تۆمۈر خەلىپە


                                             تۆمۈر خەلىپە


 

 تۆمۈر خەلىپە تۆمۈر خەلىپە


      1891-يىلى تۇرپاندا ئىشلەمچى (كارىز چاپقۇچى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ھەددىدىن ئاشقان ئالۋاڭ-ياساق دەستىدىن ئائىلىسىدىكى تۆت جاننى باقالماي، 1893-يىلى ياز پەسلىدە قۇمۇلنىڭ قوراي يېزىسىغا كۆچۈپ بېرىپ يەرلىشىدۇ. بىراق قوراي يېزىسى قۇمۇل ۋاڭىغا قاراشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردىكى ئالۋاڭ-ياساق تېخىمۇ ئېغىر ئىدى. شۇڭا، بۇ يەردىمۇ كۈن ئۆتكۈزۈش تەس بولۇپ، 1905-يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن تۆمۈرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ-دە، ياز كۈنلىرى نەنمىن سىرتىدا كېسەك قۇيىدۇ، قىش كۈنلىرى باداۋاندىكى كانلاردا ياللىنىپ كۆمۈر قازىدۇ. لېكىن ئۈرۈمچىدىمۇ جان بېقىش قىيىن بولۇپ، ئاخىرى قۇمۇلغا قايتىپ بېرىپ، قۇمۇل بازىرىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە تۆمۈرنى ياغاچچىلىققا شاگىرتلىققا بېرىدۇ. زېرەك ۋە ئەقىللىق تۆمۈر ئۇزاق ئۆتمەي ياغاچچىلىقنى ئوبدان ئۆگىنىۋالىدۇ. ئۇنىڭ دۇكىنى بازاردا بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ۋاڭ ئۈستىدىكى شىكايەتلەرنى كۆپ ئاڭلاپ، ئىزىلگۈچى خەلقلەر بىلەن ئەزگۈچى سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسى زىدىيەتنى چۈشىنىۋلىدۇ.


   1907-يىلى قۇمۇل دېھقانلىرى رەجەپ ئاكا باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق قۇمۇل ۋاڭ تەرىپىدىن پاجىئەلىك باستۇرىلىدۇ. بۇ ئىش تۆمۈرنى سەگەكلەشتۈرىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەر قېتىم ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ئادەم ئۇرغان ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن زوراۋانلىقلىرىنى ئاڭلىغاندا قاتتىق غەزەپلىنىپ: ''رەجەپ ئاكا ھايات بولغان بولسا، دېھقانلار ئۈچۈن چوقۇم ئىنتىقام ئالغان بولاتتى'' دەيدۇ.

    بىر كۈنى تۆمۈر خەلىپە ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەر تەرىپىدىن چوڭ دەرەخكە باغلاپ ئۇرۇپ، چالا ئۆلۈك قىلىپ قويۇلغان بىر دېھقاننى ئۇستىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ داۋالاپ ساقايتىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ياخشى خىسلىتى پۈتۈن قۇمۇل يېزىلىرىغا تارقىلىدۇ. دېھقانلار'' بۇ قالتىس باتۇر بالىكەن، بۇ ۋاقىتقىچە ۋاڭ جازالىغان كىشىنى قۇمۇلدا ھېچ كىشى قۇتۇلدۇرالىغان ئەمەس'' دېيىشىپ، تۆمۈر ھەققىدە تەرىپلەر قىلىشىدۇ.

    دېھقاننىڭ يارىلىرى ساقىيىپ ئائىلىسىگە قايتىش ۋاقتىدا ئۇنى ئۇزىتىپ ماڭغان تۆمۈر: ''سىز ئوبدان ساقىيىڭ، بىزمۇ رەجەپ ئاكىدەك ۋاڭ ئوردىسىنى تاقىۋېتىمىز، خۇدا نۇسرەت ئاتا قىلسا، ۋاڭنى قۇمۇلدىن قوغلىۋىتىمىز'' دەيدۇ. تۆمۈرنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن دېھقانلار ۋە ئۇنىڭ ئۇستىسى ناھايىتى رازى بولىدۇ. تۆمۈرنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقى (ۋەقە تېرىيدىغانلىقى) نى ئويلاپ، شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ئاسرايدۇ. شۇنداقتىمۇ تۆمۈرنىڭ ھېلىقى دېھقاننى قۇتۇلدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا ئاڭلىنىدۇ، ۋاڭ تۆمۈر خەلپىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ.

   1910-يىلى، تۆمۈر خەلپە ئىككىنچى قېتىم ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنىدى. مۇشۇ مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسى ليەنكۈي ئورنىنى يۇەن داخۇاغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى. يۇەن داخۇا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئوت يالقۇنىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا تۇتىشىپ كېتىشنى توسۇش ئۈچۈن، ئىچكىرىسىدىن ياڭزېڭشىننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا خۇيزۇلاردىن چېرىك تۇتۇپ بەش باتالىيون تەشكىللەشكە بۇيرۇيدۇ.

