قەلەمپۇر



قەلەمپۇر



     قەلەمپۇر دۇنيادا ناھايىتى كەڭ ئىشلىتىلىدىغان ئەمما پەقەت ئىسسق بەلباغدىكى ئاز قىسىم رايونلاردىلا ئۆستۈرۈلىدىغان دورىلىق گۈل ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بىز بىلىدىغان قەلەمپۇر دورا دەرمىكى گەرچە سېرىنگۈل تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك بولسىمۇ ھەممىلا سېرىنگۈلدىن قەلەمپۇر ئالغىلى بولىۋەرمەيدۇ. قەلەمپۇر ۋە قەلەمپۇر دورا دەرمىكى ياسىلىدىغان دەرەخلەر، سېرىنگۈل ئائىلىسىدىكى  بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۆسۈملۈكلەردۇر.

قەلەمپۇرقەلەمپۇر



      قەلەمپۇر ئېلىنىدىغان سېرىنگۈل دەرىخى 10 مېتىر ھەتتا 20 مېتىرغىچە ئۆسىدىغان، تۆت پەسىل ياپ يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ بولۇپ قەلەمپۇر دورا دەرمىكى قەلەمپۇر دەرەخلىرىنىڭ چېچەك بىخلىرىدىن ياسىلىدۇ، ياغىچى ناھايىتى خۇشپۇراق پۇرايدۇ. قەلەمپۇر دەرىخنىڭ قوڭغۇراققا ئوخشايدىغان ئاچ قىزىل رەڭلىك چېچەكلىرىنىڭ بېخلىرى قۇرۇتۇلغاندا قىزىل رەڭگى قەھۋە رەڭگىگە ئۆزگىرىدۇ. خۇشپۇراقلىق بۇ بېخلار قەلەمپۇر دورا دەرمىكىنىڭ خام ماتېرىيالى بولۇپ، تەمى ئاچچىق چۈچۈمەل كېلىدۇ. قەلەمپۇر دەرىخىنىڭ ئانا ۋەتىنى ھىندونېزىيەدىكى مولۇككا تاقىم ئاراللىرى بولسىمۇ، دۇنيادا ھەممە بىلىدىغان ۋە ئىشلىتىلىدىغان بىر دورا دەرمەكتۇر. مولۇككا مالاي تىلىدا دورا دەرمەك مەنىسىگە ئىگە.

سېرىنگۈلسېرىنگۈل



     ھىندىلار يېمەكلىكلىرىگە قەلەمپۇرنى كۆپ سالىدۇ. قەلەمپۇر ياۋروپادا تۇرشۇ ۋە مۇراببالارغا كۆپ سېلىنىدۇ، ئەنگلىيە داسىتىخانلىرىدا ئالاھىدە ئورنى بار. ئەنگلىيەلىكلەر قەلەمپۇرسىز پۆرىنى ئانچە ئېتىبارغا ئالمايدۇ. دۇنيادا قەلەمپۇر ئوخشىمىغان ساھەلەردە قوللىنىلىدۇ. ھىندونېزىيە ئەتراپىدا كىشىلەر قەلەمپۇرنى %60 تاماكا، %40 سىگارېت ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. جەنۇبىي ئاسىيادا قەلەمپۇرنى بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقىغا ئوراپ چايناش ئادىتى بار. قەلەمپۇر ئەڭ كۆپ دورا دەرمەكنىڭ ئورنىدا قوللىنىشتىن سىرت، ئۇزۇنغىچە ئېغىزغىمۇ سېلىنىدۇ. چاينالغاندا نەپەسنى پاكىزە قىلىدۇ، ئېغىز پۇرىقىنى ياخشىلايدۇ. يەڭگىل ۋە ئوتتۇراھال چىش ئاغرىقى، چىش مىلىكى ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ. چۈنكى، تەركىبىدىكى بىر ماددىنىڭ مەست قىلىش ۋە باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار. ھەر خىل تارىخىي كىتابلاردا قەلەمپۇرنىڭ ئىسمى ئۇچرايدۇ. مىسال كەلتۈرۈشكە توغرا كەلسە، رىم ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە ئائىت بىر يېمەكلىك كىتابىدا، قەلەمپۇر ھەر قاچان قول يېتىدىغان جايدا تۇرۇشى كېرەك بولغان دورا دەرمەكلەر ئارىسىدا زىكرى قىلىنىدۇ. قەدىمقى گىرېتسىيەلىك بىر مەشھۇر تىۋىپ ئۆزىنىڭ كىتابىدا، قەلەمپۇرنى توشقان قىيامىغا ئارىلاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. يەنە قەدىمقى رىمنىڭ تەبىئەت تارىخچىسى پلىنىيۇسمۇ قەلەمپۇر ھەققىدە توختالغان بولۇپ، قەلەمپۇرنىڭ پەقەت پۇرىقىنى دەپلا ئىمپورت قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. قەدىمقى رىم، ھىندىستان ۋە جۇڭگو مەنبەلىرىدە قەلەمپۇر توغرىسىدىكى قاراشلار بىر بىرىگە ماس كېلىدۇ، كۆپىنچە نەپەسنىڭ پاكىزە ۋە خۇشپۇراق بولۇشى ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، قەلەمپۇر ھۆتەل، كېكىرىش، قۇسۇش، ئېغىز ۋە بوغۇز ياللۇغلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن ياسىلىدىغان ئۆسۈملۈك ئارىلاشمىلىرىغا قوشۇلىدۇ.

