ئېلنۇر ئىبراھىم

 


  ئېلنۇر ئىبراھىم 

  



ئېلنۇر ئىبراھىمئېلنۇر ئىبراھىم


ئىسمى: ئېلنۇر ئىبراھىم؛

يۇرتى: ئۈرۈمچى؛

مۆچەل: يولۋاس؛

يۇلتۇز تۈركۈمى: شىر يۇلتۇز تۈركۈمى؛

تۇغۇلغان كۈن: 3-ئاۋغۇست؛

ئىلمىي ئۇنۋانى: مۇدىر دىكتور؛

قىززىقىشى: كىتاپ ئوقۇش، ساياھەت قىلىش ؛

ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: كۆك، قىزىل، سېرىق؛

ياخشى كۆرىدىغان ئەقلىيە سۆزى: ئۈمىد–ياشاشنىڭ كاپالىتى؛

خاراكتىرى: ئوچۇق-يورۇق، ئەستايىدىل، ئاق كۆڭۈل؛ 

خىزمەت ئورنى: ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى؛

«چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر » پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئېلنۇر ئىبراھىم ھوشۇر ئىسلام بىلەن سۆھبەتتە «چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر » پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئېلنۇر ئىبراھىم ھوشۇر ئىسلام بىلەن سۆھبەتتە


  رىياسەتچىلىك قىلغان پروگراممىلار: ‹گۈلىستان›،‹چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر ›،‹نەزەر ›. ئىستانسا ۋە شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى پائالىيەت، سەنئەت كېچىلىكلىرى؛

  رىياسەتچىلىك ئالاھىدىلىكى: ئەركىن، نەق مەيدان ئىنكاسى تېز، سۆھبەت پروگراممىلىرىدا سوئال سوراش جەھەتتە  ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ۋە خاسلىققا ئىگە؛

     ئېلنۇر ئىبراھىم 1996-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتى، ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا تەقسىم قىلىنغان. ھازىرغىچە مەزكۇر ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن يەنى 1998-يىلى ئىستانسا رەھبەرلىكىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىستانسا تارىخىدىكى تۇنجى بالىلار پروگراممىسى ـ ‹سەبىيلەر›پروگراممىسىنى روياپقا چىقارغان ۋە رىياسەتچىلىك، مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك خىزمىتىنى. ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بىر يىلدىن باش بولۇپ كېيىن بالىلار ‹ئىنگىلىز تىلى›سەھىپىسىنى يولغا قويغان. ئىلنۇر ‹سەبىيلەر ›پروگراممىسى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ئاپتونۇم رايونلۇق تېلېۋىزىيە نادىر ئەسەرلىرىنى باھالاشتا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. يەنى ‹ئەختەمجان جىننىس دۇنيا رىكورتىنى ياراتتى› ناملىق پروگرامما 2000-يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىك مىللەتلەر رادىيو-تېلېۋىزىيە نادىر پروگراممىلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن.

ئېلنۇر ئىبراھىم دالا زىيارىتىدە ئېلنۇر ئىبراھىم دالا زىيارىتىدە


     ئېلنۇر 2003-يىلىدىن باشلاپ ئىستانسا رەھبەرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ‹چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر › پروگراممىسىنىڭ تەھرىرلىك مۇخبىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن ۋە ئەينى چاغدىكى ‹قىزىل ئاخشىمى›،‹ئارام شاتلىقى ›. پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىلىكنى قىلغان. 2005-يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نادىر پروگراممىلىرىدىن بىرى بولغان ‹چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر › پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىلىك خىزمىتىنى قىلىشقا باشلىغان. سۆھبەت جەريانىدىكى ئىنكاسىنىڭ تېز، ھازىر جاۋاپلىقى بىلەن تېزلا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

     ھازىرغىچە مەزكۇر پروگراممىنىڭ ۋە ‹نەزەر›،‹گۈلىستان› قاتارلىق پروگراممىلىرىنىڭ رىياسەتچىلىك خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئەھۋالى؛

   

 ئېلنۇر ئىبراھىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دالا ساياھىتىدە ئېلنۇر ئىبراھىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دالا ساياھىتىدە


2000-يىلىدىن بۇيانقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئەھۋالى؛

1. ئېلنۇر ئىبراھىم يازغان ‹قانداق قىلغاندا بالىلار پروگراممىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ› دېگەن تېمىدىكى ئىلمىي ماقالە 2001-يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2-دەرىجىگە ئېرىشكەن.

2. ‹سەبىيلەر›پروگراممىسى مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا رىياسەتچى تۈرى بويىچە 2-دەرىجىگە ئېرىشكەن.

3. ئېلنۇر رىياسەتچىلىك قىلغان ‹چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر ›پروگراممىسى ئۇدا 4 يىل يەنى 2005-2006-2007-يىللىرى  ئاپتونۇم رايون بويىچە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا نادىر پروگرامما بولۇپ باھالانغان.

4. ئېلنۇر ئىبراھىم 2004-يىلى تۇنجى نۆۋەت ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈرمەنلەر ياقتۇرىدىغان رىياسەتچىلەرنى باھالاشتا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئەڭ نادىر رىياسەتچى بولۇپ باھالانغان.

5. 2007-يىلى ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان ‹چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر› پروگراممىسى ئاپتونۇم رايونلۇق باھالاشتا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن.

6. 2008-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە 20 مۇنەۋۋەر ئاخبارات خىزمەتچىسىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

7. 2011-يىلى ئېلنۇر رىياسەتچىلىك قىلغان ‹چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر ›پروگراممىسى مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا رىياسەتچى تۈرى بويىچە 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن.

8. 2011-يىلى ئېلنۇر يازغان ئىلمىي ماقالە ‹سۆھبەت پروگرامما رىياسەتچىلىكى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم› ناملىق ماقالە مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا ئىلمىي ماقالە تۈرى بويىچە 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن.

   

 ئېلنۇر ئىبراھىم «قۇربان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكى» دە ئېلنۇر ئىبراھىم «قۇربان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكى» دە


    ئېلنۇر بۇندىن باشقا كۆپ قېتىم ئىستانسا ۋە شەھەرلىك رادىيو –تېلېۋىزىيە سېستىمىسى بويىچە ‹ئىلغار خىزمەتچى›، ‹مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى ›بولۇپ باھالانغان.

    ھازىرغىچە ئېلنۇر ئۆز خىزمەت ئورنىدا ئەستايىدىل، بىجاندىل ئىشلەپ خەلقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ نادىر پروگراممىلارنى سۇنۇش يولىدا ۋە ئەل قەلبىدىن ئورۇن ئالغان مۇنەۋۋەر رىياسەتچى بولۇش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزدەنمەكتە ۋە تىرىشماقتا.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 12

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1472 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-20