   بۇ كۈنلەردە تۆمۈر خەلىپە ۋەزىيەتكە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ، ئىچكىرىدىكى ئىنقىلاۋى پارتىيە ئەھۋالىنى، جۇمھۇرىيەت ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلايدۇ. ئۇ ئېپى كەلسە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن قۇمۇلغا قايتىدۇ. تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئۇستىسىغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بېرىدۇ ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ئۆلۈپ كەتسىمۇ رەجەپ ئاكىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماي قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم ئىچىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنقىلاپ يولىدا ئىزدىنىدۇ.

    تۆمۈر خەلپە ئىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر ئاڭلىغاندىن كېيىن، قۇمۇل دېھقانلىرىغا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئىلى ئىنقىلاۋىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئاشكارا ھالدا '' قۇمۇل ۋاڭنىڭ كۈنى ئاز قالدى '' دەيدۇ. تۆمۈر خەلپە قۇتقۇزۇپ قالغان ھېلىقى دېھقان ھەممىلا يەردا تۆمۈر خەلپىنى تەرىپلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ، جۈملىدىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرويى ئۆسىدۇ، قۇمۇل دېھقانلىرى زور ئۈمۈت بىلەن ۋاڭنىڭ ئاغدۇرىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى.

    1912-يىلى 1-ئايدا، يۈەن داخۇا ئۆلكە مەركىزىگە قاراپ كېتىۋاتقان ئىلى خەلق قوشۇنىنى توسۇش مەقسىتىدە، قۇمۇل ۋاڭىغا 500 ئەسكەر ئەۋەتىش مەقسىتىدە بۇيرۇق بقرىدۇ. قۇمۇل ۋاڭى خەلققە ئۆزىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە : '' يۈەن داخۇا ماڭا ئىشىنىدۇ، مېنىڭ ۋاڭلىقىم مەڭگۈ ساقلىنىدۇ، كىمكى ۋاڭ ئاغدۇرىلىدۇ دەيدىكەن، كاللىسى ئېلىنىدۇ ! '' دەپ خەلققە تەھدىت سالىدۇ ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت دەپ ھېساپلىغان ئادەملەرنى ئەسكەرلىككە ئالىدۇ، تۆمۈر خەلىپە ئۆزلىكىدىن ئەسكەر بولىدۇ.

   يېڭىدىن ئەسكەرلىككە ئېلىنغان 500 كىشى قۇمۇلدىن يولغا چىقىدۇ. تۆمۈر خەلىپە يول بويى قوزغىلاڭ قىلىش توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئېلىپ ماڭغان خەنزۇ باشلىقنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. 500 ئەسكەر تۆمۈر خەلپىنى قولدىن قولغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ ۋە ئۇنى سەردار قىلىپ بەلگىلەيدۇ. بۇ قوشۇن كەينىگە قايتىپ، چاقماق تېزلىكىدە قۇمۇلغا باستۇرۇپ كىرىدۇ، دېھقانلار ئۇلارغا كېلىپ قوشۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئىنقىلاپ باشلىنىدۇ. شەھەرگە قامالغان شاھ مەھسۇت بىلەن شەھەر ئامبىلى بەي ۋېنچاۋ يۈەن داخۇادىن ياردەم سورايدۇ.

   1912-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خانى شۇەنتۇڭ ئۆزىنىڭ تەخىتتىن چۈشكەنلىكى توغرىسىدا پۈتۈن مەملىكەتكە جاكارلايدۇ. 3-ئاينىڭ27-كۈنى، يۈەن داخۇامۇ شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسىلىقىدىن ئىستېپا بېرىدۇ. ئۇچاغدا ھۆكۈمەت ياڭ زېڭشىننى شىنجاڭغا تۇتۇق قىلىپ تەيىنلەيدۇ. تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇ خەۋەردىن ھەقىقەتەن خۇشاللىنىدۇ، جۈملىدىن'' شاھ مەھسۇت ئوردىدىن چىقىپ كەتسۇن ! دېھقانلار ئۈستىدىكى ئالۋاڭ-ياساقلار بىكار قىلىنسۇن ! '' دېگەن خىتابلار بىلەن شاھ مەھسۇتنى قىستايدۇ.

   ياڭ زېڭشىن باركۆلدە تۇرۇشلۇق ھەربى قوشۇن باشلىقى يې شىڭفۇغا قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ.

   تۆمۈر خەلپە باركۆلدىكى ھەربى قوشۇننىڭ قۇمۇلغا يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىدۇ. يې شىڭفۇ قوشۇننى باشلاپ نەنسەن ئېغىزىغا كەلگەندە ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ، قىسىملىرى تەسلىم بولىدۇ، نۇرغۇن قورال غەنېيمەت ئېلىنىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلار سانى 2000 دىن ئاشىدۇ.