قەدىمقى جۇڭگودا ياشىغان ۋە ئوردىدا خىزمەت قىلغان داڭلىق دورىگەر لىشىجېن، ئوردا ئەھلىگە قەلەمپۇر ئېلىپ يۈرۈشنى ئېيتقان بولۇپ، مەقسەت، ئېغىزنىڭ يامان پۇراپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. تەۋسىيەگە قۇلاق سالغان ئوردا مەنسۇپلىرى، بىر سەۋەبتىن، يەنى ئىمپېراتورغا يېقىنلىشىشقا مەجبۇر بولغاندا ئاغزىنىڭ يامان پۇرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاغزىغا قەلەمپۇر سېلىۋېلىش نەسىھىتىگە ئەستايىدىللىق بىلەن بويسۇناتتى. قەدىمقى چاغلاردا قەلەمپۇرنىڭ قەيەردە يېتىشكەنلىكى بەك ئېنىق بىلىنمەيتتى. رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەپسانىلەر بىر بىرىنى قوغلىشاتتى. قەدىمقى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، قەلەمپۇر ناھايىتى سىرلىق، يىلتىزى بىلىنمەيدىغان ۋە سىرتتىن كەلگەن بىر دورا دەرمەك ئىدى. قەلەمپۇر تارىختىكىگە ئوخشاش، كۈنىمىزدىمۇ ھىندونېزىيە، ماداغاسقار، ھىندىستان، سىرى لانكا قاتارلىق دۆلەتلەردە يېتىشتۈرۈلىدۇ. ئەمما، دۇنيادىكى قەلەمپۇرنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا ئافرىقىنىڭ شەرقىدىكى زەنگىبار بىلەن ھىندى ئوكياندىكى باشقا ئاراللاردا يېتىشىدۇ.

  گەرچە قەلەمپۇر دورىگەرلىك ۋە ئەتىر سانائىتىدە مۇھىم خام ماتېرىيال بولسىمۇ ئەمما سېرىنگۈل ئۇرۇقدىشىدىكى باشقا ئىقلىم قەلەمپۇرلىرىدىن سۈپەتلىك قەلەمپۇر ئالغىلى بولمىغانلىقتىن تۈركىيە، ەوللاندىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قەلەمپۇر ئۆستۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا زەنگىبارنىڭ قەلەمپۇرلىرىنىڭ ئورنىنى باسالمىدى.

