ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ



ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ    




ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ    ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ


   ئىسمى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1984-يىلى11-ئاينىڭ 11-كۈنى

 يۇرتى: خوتەن ۋىلايىتى 

ئوقۇش تارىخى: 

2002-يىلى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە ئۇرۇمچى شەھەرلىك ئويۇن قويۇش شىركىتىدە ئۇسسۇل كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان.

2003-يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇغان ھەمدە كىيىن ئوقۇشتىن چىكىنگەن.

2006-يىلى 3-ئايدا ۋاقىتلىق خىزمەتتىن توختاشنى تەلەپ قىلغان.

2007-يىلى 3-ئايدىن 2009-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى چوڭلار مەخسۇس كۇرسىنىڭ مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇغان.

2007-يىلى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسى ئۆتكۈزگەن ناۋا پىروگىراممىسدا ئەكبەر ئىسلام ئېيتقان «سۆيگۈ ئىزھارى»ناملىق  ناخشىنىڭ تېكىستىنى يازغان.

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ    ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ



   2008-يىلى 10-ئايدا ناخشىچى مەۋلان مەمتىمىننى رەسمىي ھالدا ئۇستاز تۇتۇپ، زامان سىتودىيىسىنىڭ  ئەزاسىغا ئايلانغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ناخشىچى مەۋلان مەمتىمىن ئابلاجاننىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۇچۇن يېڭى سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن.

2008-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئاتاقلىق ئۇسۇلچىسى ئامانگۈل سىدىقنىڭ «شەبنەم ناخشا كىچىلىگى»دە ئورۇنلىغان «كەل يېنىمغا» ناملىق ناخشىسىنىڭ تېكىستىنى يېزىپ بەرگەن.

2008-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسى ئۆتكۈزگەن ناۋا پىروگراممىسدا گۈلمىرە تۇرغۇن ئورۇنلىغان «ئوينا شادىمان» ناملىق ناخشىنىڭ تېكىستىنى يېزىپ بەرگەن.

2008-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسىنىڭ«داپ» ناملىق رادىئو دىراممىسىنىڭ «بۇ ھايات» ناملىق ناخشىسىنى يازغان.

2009-يىلى 4-ئايدا ناخشىچى مەۋلان مەمتىمىن «ئۇرۇمچى تېلىۋىزىيە ئستانسسى ياشلار سەنئەت كېچىلىكى»دە ئابلاجان ئىجادىيىتىدىكى«بۇ ھايات»ناملىق ناخشىنى ئورۇنلىغان.

2009-يىلى 5-ئايدا ئۆزى تېكىست يېزىپ ئۆزى  مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن «تاققا-تۇققا»ناملىق بالىلار ناخشىسىنى ھەر قايسى تور مۇزىكا مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان.

2009-يىلى7-ئايدا ناخشىچى مەۋلان مەمتىمىن «ئۇرۇمچى تېلىۋىزىيە ئستانسسى جۇلا سەنئەت كېچىلىكى» دە ئابلاجان ئىجادىيىتىدىكى«ئۆزۈڭ كىم »ناملىق ناخشىنى ئورۇنلىغان.

2009-يىلى 10-ئايدا ئابلاجاننىڭ «تاققا-تۇققا»ناملىق بالىلار ناخشىسى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسى ئۆتكۈزگەن «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ  60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇكاپاتلىق ناخشا پائالىيتى»دە 3-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

       

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ    ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ


    2010-يىلى1-ئايدا ئابلاجان تۇنجى قېتىم شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسى 2-يۇرۇش قانىلى«مەشرەپ كىچىلىكى»دە ئۆزىنىڭ كىچىك ھەمراھى لۇتپۇللا بىلەن بىرلىكتە ئىجادىي ناخشىسى« مەشرەپ ناۋاسى» نى ئورونلىغان.

2010-يىلى 4-ئايدا ناخشىچى مەۋلان مەمتىمىن «دىل كۈيى چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى»دە ئابلاجان ئىجادىيىتىدىكى«سەنسىز »ناملىق ناخشىنى ئورۇنلىغان.

2010-يىلى6-ئايدا ئابلاجان يەنە بىر قېتىم شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسى2-يۇرۇش قانىلى«مەشرەپ كىچىلىكى»دە ئۆزىنىڭ كىچىك ھەمراھىلىرى ئەقىدە،دىلارەقاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە « تاققا-تۇققا»ناملىق ناخشىسىنى ئورونلىغان.

2008-يىلى 8-ئاينىڭ24-كۈنى «ئەركىن سىتودىيىسى»گە قاتناشقان،دىل كۈيى ئۈن-سىن مەركىزى ۋە ئۇرۇمچى تېلىۋىزىيە ئستانسسى بىرلىشىپ ئۆتكۇزگەن «دىل كۈيى چوڭ تىپتىكى سەنئەت كىچىلىكى»دە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىجادىي ناخشىلىرىدىن «سۆيگۈ ئىقرارى»ۋە«ئوماق جانانىم»نى ئورۇنلىغان.