   1912-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، يۈەن داخۇا ئىچكىرىگە قايتماقچى بولغىنىدا، ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا چيەن گۇاڭخۇەي بىلەن بىرلىشىپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بۇيرۇقى بېرىدۇ.

   يۈەن داخۇا بىلەن چيەن گۇاڭخەي بىرلىشىپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. تۆمۈر خەلىپە بۇ ئۇرۇشتىمۇ كۆپلىگەن قورال غەنىيمەت ئالىدۇ (يۈەن داخۇا، چيەن گۇاڭخەيلەر 6-ئاينىڭ 15-كۈنى يېڭىلىپ، ئىچكىرىگە كېتىدۇ).

   جىددى ئۇرۇش ھازىرلىقىدا تۇرغان ياڭ زېڭشىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ھىيلە-مىكىر پىلانلايدۇ. ئۇ ئوردىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ھاكىمدىن تۆۋەنرەك ئەمەلدار جاڭ سەيتىڭنى تۆمۈر خەلپە بىلەن سۆھبەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. ئون كۈن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت نەتىجىسىز بولۇپ، جاڭ سەيتىڭ قايتىدۇ.

   ياڭ زېڭشىن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق، تۆمۈر خەلپىنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىدىن بولغان مۇھەممەتجان ھاپىز دېگەن كىشىدىن تۆمۈر خەلپىگە خەت ئەۋەتىدۇ. بۇ خەتتە مۇنداق دىيىلگەنىدى: '' مەن سىزنىڭ ئىسيان كۆتۈرىشىڭىزنىڭ قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشماقچى ئەمەسلىكىڭىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن، سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلارغا نىسبەتەن مېنىڭ باشتىن-ئاخىر زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىم يوق'' دىيىلگەن.

  دەل شۇ كۈنى ياڭزېڭشىن قۇمۇل ئامبىلى بەي ۋىنچاۋغا يازغان بىر پارچە مەخپىي خېتىدە: ''تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، تۆمۈر قارا نىيەت ئادەم ئىكەن، ئاسىيلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. پېقىر تۇتۇق كەلگۈسىدىكى بالايى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى قەتئىي باستۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم.'' (ياڭزېڭشىن : '' ئىستىغبار ھۇجرىسىدا يېزىلغان خاتىرىلەر '' 2-توپلام).

 تۆمۈر خەلىپە مۇھەممەتجان ھاپىزدىن: ''سىز ياڭ تۇتۇققا (قوماندان ياڭغا) ئىشىنەمسىز؟ ياڭ تۇتۇقنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بولمىسا، نېمە ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ بىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ؟ ياڭ تۇتۇق مىنگونىڭ تۇتۇقى تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى خانلىقى قۇمۇل ۋاڭىغا بەلگىلەپ بەرگەن ھاشار تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ ؟''  قاتارلىق 10 نەچچە سۇئال قويىدۇ. مۇھەممەتجان ھاپىز جاۋاپ بېرەلمەي قايتىدۇ. 

  بۇ ھىيلىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ياڭزېڭشىن خۇيزۇ باتالىيونىنىڭ كوماندىرى لى شۇفۇ، ئىچكى ئىشلار كابېنتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جايى گەنسۇ-شىنجاڭ تەپتىش خادىمى يۈەن ساڭ قاتارلىقلارنى 1913-يىلى 3-ئايدا سۆھبەتكە ئەۋەتىدۇ.

 لى شۇفۇ پۇقراچە ياسانغان بولۇپ، دىنىي بىلىمنى ئىشقا سېلىپ، ئىسلام مۆتىۋەرلىرى قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ، تۆمۈر خەلپە تۇرغان ئۆيگە كىرىش بىلەن تەكبىر ئىيتىپ، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ مەنىسىنى يېشىپ، نەقىل كەلتۈرۈپ سۆز باشلايدۇ ۋە ياڭزېڭشىن ئەۋەتكەن ئالاقىنى ئوقۇيدۇ. ياڭزېڭشىننىڭ خېتىدە مۇنداق دىيىلگەنىدى: '' بىرىنچى قۇمۇل ۋاڭنىڭ دېھقانلارنىڭ ئۈستىگە قويغان ھەر ئايدىكى يەتتە كۈنلۈك ھاشار تۈزۈمى ئىككى كۈنگە قىسقارتىلىدۇ. ئىككىنچى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاتلىق باتالىيونىغا ئۆزگەرتىلىپ، تۆمۈر باتالىيون كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ۋە ئۆلكە مەركىزىگە بېرىپ ئورۇنلىشىدۇ. ئۈچىنچى قوشۇندىن قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشنى خالايدىغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى يۇرتىغا بېرىپ، دېھقانچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ''. لى شۇفۇ بۇ خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئايەت ئوقۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ يەنە تەكبىر باشلايدۇ. ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە تۆمۈر خەلىپە تەكبىرگە قوشۇلۇش ۋە دۇئاغا قول كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.

