاموتنىڭ تۈرلىرىمۇ بىر نەچچە خىل بولۇپ، پىشىشقا باشلىغاندىن كېيىن پوستىدا مۇدۇر چۇقۇرلار پەيدا بولۇپ كېيىن بارماققا ئوخشاش ئۇزىراپ چۈشىدىغان بىر خىلىمۇ يېرىم مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قاتاردا كەڭ ئۆستۈرۈلىدۇ. بەرگامۇتتىن يەنە چايمۇ تەييارلىنىدۇ. بەرگاموت چېيىنى نورمال چايغا ئوخشاش تەييارلىيالايمىز، يەنى بىر نەچچە قوشۇق بەرگاموت ياپرىقىنى قاينىتىلغان سۇغا سالىمىز ۋە بىر نەچچە مىنۇت دەملەيمىز. ئەگەر چاي ئۈچۈن بەرگاموت پوستى ياكى ئۇرۇقىنى ئىشلەتكەن بولساق، دەملەش ۋاقتى بىر قانچە مىنۇت ئۇزىرىشى مۇمكىن. بەرگاموت چېيى قانچە ئۇزۇن دەملەنسە، تەمى شۇنچىلىك ئۆتكۈر بولىدۇ. بەرگاموت ياپرىقى ۋە ئۇرۇقىدىن ئىككى قوشۇق سالساق يېتەرلىك بولىدۇ. بەرگاموت پوستىدىن بىر قوشۇق سالساق چېيىمىز لەززەتلىك بولىدۇ. ھەسەل ۋە لىمون سۈيى بەرگاموتقا ناھايىتى ماسلىشىدۇ ھەمدە چېيىمىزنىڭ تەمىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ.

بارلىق ئۆسۈملۈك چايلىرىغا ئوخشاش، بەرگاموت چېيىنىمۇ جىق ۋە داۋاملىق ئىچمەسلىك لازىم. بولۇپمۇ، ھامىلە ياكى بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ بەرگاموت چېيىنى ئېچمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەندە ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۈچۈنمۇ 4–3 كۈندىن كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك. بىر ھەپتە ئىزچىل بەرگاموت چېيى ئىچكەن بولساق، كېيىنكى ھەپتىسى بەرگاموت چېيى ئىچىشنى توختىتىپ، قوشۇمچە تەسىرلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم. بۇ قوشۇمچە تەسىرلەر قايسى دېگىنىمىزدە، مىسال قىلىپ ئېيتساق، خانىم – قىزلارنىڭ ئادەت كۆرۈشىدە قالايمىقانلىشىش ۋە بالىياتقۇ موسكۇللىرى تارتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
خۇش پۇراقلار تۈرك مىللىي تېبابىتىدە ھەر دائىم مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن، بولۇپمۇ روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ھەر خىل خۇش پۇراق ماددىلاردىن پايدىلىنىلغان. ئىبىن سىنا ۋە بىرۇنىغا ئوخشاش تۈرك تىۋىپلىرى خۇش پۇراق ئارقىلىق داۋالاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ تېبابەت تارىخىغا قارىغىنىمىزدا، تىۋىپلارنىڭ ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ كېسەللىكتىن خالىي، ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكلىرىنى كۆرىمىز. تېبابەتتە كېسەللىكتىن ساقلىنىش ئاساسىي مەقسەت بولغان ۋە كۈنىمىزدىمۇ بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئالدىنقى پىلانغا چىقىشقا باشلىدى. ئۆسۈملۈك يېغىنىڭ نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ۋە شىپا بولىدىغانلىقى تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. ئۆتمۈشتىن كۈنىمىزگىچە بەزى ئۆسۈملۈكلەرگە مۇناسىۋەتلىك بۇ مەلۇماتلار كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈلۈپ كەلدى. بەرگاموت يېغىغا كەلسەك، يېتىلىۋاتقان باسقۇچتىكى ياشلار ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنغانلىقىنى بايقايمىز. يېتىلىۋاتقان باسقۇچتىكى ياشلارنىڭ ھورمونلىرى كۆپ ئىشلىگەنلىكتىن، تېز تەرسالىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، سەۋرسىز بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. يېتىلىۋاتقان مەزگىلدىكى ياشلارنىڭ ئۆزلىرىنى راھەتلىتىدىغان، ئارام بېرىدىغان خۇش پۇراقلارغا ئېھتىياجى بار. بەرگاموت يېغى قوشۇلغان ئەتىرلەر بۇ ئېھتىياجلارغا جاۋاب بېرەلەيدۇ. ئوسمان ئىمپېرىيەسىدىكى تىۋىپلار، مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ «خۇش پۇراق كۆڭۈل كۆزىنى ئاچىدۇ» دېگىنى بويىچە ھەرىكەت قىلغان ۋە كىشىلەرنىڭ تەبىئىيىتى بويىچە خۇش پۇراقلارنى تەۋسىيە قىلغان بولۇپ، بۇنى داۋالاشتا ئىشلەتكەن. كۈنىمىزدە بولسا، خۇش پۇراقلارغا دېگەندەك ئەھمىيەت بېرىلمەيۋاتقىنىنى كۆرمەكتىمىز. بۇنىڭ ئەكسىچە، خۇش پۇراقلار ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار، خۇش پۇراقلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئۈستىدىكى ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

