رەيھان بەكتۇر



رەيھان بەكتۇر


   

رەيھان بەكتۇررەيھان بەكتۇر

     دوكتۇر رەيھان بەكتۇر 1992- يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا شىنجاڭ بويىچە ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن چىڭخۇا ئۇنۋېرسېتىنىڭ ئېلېكتېر ئېنژىنىرلىقى (Electrical and Electronics Engineering) كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، 1998-يىلى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىدىن باكلاۋۇلۇق ئۇنۋانىغا، 2000-يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسىدىن ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا، 2005-يىلى ئامېرىكىنىڭ كلېمسۇن ئۇنۋېرسىتىدىن (Clemson University ) دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. ھازىر ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنۋرسىتىنىڭ(Utah State University) ئېلېكتېر ئىنژىنىرلىق فاكولتىتىدا ياردەمچى پروفىسسور (assistant professor ) بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئاساسلىق تەتقىقات يۆنىلىشى ھىساپلاش ئېلېكتېر ماگنىتى(computational electromagnetics)، كىچكىك تىپتىكى سۈنئى ھەمراغا ئىشلىتىدىغان ئانتىنا لاھىيلەش (antenna designs for small satellites)، سىمسىز ئالاقە ئۈچۈن مىكرودولقۇنلۇق توپلاشتۇرۇلغان توك يولى لاھىيلەش (miniaturized microwave circuits for wireless communication) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە دوكتور ۋە ئاسپرانىت ئوقۇغۇچى تەربىيلەيدۇ، فاكولتىتتا دەرس بېرىدۇ. 

     

رەيھان بەكتۇررەيھان بەكتۇر

      رەيھان بەكتۇر ئاقسۇدا تۇغۇلۇپ، 18 يېشىدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىچە شۇ يەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان. باشلانغۇچنى ئىككىنچى باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوتتۇرا مەكتەپنى 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1992-يىلى دۆلەتلىك ئىمتىھاندا خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار ئارىسىدا شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى بولۇپ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتر ئىنجېنېرلىقى كەسپىگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. دەسلەپتە بىر يىل مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىق ئوقۇپ، 1993-يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسمىي ئوقۇش ھاياتىنى باشلىغان. 1998-يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، مەكتەپ تەرىپىدىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كۆرسىتىلىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇغان. 2000-يىلى يازدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسسېرتاتسىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئامېرىكىنىڭ كلېمسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتىر ئىنجېنېرلىقى كەسپىگە دوكتور ئاسپىرانت بولۇپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، 8
-ئايدا ئامېرىكىغا كەلگەن. ئۇ كەسپىي تەتقىقات جەھەتتە ياخشى ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ، 2005-يىلى بىرىنچى ئايدا ئۇنىڭ بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئامېرىكىنىڭ كولورادو شىتاتى بۇۋىلدىر (ولورودا بوئۇلدەر) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا رادىئو تېخنكىسى ئىلمىي بىرلەشمىسى يىغىنىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. گوئوگلەدىن ئىزدىگەن ماتېرىياللاردىن مەلۇمكى، رەيھانگۈلنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خەۋىرى ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن. ئادەمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن، بولۇپمۇ نوپۇزلۇقلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىقى تەس. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تىلغا ئېلىپ پەخرلەنگۈدەك ئىش قىلالىغان بىر ئۇيغۇر قىزىدىن بىزلەرمۇ ئەلۋەتتە پەخرلىنىشىمىز كېرەك. يەنە بىر يېرى، رەيھانگۈلنىڭ يۇتا (ئۇتاھ) شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېتىگە قويۇلغان تەرجىمھالىدا ئۇ باكالاۋرلىق ئوقۇشىنى چىڭخۇادا ئوقۇپ، ماگىستېر ئاسپىرانتلىقنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئوقۇغان.

       

رەيھان بەكتۇررەيھان بەكتۇر

       رەيھانگۈل ئامېرىكىدىكى ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇشتىن سىرت يەنە مەكتەپنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان. 2003-يىلى ئۇ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار بايرىمى (International Festival)دا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى كۆرگەزمىسى ( Uyghur Fashion Show) تەييارلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. شۇ ۋاقىتتىكى رەسىم مەكتەپنىڭ كېيىنكى يىللىق تەشۋىقات ماتېرىيالىنىڭ باش بېتىگە قويۇلۇپ تارقىتىلغان. رەيھانگۈل 2005-يىلى 5-ئايدا ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملاپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن موتورولا شىركىتىگە رف ئىنجېنېرى بولۇپ تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىگەن. 2006-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ياردەمچى پروفېسسور (Assistant Professor) لۇققا تەكلىپ قىلىنغان ۋە يازدا لوگانگە كۆچۈپ كېلىپ شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ. دوكتور رەيھانگۈلنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ئاساسلىقى ئېلېكتىر ماگنىت ئىلمى (ئەلەتروماگنەتىس)، ئانتېننا (ئانتەنناس)، مىكرو دولقۇنلۇق توك يولى لايىھىلەش(مىروۋاۋە ىرۇئىت دەسىگن) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇ فاكۇلتېتتا ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ( ئەلەتروماگنەتىس)، مىكرو دولقۇن ( مىروۋاۋە) قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈۋاتىدۇ. ھازىربىر دوكتور ئاسپىرانت، بىر ماگىستېر ئاسپىرانت ئۇنىڭ تەربىيىسىدە. 2007-يىلى ئۇ يەنە بىر دوكتور ئاسپرانت قوبۇل قىلماقچى. بۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۆتۈپ قويىدىغىنىم شۇكى، ئەگەر مەكتەپنىڭ ئوقۇشقا كىرىش شەرتنى ھازىرلىغان، كەسپى توغرا كەلگەن ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىگە قىزىقىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولسا، رەيھانگۈلنىڭ بەكمۇ قوبۇل قىلغۇسى بار. بۇنى ئۇ بىر نەچچە قېتىم ئېيتقان. رەيھانگۈل يەنە ئىشتىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى، بولۇپمۇ دالا پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. تاغقا چىقىشنى، سەيلە قىلىشنى، يەنە كىلاسسىك مۇزىكا كېچىلىكلىرىگە بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېسىدە چىڭ ساقلايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ پائالىيتىگە سىڭدۈرگەن كۈچلۈك كۆز قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. مېڭە ئاكتىپ بولۇشى ئۈچۈن ئاۋال تەن ئاكتىپ بولۇشى كېرەك؛ 

2. بىر ئادەمگە ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى ئۈمىد. ئەگەر سىز ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولسىڭىز، نىشانىڭىز ئۈچۈن ئۈمىدلىك بولۇپ، قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى بىلسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئۈمىدلىك بولۇشىڭىزغا زور ياردىمى بار؛

      يەنە سوراپ بىلىشمچە، رەيھانگۈلنىڭ ئەسلى ئىسمى رەيھان گايىت بەكتۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى نەچچە يىللار بۇرۇن بەكتۇر دېگەننى فامىلە قىلىپ ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. بەكتۇر دېگەن بەك تۇر، يەنە چىڭ تۇر، مۇستەھكەم تۇر، كۈچلۈك بول دېگەن مەنىلەردە. رەيھانگۈلنىڭ دادىسى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئېتىقادى، ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ فامىلىنى قوللانغان ئىكەن.

   

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 28

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1945 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-22