ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر >

ئەركىن ئابدۇللا



ئەركىن ئابدۇللا



   

ئەركىن ئابدۇللائەركىن ئابدۇللا


    ئەركىن ئابدۇللا شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئەركىننىڭ مۇزىكا ئۇسلۇبى كۆپ خىل مۇزىكا ئېلمىنتىنى بىرلەشتۇرگەن بولۇپ، ئۆزىگە خاس گىتتار ئاۋازى، مىللىي ۋە زامانىۋى ئۇسلۇب قوشۇلۇپ، ئەنئەنە بىلەن مودا بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ مۇزىكىسى پەيدىنپەي چىگرا ئاتلاپ كۆپ مەنبەلىك مۇزىكا شەكىللەندۈردى. 2002–يىلى ئەركىننىڭ تارقاتقان بىرىنچى توپلىمى«قۇملۇقتىكى دولاندىن چىقىش» بىلەن «ئوردا خېنىم» ئايرىم-ئايرىم نەننىڭ خەلىقارالىق خەلىق ناخشىسى سەنئەت پروگراممىسىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇزىكا توپلىمى مۇكاپاتى» ، «ئەڭ مۇنەۋۋەر خەلق ناخشىسىنى قايتىدىن تۈزۈش مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. 2003-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى مەملىكەتلىك ناخشىلىق مۇزىكا مۇسابىقىسىدە ئەركىن ئاممىباب گۇرۇپپىسى «بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتى» غا ئېرشىشكە مۇيەسسەر بولدى، ئەسلى ئىجادىيىتى«ئۇيغۇر قىزى» نەننىڭ خەلىقارالىق خەلىق ناخشىسى سەنئەت پروگراممىسىدا «ئون مۇنەۋۋەر ناخشا مۇكاپاتى» غا، ئەسلى ئىجادىيىتى«مەن ئۆلەي» شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالتىنچى قېتىملىق ئاسىيا مۇزىكا پروگراممىسىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

ئەركىن ئابدۇللائەركىن ئابدۇللا



     2004–يىلى ئەركىن 2-توپلىمى «مىڭ بىر كېچە» نى چىقاردى. «ئەركىن مۇزىكا ئەسەرلىرى توپلىمى»نى نەشىر قىلدى. شىنجاڭ سەييارە نەق مەيدان كونسېرتى ئۇيۇشتۇرۇپ، «شىنجاڭ قەشقەر ياشلار ئوبراز ئەلچىسى »بولدى. 2005–يىلى ئەركىن ئۈچىنچى توپلىمى«شەھەر كىچىسى» نى تارقاتتى. «قېرىنداشلار»، «تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى» دېگەن كىنو فىلىملىرى ۋە«بىپايان تەڭرى تېغى» دېگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ئاساسلىق ناخشىلىرنى ئېيتتى.

   

     2006-يىلى ئەركىن تۆتىنچى توپلىمى «دۆڭكۆۋرۈك ھەققىدە پاراڭ » نى ئېلان قىلدى. ئەسلى ئىجادىيىتى «نېمە بولدى» شىنجاڭ قۇربان ھېيىت سەنئەت كېچىلىكىدە «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسلى ئىجادىيەت مۇزىكا-ئەسەر مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. 2007-يىلى ئەركىن بەشىنچى توپلىمى« بلوگ » ئېلان قىلدى. ئەسلى ئىجادىيىتى قەشقەر  شىنجاڭ ئاپتونۇم رايۇنلۇق «1-دەرىجىلىك مۇكاپات» قا ئېرىشتى. 2008-يىلى ئەركىن ئالتىنچى توپلىمى «مىڭ ئۆي » ئېلان قىلىندى.


     

ئەركىن ئابدۇللائەركىن ئابدۇللا


     2005-2007-يىللىق جۇڭگو «تولغانما ئۇسسۇل تۈرىدىكى ئەر ئارتىس مۇكاپاتى» نىڭ ئالتۇن پىلاستىنكىسىغا ئېرىشتى. كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر » نىڭ ئاساسلىق مۇزىكىسىنى ، « رەڭدار قەشقەر » ئۆسمۈرلەر سەنئەت ئەترىتىنىڭ باش تەپتىشلىكىنى ئۈستىگە ئالدى.«ئانا»، «نائىلاج» قاتارلىق ئىككى ناخشىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا« شىنجاڭ ئەسلى كەڭ تارقالغان مۇزىكا  مۇسابىقىسى» دە ئالتۇن مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 
كۆپ قېتىملىق زىيارەتكە چىقىش ئەھۋالى: ئارگېنتىنا، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئىسپانىيە، دۇبەي، قازاقىستان، ياپونىيە،كورىيە، فىلىپپىن، سىنگاپور؛

ئەركىن ئابدۇللائەركىن ئابدۇللا


     2010-يىلى مەركىزى مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇردى. بىر ئۇيغۇر مۇزىكاشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەركىن ئىجادىيىتىدە ئىزچىل ئەنئەنىۋى مۇزىكا مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر قەدىمي دولان مۇقاملىرىدىن يېتەرلىك جەۋھەر ئېلىپ،« تەڭرىتاغ بۈركۈتى »، « مىڭ ئۆي» قاتارلىق جۇڭگو ۋە ياۋروپا بىرلەشمىسى، قەدىمكىنى بۈگۈن  ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىكى مۇنەۋۋەر ناخشىنى ئىجاد قىلدى، يەنە «رەڭدار قەشقەر» ئۆسمۈرلەر سەنئەت ئەترىتىنىڭ باش تەپتىشلىكىنى ئۈستىگە ئالدى، پامىر ئېگىزلىكىدىكى نوپۇس بىر قەدەر ئاز بولغان مىللىي بالىلار قوشىقىنى رەتلەش، ياساش، قايتىدىن تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولدى ھەمدە سەھنىدە كۆرسىتىپ، مىللىي مەدىنىيەتنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىشىغا مەلۇم مىقداردا بايلىق ياراتتى.

  







مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 515 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-23