 16 ئەسىردىن باشلاپ، گوللاندىيەلىكلەر قەلەمپۇر سودىسى بىلەن باي بولغان، گېرمانىيەنىڭ 16-ئەسىرلەردە قۇرۇلغان ئەتىر شىركەتلىرى مەخسۇس ئاقسۆڭەك ۋە پادىشاھلار ئۈچۈن ئەتىر ئىشلىتىشتە قەلەمپۇرغا تايانغان بولغاچقا ھازىرمۇ ئامىستېردام بىلەن روتتېردام ئەڭ چوڭ قەلەمپۇر بازارلىرى سۈپىتىدە سانىلىدۇ. زەنگىبار ۋە باشقا ھىندى ئوكيان ئىسسق بەلباغلىرىدىن چىقىدىغان قەلەمپۇرلار گوللاندىيە ئارقىلىق دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىلىدۇ.

دۇنيانىڭ قەلەمپۇر مەنبە خەرىتىسىدۇنيانىڭ قەلەمپۇر مەنبە خەرىتىسى



     قەلەمپۇر 17– ۋە 18 ئەسىردىكى ئەنگلىيەدە باھاسى سەۋەبىدىن ئالتۇن بىلەن ئوخشاش قارىلاتتى. تارىخچىلار قەدىمقى دەۋرلەردىكى قەلەمپۇر سودىسىغا مال ئالماشتۇرۇش دەپ باھا بېرىدۇ. چۈنكى، دېڭىزچىلار قەلەمپۇر ئۈچۈن بېرىدىغان مالنى ساھىلغا قويۇپ كەينىگە قايتاتتى ۋە ساھىلغا قايتا كەلگىنىدە قەلەمپۇر ئالاتتى. رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، قەلەمپۇرلارنى ساھىلغا ئېلىپ كەلگەن جىنلار ئىدى. زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن قەلەمپۇرلارنى ساھىلغا ئېلىپ كەلگەن جىنلار ئەمەس، بەلكى ۋەھشىي ئىنسانلار ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەپسانىلەر ھەر تەرەپكە تارقىلىشقا باشلىدى. سودىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بۇ كونا ھېكايىلەر ئۇنتۇلدى ۋە قەلەمپۇر ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايلار سودىگەرلەرنىڭ دىققەت نەزىرىدىكى دائىرىلەر ئىچىگە كىردى. ئوسمانلى سۇلتانلىقىدىمۇ قەلەمپۇر ناھايىتى مۇھىم دورا دەرمەك ھېسابلىناتتى ۋە قۇۋۋەت مەجۇنلىرى بىلەن ئاشۇرادا قوللىنىلاتتى. ھاردۇقنى ئالىدۇ دەپ قارىلاتتى.

مۇتەخەسسىسلەر ھەقىقەتەنمۇ قەلەمپۇرنىڭ ھاردۇقنى چىقىرىش، جىددىيچىلىك، بولۇپمۇ زىھىنىي چارچاشقا ياخشى كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. قەلەمپۇرنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىش ناھايىتى ئاسان. بىر ئىستاكان سۇ قاينىتىمىز ۋە سۇ ئىسسىغان ۋاقتىدا 109 دانە قەلەمپۇر پارچىسى سالىمىز. 65 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، قەلەمپۇرلارنى ئېلىۋەتمەستىن ئىچىمىز. قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن، يەڭگىللەپ قالغانلىقىمىزنى، زىھنىمىزنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. دەملىگەن چېيىمىزغىمۇ قەلەمپۇر سېلىپ ئىچسەك بولىدۇ. چېيىمىزنىڭ ئىچىدە بىر قانچە مىنۇت دەملەنگەن 1210 دانە قەلەمپۇر زىھنىمىزنى ئېچىش ۋە دەم ئالدۇرۇش ئۈچۈن يېتىپ ئاشىدۇ. ئادەتكە ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قەلەمپۇرنى ھەپتىدە 43 قېتىمدىن ئارتۇق ئىچمەسلىكىمىز لازىم.

