تاشپولات تېيىپ



تاشپولات تېيىپ


      

تاشپولات تېيىپتاشپولات تېيىپ

تاشپولات تېيىپ، شىنجاڭ غۇلجىدىن، 1958-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان. 1976-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983-يىلى 5-ئايدا پارتىيىلىككە كىرگەن. ياپونىيە توكيو تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى يەر شارى ئىلمى يىراقتىن تەكشۈرۈپ پەرق ئېتىش كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، تېخنىكا باكلاۋرى، پروفېسسور، دوكتور ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، گوۋۇيۇەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمان بولىدىغان مۇتەخەسسىس، مائارىپ مىنىستىرلىقى پەن-تېخنىكا كومىتېتى بايلىق-مۇھىت ئىلىم يۇرتى ئەزاسى، شىنجاڭ جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، بوستانلىق ئېكولوگىيىسى يېڭلىق يارىتىش كوللېكتىۋىنىڭ مەسئۇل خادىمى، ئېكولوگىيە پەنلىرى (ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق پەن) ۋە جۇغراپىيە پەنلىرىنىڭ ئىلىم يېتەكچىسى، ئاپتونوم رايونىمىزغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس. فرانسىيە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي دوكتور، ياپونىيە ھەربىي-ئوففىستىرلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان پروفېسسور. 1993-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرىلىقىغا تەيىنلەنگەن، 1996-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 
پارتكوم دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 2012-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

     

      2000-يىلدىن بۇيان، ئالدى-كەينى بولۇپ 973 دۆلەتلىك (تەتقىقات) تۈرى، 15دۆلەتلىك تەبىئىي پەن فوند تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان، پەن- تەتقىقات خىراجىتى 5 مىليونغا يەتكەن. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا يادرولۇق 150 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ژۇرنىلى ئېلان قىلىندى. 2002-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر غوللۇق ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 7-نۆۋەتلىك تەبىئىي پەنلىرى نادىر ئىلمىي ماقالىسى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2004-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 6–نۆۋەتلىك جەمىئىيەتشۇناسلىق نەتىجىلىرى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، مەملىكەت بويىچە ئەنگۈشتەر ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2008-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا ئىلگىرىلەش بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2009-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مۇنەۋۋەر ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن زات دىگەن نامغا ئېرىشتى.







مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 7

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 869 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-22