پىشىش ئالدىدىكى بەرگاموتپىشىش ئالدىدىكى بەرگاموت

بەرگاموت مېۋىسىنىڭ خۇش پۇرىقى، ئۇنى مۇراببا ياساشقا تولىمۇ باپ كېلىدىغان مېۋىگە ئايلاندۇرغان. بەرگاموت پوستىلىرىدىن ھاسىل قىلىنغان بەرگاموت يېغىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم. بۇ ياغ، ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا قەدىمكى ۋاقىتلاردىن تارتىپ، ئىشىلتىلىپ كەلمەكتە. بەرگاموت يېغىنىڭ روھىي بېسىمغا داۋا بولىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. ئادەمنى راھەتلىتىدىغان تەسىرى بىلەن ئۇيقۇ نورمالسىزلىنىشقا ياخشى كېلىدۇ، مىكروپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشىلتىلىدۇ. بەرگاموت يېغىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل قوللىنىش ئۇسۇلى بار:

يۈز تېرىسىگە سۈركەپ، ئۇۋۇلاپ، بېسىم ۋە ھارغىنلىقنى تۈگىتىشتە قوللانغانغا ئوخشاش، بىر پىيالە سۇغا 3–2 تىمىم تىمىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىچسەك بولىدۇ. بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىشتىھانى ياخشىلايدۇ. بەرگاموت يېغىنىڭ ھۆل تەمرەتكىنى داۋالاشقىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغانىلىقى بىلىنىدۇ. پاشا چاققان يەرلەرگە، دانىخورەكلەرگە ۋە گال ئاغرىغاندا بەرگاموت يېغىنى سۈركىگەندە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بەرگاموت يېغىنى راھەتلىنىش ۋە مىكروپلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن مۇنچا سۈيىگە قاتقىلى بولىدۇ، ھەتتا ھوردىغىلىمۇ بولىدۇ.

بەرگاموت دۇنيادىكى ساناقلىق دۆلەتلەردە يېتىشىدىغان، كەم كۆرۈلىدىغان بىر دەرەختۇر. دۇنيادا ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى جالابىرىيات رايونىدا ئەڭ كۆپ ئۆسىدۇ. تۈركىيەدە ئاق دېڭىز رايونىدا، ئانتاليا، مەرسىن، خاتاي ۋە ئادانادا يېتىشىدۇ. ئانادولۇ خەلقى بەرگاموتنى بەگ ئامۇتى، دەپ بىلىدۇ. بەرگاموت ئىسمىنىڭ ياۋروپا تىللىرىغا ئانادولۇدىن كىرگەنلىكى توغرىسىدا ئىككى ئانالىز بار.
بىرىنچىسى، بەگ ئامۇتى دېگەن سۆزنىڭ ياۋروپا تىللىرىدا بەرگاموتقا ئۆزگەرگەنلىكى. ئىككىنچىسى بولسا، 16 – ئەسىردە ئانادولۇغا كەلگەن ياۋروپالىق سودىگەر ۋە ئۆسۈملۈكشۇناسلارنىڭ بەرگاموتنى بەرگامىدا كۆرۈپ، بۇ يېڭى مېۋىگە شۇ يەرنىڭ نامىنى بەرگەنلىكى ۋە بۇ ئىسىمنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بەرگاموتقا ئۆزگەرگەنلىكىدۇر. بەرگامىدىكى بەرگاموت دەرەخلىرى، كۈنىمىزدە كۈنسېرى ئازىيىۋاتقان بولسىمۇ، بەرگاموت كۈنىمىزدە ئانتاليا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم سودا قىممىتىگە ئىگە. ئانتالياغا باغىنىمىزدا داڭلىق بەرگاموت مۇرابباسىنى تېتىماي تۇرالمايمىز.
بەرگاموت ئاز تېپىلىدىغان بىر دەرەخ بولۇشىغا قارىماي، ئىنتايىن خۇش پۇراقلىقى ۋە ئاق رەڭلىك چېچەكلىرىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن باغچا ئۆسۈملۈكى سۈپىتىدە ئۆستۈرگەن كىشىلەرمۇ بار. دۇنيادا بەرگاموتنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان ھىندىستاندا يېمەك – ئىچمەكلەردە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدۇ، ھەتتا دورا – دەرمەك سۈپىتىدىمۇ ئىستېمال قىلىنىدۇ ۋە ياخشى كۆرۈلىدۇ. بەرگاموتنى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىشتىن باشقا، ئوخشىمىغان پايدىلىنىش ساھەلىرىمۇ بار. مەسىلەن ، خىمىيە سانائىتى. بەرگاموت لىمون كىسلاتاسى ۋە كالىتسىي كىسلاتاسى ئىشلەپچىقىرىشتا قوللىنىلىدىغان، سودا قىممىتى بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان، ناھايىتى مۇھىم خام ماددا ھېسابلىنىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1096 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-19