زەپەر ئابلىز


زەپەر ئابلىز



     

زەپەر ئابلىززەپەر ئابلىز

       زەپەر ئابلىز 1961-يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئاتىسى ئابلىز نازىرى خەلقىمىزگە تونۇلغان پېشقەدەم شائىر، ژۇرنالىست ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئىقتىدارلىق رەھبەر، ئانىسى ئايىم كېۋىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، زەپەر 1979- يىلى9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى.

      1983-يىل7-ئايدا ئوقۇشى پۈتكەندە نەتىجىسى پەۋقۇلئاددە ياخشى بولغاچقا، مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىندى. ئۇ 1985- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە بىرىنچى تۈركۈمدە ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا ياپونىيە مەئىسەئى ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىدا بىلىم ئاشۇردى ھەم ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ياپون تىلى ھەم ئىنگلىز تىلىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن كەسپىي بىلىم سەۋىيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى ھەم بۇ جەھەتتە تېز ئالغا باستى. بۇنىڭ نامايەندىسى شۇكى، ئۇ شۇ مەزگىلدىلا ئالتە پارچە ئىلمىي ماقالە، بەش پارچە دوكلات يېزىپ، ھەر قېتىملىق خىمىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ۋە شۇ نەتىجىلىرى بىلەن ياپونىيە خىمىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولدى. ئۇ 3 يىل ئەنە شۇنداق قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئارقىلىق 1988-يىلى 3-ئايدا خىمىيە ھەم فىزىكا كەسپى بويىچە "تەبىئىي پەنلەر ماگىستېرى" ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

     زەپەر ئابلىز 1988- يىل4-ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ، ئانا مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىدا داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1989-يىل3-ئايدا لېكتور بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئىلگىرىكى بىلىملىرى ئاساسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىپ تۇردى. يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1989-يىللىق مۇنەۋۋەر ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى مۇكاپاتىغا، 1990-يىلى شىنجاڭ پەن -تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا، 1992-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ماقالە (بىرىنچى دەرىجىلىك) مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان تەجرىبىخانا قۇرۇپ، كۆپ ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق "ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ خىمىيىلىك ئىسسىقلىق خالتىسى" نى سىناق قىلىپ ياساپ چىقتى. ئۇ يۇقىرىقىدەك نەتىجىلىرى ئارقىلىق 1991-يىلى دوتسېنتلىققا كۆتۈرۈلدى.

 زەپەر ئابلىز زەپەر ئابلىز

      زەپەر ئابلىز 1991-يىلى 4-ئايدا ياپونىيە توھو ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ياپونىيىگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ، جاپالىق ئىلىم سەپىرىنى باشلىدى. بۇ مەزگىلدىمۇ ئۇ توي قىلغىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان ئايالى ۋە باشقا ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا بولغان سېغىنىشىنى ئۆز يۇرتى ۋە خەلقىگە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقىغا بويسۇندۇرۇپ، ئىلىم- پەن دېڭىزىغا يەنىمۇ چوڭقۇر چۆكتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە، يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىشكە يۈزلەندى. ئۇ دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان شۇ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىدا بىر ياقتىن ئۆسۈملۈك خىمىيىگە ئائىت بىلىملىرىنى ئۇيغۇر دورىگەرلىكىگە تەدبىقلاپ، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىلىم نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلسا، يەنە بىر ياقتىن ماسسا سپەكترو ئىلمى ساھەسىدىكى يېڭى بايقاشلارنى ۋە پۇراقلىق ھىدرو كاربون ماددىلىرىدا بولىدىغان ھىدروگەن باغقا ئوخشايدىغان مولېكۇلا ئىچىدىكى ئاجىز تارتىش كۈچى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق دەلىللەپ چىقتى. ئۇنىڭ خەلقئارا ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەن بۇ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇندىن باشقا ئىلمىي ژۇرناللارغا ۋە ماقالىلەر توپلاملىرىغا كۆچۈرۈپ بېسىلدى. ئۇ ئەنە شۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن دوكتورلۇق ئوقۇشىنى ئىككى يىلدىلا غەلىبىلىك تاماملاپ، 1993- يىل5-ئايدا خىمىيە ھەم فىزىكا كەسپى بويىچە "تەبىئىي پەنلەر دوكتورى" ئۇنۋانىنى ئالدى. 1993-يىل 4-ئايدىن باشلاپ، توھو ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك ئىلمى ئىنستىتۇتىدا تەكلىپلىك تەتقىقات سۈپىتىدە تەبىئىي مەھسۇلاتلار خىمىيىسىنىڭ تەتقىقات خىزمىتىنى ئىشلىدى.