     قەلەمپۇر سېتىۋالغان ۋاقتىمىزدا يېڭى بولۇشىغا دىققەت قىلساق، تەركىبىدىكى ماددىلاردىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايمىز. قەلەمپۇر دانىلىرىنى قولىڭىزغا ئېلىپ، يەڭگىل پۈۋلىگەندە ئۆتكۈر پۇراق كەلسە، بۇ قەلەمپۇر يېڭى ھېسابلىنىدۇ. قەلەمپۇر قوشۇلغان ئۆسۈملۈك چېيى باشقا ئۆسۈملۈك چېيىغا ئوخشاش ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ. توڭلاتقۇدا ئىككى كۈنگىچە تەمى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، ھەتتا قەلەمپۇر چېيىنى چىش تازىلاش ئۈچۈنمۇ قوللانغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، قەلەمپۇرنىڭ يېڭى ئىكەنلىكى بىلەن بىرگە، سۈپىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟ كىشىلەر قەلەمپۇرنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەش ئۈچۈن بىر چارە ئويلاپ تاپقان ۋە تەجرىبە قىلىش نەتىجىسىدە سۇدا ئېقىتىش سىنىقى بارلىققا كەلگەن. سۇدا ئېقىتىش سىنىقى قەلەمپۇرنىڭ سۈپىتىنى بىلگىلى بولىدىغان ناھايىتى ئاسان ئۇسۇلدۇر. سۈپىتى ياخشى بولغان قەلەمپۇر سۇغا سېلىنغاندا سۇنىڭ ئاستىغا چۆكىدۇ ياكى تىك شەكىلدە تۇرىدۇ. سۈپىتى ياخشى بولمىغان قەلەمپۇر بولسا، سۇ ئۈستىدە يانتۇ تۇرىدۇ. بۇنى ھەممىمىز سىنىيالايمىز. ئەگەر قەلەمپۇر يېغى سېتىۋالماقچى بولساق، قەلەمپۇر يېغىنىڭ رىماتېزم ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىش رولىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن تەبىئىي ۋە ئورگانىك بولۇشىغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم. قەلەمپۇر يېغىنى ئاغرىغان يەرگە سۈركەپ، يەڭگىل ئۇۋۇلاپ بەرگىنىمىزدە، بۇنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلالايمىز. ئۇيقۇىمىز قاچقاندا قەلەمپۇر پۇراپ، سىناپ باقساق بولىدۇ. چۈنكى، قەلەمپۇر پۇرىقىنىڭ ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ.

    ئەمدى قەلەمپۇر دورا دەرمىكىنى بىر ياققا قويۇپ، قەلەمپۇر چېچىكى ھەققىدە توختىلايلى:

سېرىنگۈلسېرىنگۈل



     قەلەمپۇر چېچىكى - يەنى سېرىنگۈل دۇنيادا ئەتىرگۈلدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ ئۆستۈرۈلىدىغان ۋە ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان گۈلدۇر. تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ كەسمە چېچەك قەلەمپۇرى يېتىشتۈرۈلىدۇ. ھەر خىل تۇپراقتا ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ئائىلىدە ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق، يىل بويى چېچەكلەيدۇ ۋە باھاسى مۇقىم. پايدا يارىتىش، ئېكىسپورت ئىمكانىيەتلىرى قەلەمپۇر يېتىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. قەلەمپۇر چېچەكلىرى ئۆلچەملىك ۋە پۈركۈلگەن بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىككى خىل بولىدۇ. ئۆلچەملىك قەلەمپۇرنىڭ چېچەك سېپى ئۇچىدا يالغۇز ۋە چوڭ بىر گۈل بولىدۇ. پۈركۈلگەن تۈرىدە بولسا، بىر چېچەك سېپىدا بىردىن كۆپ چوڭ ۋە ئۆلچەملىككە قارىغاندا كىچىك بولغان گۈللەر بولىدۇ. قەلەمپۇر يېتىشتۈرگۈچىلەر بازار ئېھتىياجىغا كۆرە تۈرلەرنى تاللايدۇ. غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى پۈركۈلگەن، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۆلچەملىك تۈرلەرنى ياخىشى كۆرىدۇ. لوڭقىلىرىمىزدا قەلەمپۇر چېچەكلىرى، ئاشخانىلىرىمىزدا قەلەمپۇر دورا دەرمىكى كەم بولمىسۇن.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 9281 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-28