يالقۇن ئوسمان



يالقۇن ئوسمان

                                

     

يالقۇن ئوسمانيالقۇن ئوسمان

     يېزا-كەنت مەكتەپ پىدائىيلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلامچىسى، پىلانلىغۇچسى، تەشكىللىگۈچسى. 2007-يىلى 11-ئايدا دوستىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ماشىنا ھەيدەپ باينىغۇلۇم ئوبلاستى خىجىڭ ناھىيسى چاغانتۇڭ قەدىمى يېزىسىغا بېرىپ ياردەمگە ئېرىشكەن يېزا-كەنت مەكتىپىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتە بولىدۇ ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ جامائەت مەنپەئەتى ئىشىلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، مېھرىبانلىق سەپىرىگە قەدەم ئالىدۇ

      يالقۇن ئوسمان 1964-يىلى 2-ئاينڭ 8 كۈنى بىر ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1984-يىلى7-ئايدا شاڭخەي تاموژنا مەخسۇس كۇرس مەكتپىنى پۈتتۈرگەن. 1984-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە ئۈرۈمچى تاموژنىسىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ئۇ ئۈرۈمچى تاموژنا تەكشۈرۈش ئورنىنڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، 1-دەرىجىلىك تاموژنا نازارەتچىسى، شىنجاڭ پىدائىيلاربىرلەشمىسىنڭ كېڭەش ئەزاسى.

يالقۇن ئوسمان يالقۇن ئوسمان

      2008-يىلى 1-ئايدا يالقۇن ئوسمان ئۆز قولى بىلەن يېزا پىدائىيلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. دەسلەپىدە ئاساسلىق تونۇشلار توپىدىن ئەزالارنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ ئىزدەيدۇ. 2008-يىلى 8-ئايدىن،2009-يىلى 8-ئايغىچە ئۇنىڭ زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلشى، پائال پىلانلىشى ھەمدە بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىلىق خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە يېزىقىدىكى تور بېكەتلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىدۇ، شۇ ئارقىلىق يېزا-كەنت مەكتەپ پىدائىيلىرىنڭ جامائەت مەنپەئىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيىسى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مەقسەت ۋە نىشانى بىر بولغان كۈچلەرنى بۇ ئەترەتكە يىغىپ، تېخىمۇ كۆپ مېھرلىك شىركەت ۋە ئورگانلار ھەمدە سېخى كىشىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، يېزا مەكتەپ پىدائىيلارنىڭ ئىشلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان باھارنى كۇتىۋالدى. يېزا-كەنت مەكتەپ پىدائىي ئەزالىرى بىر-ئىككى ئادەمدىن كۆپىيىپ غوللۇق 50 دىن كۆپرەك ئەزاسى بولغان ئەترەتكە كېڭەيدى. يەنە يۈزلىگەن ئادەم قۇشۇلۇش ئىپادىسىنى بىلدۈردى.

يالقۇن ئوسمان يېزىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە يالقۇن ئوسمان يېزىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە

   يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان، يېزا-كەنت مەكتەپ پىدائىيلارغا ئالاقىدار بارلىق پائالىيەتلەردە، يالقۇن ئوسمان ھەمىشە مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا ئۆزۈمنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم دەپ قاراپ، باشتىن-ئاخىرى ئاساسى مەزمۇننى تەشكىللىگۈچىلىك ۋە كۆرسەتكۈچىلىك بولغان مۇھىم رولچىسى بولۇپ كەلدى. مەيلى يىڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلىشتا، ياكى قوللىغۇچى ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشىشتا بولسۇن، مەيلى تەكشۈرۈشتە بولسۇن، ياردەمگە ئېرىشىدىغان مەكتەپلەرنى تۇنۇشتۇرۇشتا بولسۇن ۋە ياكى كونكرىتنىي ھالدا ھەر بىر پىدائىيلار پائالىيىتىنىڭ كۆپلىگەن ھالقىلىرىدا بولسۇن، شۈھبىسىزكى ئۇ پۈتۈن زېھنىي بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىدى.

يالقۇن ئوسمان سەبىي ئوقۇغۇچىلارغا كومپىيۇتېرنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلىمەكتەيالقۇن ئوسمان سەبىي ئوقۇغۇچىلارغا كومپىيۇتېرنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلىمەكتە




   يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يەرلىك، ئوبلاست، شەھەر قاتارلىق 6 ئورۇنلارنىڭ قىسمەن يېزا-كەنت ۋە مەكتەپلەر ئۈچۈن، بىر مىليون مەبلەغ يىغدى، ئالدى-كەينى بولۇپ 34 كەنت مەكتەپلىرىگە 380 دانە كومپىيۇتېر، 140 يۈرۈش كومپىيۇتېر ئۈستىلى ئىئانە قىلدى، 5000 دىن كۆپرەك ئۇقۇغۇچىغا ئېتىبار قىلدى، 4 كەنت دەرىجىلىك مەدىنىيەت ئىشخانىسىغا 5 دانە تېلۋىزور، 14 كومپىيۇتېر، 3 دانە DVD ئاپىراتى ئىئانە قىلدى. «چىقىپ كېتىش، ئىچىگە كىرىش » ئۇسۇلى بىلەن ئالدى-كەينى بولۇپ يېزا-كەنت مەكتەپلىرى ئۈچۈن تەربىيلىگەن ئۇقۇتقۇچى 132 ئادەمگە يەتتى.

يالقۇن ئوسمانيالقۇن ئوسمان

    يالقۇن ئوسمان باشلامچىلىق بىلەن كونا-كېرەكسىز كومپيۇتېرلارنى قايتا تەكرار پايدىلنىپ مۇھىت ئاسرايدىغان ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئەمىلىيەتتە ئشقا ئاشۇردى. ئۇ ھەم بىرىنجى بولۇپ يېزا-كەنت مەكتپىنى يېشىللاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرشنى پىدائىيلار مۇلازىمەت مەزمۇنىنڭ دائىرىسىگە ئەكىرىشنى تۇنجى بولۇپ تەشەببۇس قىلغۇچى ھەمدە ئەمىليلەشتۇرگۈچى. ئۇ جوۋ شۇئەن خانىم ھەدىيە قىلغان چاغانتۇڭ قەدىمىي يېزىسىنىڭ مەكتەپ بىناسىنى رېمونت قىلىش ۋە قۇدۇق قېزىش قۇرلۇشىنىڭ سۈپتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئالايىتەن دەم ئېلىش كۇنلىرىنى ئۈرۈمچى بىلەن خىجىڭ ناھىيسى چاغانتۇڭ قەدىمى يېزىسىغا بېرىپ كېلىشتە ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، سەمىمىي مۇھەببىتى بىلەن ۋەدىسىنى ئادا قىلىدۇ.

    


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1064 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-22