      زەپەر ئابلىز ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، جۇڭگودىن بارغان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ياپونىيىلىك دوستلارنىڭ ئارىسىدا كەسىپ ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتتە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى ۋە "غوللۇق ماھىر" دەپ نام ئالدى. دەرۋەقە، بۇ غوللۇق ئىختىساس ئىگىسى 1993- يىلى"ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى مۇكاپاتى" غا، "1995-يىل 7-ئايدا جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ياش پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ 2 - نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىدا مۇنەۋۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا، شۇ يىلى 10 - ئايدا " لياڭ شاۋتيەن ياشلار فوندى مۇكاپاتى " غا ئېرىشتى. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق گېزىتلەردە ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئىش-ئىزلىرى، تەتقىقات نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلدى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىسى 60 پارچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 30 پارچىسى پايدىلىنىلغان ماقالىلەر كاتالوكىغا كىرگۈزۈلدى. شۇنداقلا، بۇ ماقالىلەردىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى بايقاشلار ۋە يېڭى قاراشلار مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى كەسپداش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققەت -ئېتىبارىغا سازاۋەر بولدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئۇ بۇ ماقالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى يېقىنقى 5 يىلدا يازدى؛  بۇنىڭدىن باشقا 3 پارچە كىتابنى ۋە ئانالىز خىمىيە لۇغىتىدىن بىرنى يېزىشقا قاتناشتى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ شەھەرلىك ۋەتەنپەرۋەر تۆھپىكارلار ئۈلگىسى دېگەن نامغا، جۇڭگو ئانالىز تەجرىبە جەمئىيىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا (2 قېتىم) ئېرىشتى. 2004-يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى «يېڭى ئەسىردىكى مىليونلىغان ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى»دىكى دۆلەت دەرىجىلىك نامزات بولۇپ تاللاندى.

   

 زەپەر ئابلىز دۆلەتلىك يىغىن زالىدا سۆز قىلماقتا زەپەر ئابلىز دۆلەتلىك يىغىن زالىدا سۆز قىلماقتا

      زەپەر ئابلىز ھازىر جۇڭگو ئانالىز-تەجرىبە جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو سپېكتىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى، بېيجىڭ فىزىكا-خىمىيە ئانالىز تېخنىكىسى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى، بېيجىڭ سپېكتىر شۆبە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى؛ ياپونىيە سپېكتىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ چەت ئەللىك ئەزاسى؛ «ياپونىيە سپېكتىر ئىلمىي ژۇرنىلى، جمسسج»، «سپېكتىر ئىلمى ژۇرنىلى»، «ئانالىز-ئۆلچەش ئىلمىي ژۇرنىلى» «ئانالىز تەجرىبىخانىسى» ۋە «جوڭنەن دورىگەرلىك ئىلمى» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ تەھرىر ھەيئىتى؛ ھەمدە يەنە خەلقئارالىق ئاساسلىق سپېكتىر ئىلمى ژۇرنىلى «راپىد كوممۇن. ماسس سپەكتروم» ۋە «ج. ئام.سوك. ماسس سپەكتروم»نىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك ماقالە باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسى؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىلىك پروفېسسورى، دۆلەتلىك دورا نازارەتچىلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دورا باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىكى تېخنىكىلىق مەسلىھەت بەرگۈچى مۇتەخەسسىسلەر خەزىنىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تەجرىبىخانىلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش كومىتېتى دورا شۆبە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى؛ بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنى ئۆتىمەكتە.

      1996 - يىل 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا ئۆستۈرۈلگەن بۇ ئىجتىھاتلىق ياش ئالىمنىڭ سەمەرىلىك ھايات سەھىپىسىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھەقىقىي ئۇيغۇر ئوغلانىغا خاس پارلاقلىقنى ھەم يۈكسەكلىكنى كۆرگەندەك بولدۇق. دوكتور زەپەر ئابلىزنىڭ خەلققە بولغان چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتى خەلقىمىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن. بىز بۇ دوكتورنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ھەم ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەيمىز.



مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 10

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 880 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-22