شۆھرەت مۇتەللىپ



شۆھرەت مۇتەللىپ

   


     

شۆھرەت مۇتەللىپشۆھرەت مۇتەللىپ


      ئىسمى: شۆھرەت مۇتەللىپ (شوكرات مىتالىپوۋ)

      ئىنگلىزچە: Shoukhrat Mitalipov  

      1961-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1989-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە موسكىۋا تىببىي ئىرسىيەت ئىلىمى تەتقىقات مەركىزىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇپ، ئىرسىيەتشۇناسلىق يۆنىلىشى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە موسكىۋا تىببىي ئىرسىيەت ئىلىمى تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە ئامېرىكا ئۇتا ئۇنىۋېرسىتېتى ھايۋانات، مال دوختۇرلۇق ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى بۆلۈمىدە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

     1998-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ئورىگون شىتاتى ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورىگون شىتاتى دۆلەتلىك پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلار يادرو كۆچۈرۈش ۋە غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن.

     

شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىشۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى


      2007-يىلىدىن ھازىرغىچە ئامېرىكا ئورىگون شىتاتى ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورىگون شىتاتى دۆلەتلىك پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلار يادرو كۆچۈرۈش ۋە غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىدە مۇئاۋىن مۇدىر، تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى، تۆرەلمە غول ھۈجەيرە (ئەس ەلل) قاتارلىق تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. غول ھۈجەيرە: توقۇلما ۋە ئىچكى ئورگانلارغا تەرەققىي قىلىش ئالدىدىكى دەسلەپكى ھۈجەيرىدۇر. يەنى بىر تال ھۈجەيرە نۇرغۇن ھۈجەيرىگە كۆپىيىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كەتمەي ئەسلىدىكى ماھىيىتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ھۈجەيرىدىن ئىبارەت. تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى: ھەرقانداق توقۇلمىغىمۇ تەرەققىي قىلالايدىغان، كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇرۇق قوبۇل قىلغان تۇخۇمدا پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەس ھۈجەيرە ھەر خىل ھۈجەيرىگە تەرەققىي قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئىچكى ئەزالار ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىلىپ، تەتقىقاتلار ئىشلەنمەكتە. لېكىن كلىنىكىدا رەسمى ئىشلىتىشكە تېخى ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

      ئۇنىڭ تەھرىردىن ئۆتكەن (خەلقئارادا ياكى ئامېرىكىدىكى يىغىنلاردا ئوقۇغان ماقالىسىدىن سىرت) ماقالىسى 26 پارچە، 4 پارچە كىتاب يازغان. بىر پاتېنتى بار. ھازىر 6 تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەۋاتىدۇ. 3 تەتقىقاتقا ئىلتىماس قىلىپ قويۇقلۇق. بىر تەتقىقاتنى ئىشلەپ پۈتتۈرگەن. دوكتور شوئۇكھرات مىتالىپوۋ ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.ئۇنىڭ ئايالى گۈلنۇر ناسىروۋامۇ ئالمۇتىلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ لىندا ۋە نەرگىز ئىسىملىك ئىككى قىزى ۋە پائۇل ئىسىملىك بىر ئوغلى بار. بىز ئالىمىمىز شوئۇكھرات مىتالىپوۋنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.

     

 شۆھرەت مۇتەللىپ شۆھرەت مۇتەللىپ

 

      ئامېرىكىلىق ئالىم، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان تۆرەلمە غول ھۈجەيرە ئىلىمىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھۆجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مايمۇن تۆرەلمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىلونلاپ چىققان. بۇ ئالىملارنىڭ تۇنجى قېتىم پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلارنىڭ تۆرەلمىسىنى كىلونلاپ چىقىشىدۇر. (ئەنگىلىيە «تەبىئەت ژۇرنىلى» 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى).

      كورىيە ئالىمى خۇاڭ يۈشى ئىلگىرى ئىنسانلار تۆرەلمىسى تەتقىقاتىدا ساختىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش، كەسىپداشلىرىنىڭ باھالاش پىكىرىدىن باشقا يەنە ئەنگلىيە «تەبىئەت» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ئاۋىسترالىيە مۇناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىمى دېۋىد.كىلام ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن گۇرۇپپا تەشكىللەپ، شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى تەكشۈرگەن. ئۇلار ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن تەجرىبە ئىشلەپ تۆرەلمىنى يېتىشتۈرۈپ ئىسپاتلاپ چىققان.

       چاشقاندىن پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانات-مايمۇننى كىلونلاپ چىقىش، بۇ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بۆسۈش بولۇپ، ئامېرىكا ھۈجەيرە يۇقىرى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىم لوبېرت يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ. «پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلارنى كىلونلاش چىقىش، ئىنتايىن چوڭ توسالغۇدىن بۆسۈپ ئۆتكەن بىلەن باراۋەر».

       تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى «ئۇنىۋېرسال ھۈجەيرە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ھەرقانداق تۈزۈلۈشتىكى ھۈجەيرىلەرنى پارچىلىيالايدىغان بولغاچقا، تىببىي ساھەدە ئىنتايىن زور قوللىنىشچانلىققا ئىگە. «تەبىئەت» ژۇرنىلى باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئالىملارنىڭ پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلارنى كىلونلاپ غول ھۈجەيرىسىنى ئايرىپ چىقىشى، داۋالاش تۈرىدىكى كىلونلاش تېخنىكىسىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى.

 



مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 35

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 2424 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-09