2010-يىلى 8-ئايدا «ئەركىن سىتودىيىسى»،دىل كۈيى ئۈن-سىن مەركىزى ۋە ئۇرۇمچى تېلىۋىزىيە ئستانسسى بىرلىشىپ ئۆتكۇزگەن «دىل كۈيى چوڭ تىپتىكى سەنئەت كىچىلىكى»دە فىردوس تۇرغۇن ئورۇنلىغان«كۆيدۇرەلەمسەن» ناملىق ناخشىنىڭ تېكىستىنى يېزىپ بەرگەن.

2010-يىلى9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئابلاجان يەنە بىر قېتىم ئۇرۇمچى تېلىۋىزىيە ئستانسسى2-يۇرۇش قانىلى«روزى ھېيىت سەنئەت كىچىلىكى »دە« ئوماق جانانىم»ناملىق ناخشىسىنى ئورونلىغان.

2010-يىلى11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئابلاجان شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن«قۇربان ھېيىت سەنئەت كىچىلىكى »دە« ئوينايدىغان تالا بارمۇ»ناملىق ناخشىسىنى ئورونلىغان.

2010-يىلى11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئابلاجان شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسى 5-يۇرۇش قانىلى «تەلەي يۇلتۇزى»پىروگىراممىسىغا قاتناشقان.

2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ ئاپىرىن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن« زىرەك»ماركىلق مىۋە ئۇيۇتمىسىنىڭ ئېلانىغا چىققان.

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى مەركىزى رادىئو  ئستانسسى «ئۈزۈلمەس مىلودىيە»پىروگىراممىسىنىڭ تېلفۇن زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

2010-يىلى 12-ئايىنىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسىنىڭ  تەكلىپى بىلەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسى بالىلار 12-يۇرۇش قانىلى «قار لەيلىسى»پىروگىراممىسىغا باھالىغۇچى سۇپىتىدە قاتناشقان.

2011-يىلى1-ئايىنىڭ 21-كۈنى ئابلاجان  شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسى 2-يۇرۇش قانىلى «سەنئەت گۈلزارى»پىروگىراممىسىنىڭ« 2010-يىللىق قۇربان ھېيىت سەنئەت كىچىلىكى »دىكى ئۆزىنىڭ  ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسىرى « ئوينايدىغان تالا بارمۇ»توغرىسىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.




ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ


    2011-يىلى2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇرۇمچى تېلىۋىزىيە ئستانسسى 2-يۇرۇش قانىلى بالىلار پىروگىراممىسىدا ئۆزىنىڭ كىچىك ھەمراھىلىرى بىلەن بىرلىكتە زىيارەتنى قوبۇل قىلغان.

2011-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسى 101.7قانىلى سەنئەت پىروگىراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى مەكتەپ تېلىۋىزىيە پىروگىراممىسىنىڭ يالغۇز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

2011- يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى قوغداش مەركىزىنىڭ تەكلىپى بىلەن «بالىلاربايرىمىلىق سەنئەت پائالىيىتى»گە قاتناشقان.

2011- يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى يۇلغۇن سىتۇدىيىسى ئۆتكۈزگەن «جۇلا سەنئەت كىچىلىكى»گە قاتناشقان ھەمدە «ھەرىكەتلەن»ناملىق ناخشىسىنى ئورۇنلىغان.

2011-يىلى5-ئاينىڭ27-كۈنى ئابلاجان  شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسى2-يۇرۇش قانىلى«مەشرەپ كىچىلىكى»دە يىڭى ئىجادىي ناخشىسى« تاشلاپ ئوينايلى»نى ئورونلىغان.

2011-يىلى 5-ئاينىڭ29-كۈنى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى 107.4قانىلى «ئەتتىرگۈل» پىروگىراممىسىنىڭ يالغۇز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

2011-يىلى6-ئايدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسىنىڭ  تەكلىپى بىلەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسى بالىلار 12-يۇرۇش قانىلى يىڭىدىن يولغا قويغان«قار لەيلىسى بالىلارمەشرىپى»پىروگىراممىسىنىڭ تۇنجى سانىغا قاتناشقان ھەمدە كىچىك چولپانلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك ناخشىسى«مەشرەپ ناۋاسى»نى ئورۇنلىغان،شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «مەشرەپ ناۋاسى» بۇ پىروگىراممىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىغا ئايلانغان.

2011-يىلى1-ئايدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن  شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسى 5-يۇرۇش قانىلى «تەڭرىتاغ كۇيلىرى»پىروگىراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

2011-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ ئارمان سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن  ئارمان سودا چەكلىك شىركىتى مالايسىيا« مارري بىرون »زەنجىرسىمان تاماقخانىسى ئېلانىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئورۇنلىغان.