 بۇنىڭ بىلەن تۆمۈر خەلپە ياڭزېڭشىن قويغان يۇقىرىقى ئۈچ شەرتنى شەرتسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ قالىدۇ.

 بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ياڭ زېڭشىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قۇۋلۇق-شۇملۇق ئىشلىتىپ، قۇمۇلدىكى ھەرقايسى تەبىقىدىكى زاتلار ۋە خەلقلەرنى ئارقا-ئارقىدىن تاغقا چىقىرىپ تۆمۈر خەلپىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە قائىدە بويىچە ''خەلىپە'' دەپ ئاتايدۇ.

 تۆمۈر خەلىپە قىسىمنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ بۇ پاجىئەنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ شەرقى كىچىك دەرۋازىسى سىرتىدا بىر-بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدىغان ئېگىز گازارما بار ئىدى. بىرى، شەرقى گازارما بولۇپ، شور بۇلاققا، يەنە بىرى غەربى گازارما بولۇپ، دۇڭمىنغا يېقىن ئىدى.

 تۆمۈر خەلىپە قىسىمىنى شەرقى گازارمىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. غەربى گازارمىغا ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ سادىق ئادىمى بولغان ما فۇشىڭ (ماتىتەي) باتالىيونىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

 تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ياڭ زېڭشىن ئەندىشە قىلىپ بىئارام بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇش غەرىزىدە تۆمۈر خەلىپىنىڭ تۇڭچىسىنى سېتىۋېلىپ، تۆمۈر خەلىپىنى نازارەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، مافۇشىڭغا ھوشيار تۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ. مافۇشىڭ 1913-يىلى9-ئاينىڭ 6-كۈنى روزى ھېيتنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش باھانىسى بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى غەربى گازارمىغا ئالداپ ئېلىپ كېلىدۇ ۋە قولغا ئالىدۇ. تۆمۈر خەلىپىنىڭ قوشۇنىنى ئۆز گازارمىسىدا قورالسىزلاندۇرىدۇ، ئۇنى تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ. خائىن ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىنى پاش قىلىدۇ. ياڭ زېڭشىن قاقاقلاپ كۈلگىنىچە تۆمۈر خەلىپىگە: '' گۇناھ مەندە ئەمەس، مانا بۇ ئۆز ئادىمىڭىز، مەن سىزنىڭ باتۇرلۇقىڭىز ۋە ئەقىل-پاراسىتىڭىزگە ئىشىنىمەن. سىزگە كەلگەن ئۆلۈمنى تەڭرى ئالدىدىمۇ مەندىن كۆرمىگەيسىز، ئۆلۈم ئالدىدا مەن سىزنىڭ قاتىلىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ، سىز ئۈچۈن ئىنتىقام ئىلىپ بېرىمەن'' دەيدۇ-دە، خائىن تۇڭچىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.

   خائىن نالە-پەرياد قىلغاندا،'' ئۆز مىللىتىگە ۋاپا كەلمىگەن سەن ئىتتىن ماڭا ۋاپا كېلەتتىمۇ ؟'' دەيدۇ ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا. مافۇشىڭ تۆمۈر خەلىپىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئەتىسى ئوردىغا تەكلىپ قىلىنغان ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى تۆمۈر خەلىپىگە ھەربى تۈزۈم بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. پىشقەدەم يىڭجاڭ روزى ھاجى ياڭ زېڭشىنغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. ياڭ زېڭشىن بۇ ئىشنى مافۇشىڭغا دۆڭگەپ قويىدۇ.

  خەلق ئاممىسى داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تۆمۈر خەلىپىنىڭ جەسىتىنى خاڭچىڭدىكى قەبرىستانلىقنىڭ ھازىرقى خاڭچىڭ مەسچىتىدىن 50 قەدەملەر ئىچكىرىدىكى بىر جايغا دەپنە قىلىدۇ.

 تۆمۈر خەلىپە ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ قولىدىكى 300 نەپەر جەڭچىنى قورالسىزلاندۇرۇپ قۇمۇلغا ئاپىرىپ قويىمىز دېگەن باھانە بىلەن ئېلىپ مېڭىپ گۇچۇڭدىكى چۋەنزىگەي دېگەن يەردىن ئۆتكەندە، ئالدىن تەييارلاپ قويغان قىسىملىرى ئارقىلىق قىرغىن قىلىپ تۈگىتىدۇ.

  تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلۈپ 18 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ، قوزغىلاڭ يالقۇنى تېزلا پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلايدۇ.



مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 13

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1469 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-23