رىزۋانگۈل ئابدۇراخمان
رىزۋانگۈل ئابدۇراخمان 1. ئىسىم-فامىلىسى: رىزۋانگۈل ئابدۇراخمان؛
2. مىللىتى: ئۇيغۇر؛
3. تۇغۇلغان ۋاقتى: 1971-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى؛
4. ياخشى كۆرىدىغان ھېكمەتلىك سۆزى: سەن ئۆتمۈشۈڭگە جاۋاپكار، بۈگۈنۈڭگە خوجىدار، كەلگۈسىڭگە سەۋەپكارسەن؛
رىزۋانگۈل ئابدۇراخمان
5. ئەڭ قايىل بولدىغان كىشى: سەمىمىي ئادەم؛
6. ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكەت تۈرى: سۇ ئۈزۈش؛
7. ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك: مېۋە-چىۋىلەر؛
8. پۈتتۈرگەن مەكتىپى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئەدىبىيات فاكۇلتىتى ئاخبارات كەسپى؛
9. ھازىرقى ۋەزىپىسى: <قانۇن ۋە پۇقرا>پروگراممىسىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى، رىياسەتچىسى؛
10. مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى؛
«قانۇن ۋە پۇقرا» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى رىزۋانگۈل ئابدۇراخمان خىزمەتتە (1). كۆپ قېتىم <ئىلغار خىزمەتچى>، <مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى> بولۇپ ئىزچىل مۇكاپاتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ؛
(2). 2007-يىلى3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو-تېلىۋېزىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن <<ئاياللارنىڭ ئىش ئورنىدا تۆھپە يارىتىش>>مۇكاپاتىدىكى ئىلغار شەخىس بولغان؛
(3).2004-يىلى توققۇزىنچى نۆۋەتلىك <<خەلىقئارالىق قانۇن ۋە تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى>>دا <دەۋا تىلىنى تاللاش ھوقۇقىدىكى توقۇنۇش ۋە كاپالەت>ناملىق ماقالىنى ئوقۇدى، ھەمدە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى؛
(4). 2009-يىلى دۆلەتلىك مىللەتلەر كىنو تېلۋىزىيىسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى تەسس قىلغان <<مىللەتلەر كىنو تېلۋىزىيسى>>ژۇرنىلنىڭ باش مۇقاۋىسىغا سۈرىتى چىقرىلغان ھەمدە <<زەھەر سەندىن نەپرەتلىنىمەن>>،<<مەن ئۆز كەسپىمنى سۆيىمەن>>ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغان؛
(5). 2007-يىللىق پىروگىراممىمىزنىڭ 9-سانى ئاپتونۇم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش<<ياخشى ئاخپارات مۇكاپاتى>>نىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
(6). 2008-يىلى <<زەھەر، سەندىن نەپرەتلىنىمەن>>تېمىسىدىكى پىروگراممىمىز <مەملىكەتلىك ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە نادىر ئەسەرلەرنى باھالاشتا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا>، < شىنجاڭ ئاخپارات مۇكاپاتى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا >، <مەملىكەتلىك جىن پېڭ مۇكاپاتى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتى> غا ئېرىشتى؛
(7). 2009-يىلى <<بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئىلغار شەخىس>>مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
(8). 2009-يىلى <<قانۇن ۋە پۇقرا>> پىروگىراممىمىز ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمى، ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدىلىيە نازارىتى، ئاپتونۇم رايوننى قانۇن بويىچى ئىدارە قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەرىپىدىن <خەلىق ئاممىسنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ياقتۇرىشغا ئېرىشكەن قانۇن پىروگىراممىسى>دېگەن نامغا ئېرىشتى؛
(9). 2011-يىلى<<قانۇن ۋە پۇقرا>>پىروگىراممىسى جۇڭگو رادىئو-كىنو تېلۋىزىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن <مەملىكەتلىك رادىئو-تېلۋىزىيە سېستىمىسىدا 2006-2010-يىلدىكى قانۇن تەشۋىقات تەربىيسىدىكى ئىلغار ئورۇن> دېگەن نامغا ئېرىشتى؛
(10). 2010-يىلدىكى<<زەھەر چەكلەش كۈرىشى>>ناملىق پىروگىراممىسى < شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتى>غا ئېرىشتى؛
(11). 2010-يىلىدىكى117-سانىدىكى پىروگىراممسى <<ئادوۋكاتلار ياخشى ئاخبارات مۇكاپاتىدا >> ئەلا نەتىنجىگە ئېرىشتى؛
(12). <<بىر سەبىينىڭ پاجئەسى>>تېمىدىكى پىروگىراممىمىز 2010-2011-يىللىق مەملىكەتلىك مۇنەۋەر تېلۋىزىيە قانۇن پىروگراممىللىرىنى باھالاشتا ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشتى؛
(13). <<قانۇن ۋە پۇقرا>>پىروگىراممىسىنڭ <ئۆزگەرگەن توختام> فىلىمى 2012-يىللىق مەملىكەتلىك مىللەتلەر تېلۋىزىيە نومۇرلىرى <جىن پېڭ مۇكاپاتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛
رىزۋانگۈل ئابدۇراخمان