       

 ئابلاجاننىڭ «باشلامدۇق» ناملىق تۇنجى پىلاستىنكىسى ئابلاجاننىڭ «باشلامدۇق» ناملىق تۇنجى پىلاستىنكىسى


    2011-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشىرىياتى ئابلاجاننىڭ
 تۇنجى پىلاستىنكىسى «باشلامدۇق»نى نەشىر قىلدى.

2011-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن  شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسى 2-يۇرۇش قانىلى «سەنئەت گۈلزارى» پىروگىراممىسىنىڭ يالغۇز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى  شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسى ۋە شىنجاڭ ئارمان سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسى بالىلار 12-يۇرۇش قانىلى «قار لەيلىسى بالىلار مەشرىپى»پىروگىراممىسىغا قاتناشقان ھەمدە  ئۆزىنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك ناخشىسى«مەشرەپ ناۋاسى»نىڭ ئېنگىلىزچە نۇسخىسىنى گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلىغان. 

2011-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن «2011-يىللىق قۇربان ھېيىت سەنئەت كىچىلىكى » دە « ئوغۇل بالا»ناملىق ناخشىسىنى ئورونلىغان.

2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى ھەمكارلاشقۇچىلىرى ۋە قوللىغۇچىللىرى بىلەن «ئابلاجان موزىكا مۇكاپاتى » تارقىتىش مۇراسىمىنى ئۆتكۇزۇشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېلەت تاشلاش باشلىنىپ 12-ئاينىڭ 7-كۈنى غەلبىلىك ھالدا تۇنجى نۆۋەتلىك «ئابلاجان مۇزىكا مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى ئوتكۇزۇلدى.

2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن «2012-يىلى يېڭى يىللىق سەنئەت كىچىلىكى » دە ھەمكارلاشقۇچىسى فىردەۋىس تۇرغۇن بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىجادىيىتى بولغان « ئوغۇل-قىزلار» ناملىق ناخشىسىنى ئورونلىغان.

2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى سەنئەتكارلار بىلەن بىرلىكتە شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 16 شەھەر-ناھىيىگە بېرىپ ئويۇن قويدى، بۇ ئويۇن ھازىر ۋاقىتلىق توختىتىلغان بولۇپ بۇ يىل 4-ئايدا داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىقتىساد گېزىتى‹خەنزۇچە نۇسخىسى›نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە مۇشۇ گېزىتنىڭ 25-چىسلادىكى سانىغا بېسىلىدى.

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17،18-كۈنى ئاتاقلىق شائىر، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رىژىسسور «مۇختەر بۇغرا ئىجادىيەت سەنئەت كىچىلىكى » گە قاتناشقان ھەمدە مۇختەر بۇغرا سۆزىنى يازغان «ئەتلەس كۆينەك»«قار مەلىكە»«ماشىنا ئادەم»قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنلىغان.

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى  شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئوپېرا ئۆمىكى ۋە نۇرلان شىركىتى بىرلىشىپ ئۆتكۇزگەن «2012-يىللىق نەۋرۇز  سەنئەت كىچىلىكى»دە ئۆزىنىڭ كىچىك ھەمراھى ئوماق شىرىنئاي بىلەن بىرلىكتە يېڭى بالىلار ناخشىسى «ئاپتاپ چىق»نى ئورۇنلىغان.

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ قارلۇق مىدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئامېرىكا ئالما شىركىتى ھۆكۈمەت تورىدا ئۆزلىرى ياسىغان«ئۇيغۇر تىلى ئېلىببەسى»يۇمشاق دىتالىنى«Apple Store» ئېلان قىلدى، ئابلاجان تەكلىپكە بىنائەن بۇ يۇمشاق دېتالغا بىر ناخشا يېزىپ، بۇ يۇمشاق دىېتالنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئابلاجانمۇ ھەمكارلاشقۇچىلىرى شىرىنگۈل مەتسالى ۋە شىرىنئاي مىرادىللار بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلىغان « ئۇيغۇر تىلى ئېلىببەسى»ناخشىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ« مىھرىبان ئاتىلار» بىرلەشمىسىگە ئەزا بولدى.

2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى تەكلىپكە بىنائەن ئۇرۇمچى رادىئو ئستانسسىنىڭ نەخ مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

2012-يىلى 5-ئاينىڭ12-كۈنى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى 107.4قانىلى « شادلىق مىنۇتلىرى » پىروگىراممىسىنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىدىغان  زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە نۇمۇر ئورۇنلىغان.

2012-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇرۇمچى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپكە بىنائەن نەق مەيدان كۆڭۇل ئېچىش پىروگىراممىسىغا قاتناشقان .

2012-يىلى 6-ئاينىڭ1-كۈنى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى 107.4قانىلى «شادلىق مىنۇتلىرى  » پىروگىراممىسىنىڭ«بىرىنچى ئىيول بالىلار بايرىمىلىق ئالاھىدە پىروگىراممىسى»نىڭ نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىدىغان زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە نۇمۇر ئورۇنلىغان.

2012-يىلى6-ئايدا11-كۈنى ئۇرۇمچى تىلىۋىزىيە ئستانسسىنىڭ تەكلىپىكە بىنائەن تۇرپان ۋىلايەتلىك پىچان ناھىيىسى لەمجىن كەنتىدە ئۆتكۇزۇلگەن «بىرىنچى ئىيول بالىلار بايرىمىلىق ئالاھىدە پىروگىراممىسى»گە قاتناشقان ھەمدە نۇمۇر ئورۇنلىغان.

2012-يىلى6-ئايدا14-كۈنى«دەۋىر كۇلۇبى» كۆڭۈل ئېچىش پىروگىراممىسىنىڭ تەكلىپىكە بىنائەن «دەۋىر كۇلۇبى» پىروگىراممىسىغا قاتناشقان.  

2012-يىلى6-ئايدا16-كۈنى ئۇرۇمچى سابا تىل تەربىيلەش مەكتىپىنىڭ تەكلىپىكە بىنائەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسى بىلەن سابا تىل تەربىيلەش مەكتىپى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن«سابا مەشرىپى »گە قاتناشقان.  

2012-يىلى 7-ئاينىڭ20-كۈنى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى 101.7قانىلى «ياشلىق مىلودىيىسى  » پىروگىراممىسىنىڭ نەخ مەيدان  زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

 ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ


    2012-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئابلاجان ۋەكىل خارەكتىرلىك ئىجادىيىتى «مەشرەپ ناۋاسى »نىڭ خەنزۇچە نۇسخسى بىلەن «2012-يىللىق مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر ناخشا ئېىيتىش مۇسابىقىسى »گە قاتناشقان ھەمدە كۈمۈش مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2012-يىلى9-ئايدا1-كۈنى ئۇرۇمچى تىلىۋىزىيە ئستانسسى «ئۇمىد چىچەكلىرى » پىروگىراممىسىنىڭ  زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

 2012-يىلى10-ئايدا22-كۈنى يەنە بىر قىتىم شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسىنىڭ تەكلىپىكە بىنائەن « كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىغا قاتناشقان.

 2012-يىلى 10-ئاينىڭ25-كۈنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن «2012-يىللىق قۇربان ھېيىت سەنئەت كىچىلىكى »دە« مەكتەپ گۈزىلى»ناملىق ناخشىسىنى ئورونلىغان.

 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۇنى ئۆزىنىڭ "ئاپتاپ چىق" ناملىق  ناخشىسىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى سىنغا ئالدى.

2012-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۇنى تەكلىپكە بىنائەن شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسسى "تەلەي يۇلتۇزى"پىروگىراممىسىغا قاتناشتى ھەمدە نومۇر ئورۇنلىدى.

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تەكلىپكە بىنائەن شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسسى 2-يۇرۇش قانىلى "يېڭى يىللىق ئەسىر ھالقىش سەنئەت كىچىلىكى"گە قاتناشقان ھەمدە كىچىك ھەمراھى شىرىنئاي مىرادىل بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلىغان يېڭى ناخشىسى "يېڭى يىل" نى ئېلان قىلغان.

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە تەكلىپكە بىنائەن شىنجاڭ دولان ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى ئورۇنلاشتۇرغان "زامان مەدەنىيەت-سەنئەت كىچىلىكى"گە قاتناشقان ھەمدە "تەتىل"، " گۇمان ۋە ئارمان"ناملىق ئىككى يېڭى ناخشىسىنى چىقارغان. بۇلارنى بىرلىكتە ئورۇنلىغان بالا چولپانلار كىبارە ئەنىۋەر، فىردوس؛ تۇرغۇن ۋە شىرىنگۇل مەتسالى.

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى تەكلىپكە بىنائەن شىنجاڭ دولان ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى ۋە كېرىم سىتودىيەسى بىرلىشىپ ئوتكۈزگەن "سەھنەم بالىلار سەنئەت كىچىلىكى"دە نۇمۇر ئورۇنلىغان.

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە ئوتكۇزۇلگەن "2013-يىللىق ياش چولپانلار پۇتۇن شىنجاڭنى ئايلىنىپ سەييارە ئويۇن قويۇش كىچىلىكى"گە قاتنىشىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 20 دىن ئارتۇق شەھەر،ناھىيىدە ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان.


        


                                                                  





مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 67

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 3336 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 8قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-23