خەتكۈچ: ئادىلجان ئابدۇقەييۇم؛ رىياسەتچى؛ «شىنجاڭ تەنتەربىيەسى» پىروگىراممىسى؛ «بىيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى»
چوققىلاش 5 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەشئادىلجان ئابدۇقەييۇم
تۇغۇلغان ۋاقتى: 9–ئاينىڭ 10–كۈنى؛
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى «شىنجاڭ تەنتەربىيەسى» پىروگىراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى؛
پۈتتۈرگەن مەكتىپى: شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى
؛
ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرۇس؛
قىزىقىشى: خەۋەر ئوقۇش، كىتاب كۆرۈش، دالا تەنھەرىكىتى، مۇزىكا ئاڭلاش
؛
ئالاھىدىلىكى: ناخشا ئېيتىش، چوڭ تىپتىكى كېچىلىك رىياسەتچىلىكى
؛
ياخشى كۆرىدىغان ھېكمەتلىك سۆزى: قانائەتچان ئادەم دائىم خۇشال يۈرىدۈ؛
كەسىپكە بولغان قارىشى: رىياسەتچىلىك شان–شەرەپ ۋە ئىمتىياز ئەمەس، بەلكى بىر خىل مەسئۇلىيەت، مېنىڭ تەبەسسۇمۇم ئۈزۈلمەيدۇ، قىزغىنلىقىم ئۆزگەرمەيدۇ، چۈنكى ياشلىق مېنىڭ بايلىقىم؛
ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەم: ئانا،ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار؛
2004–يىلىدىن 2005–يىلىغىچە كىنو–تېلېۋىزىيە تىياتىر قانىلىنىڭ «شىنجاڭ تەنتەربىيسى»«ساياھەت ۋە دۇنيا»«شادلىق سەيناسى»«مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات»قاتارلىق پىروگراممىلىرىدا دىكتورلۇق، تالا رىياسەتچىسى، ئاپتورلۇق قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن؛
2005–يىلىدىن 2009–يىلىغىچە «مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات» پىروگىراممىسىدا دىكتور، رىياسەتچى بولغان؛
2009–يىلىدىن ھازىرغىچە مەزكۇر قانالنىڭ «شىنجاڭ تەنتەربىيىسى»، «تەلەي يۇلتۇزى» قاتارلىق پىروگراممىلىرىدا دىكتورلۇق، رىياسەتچىلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ؛
2006–يىللىق ۋە 2010–يىللىق دۇنيا لوڭقىسنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا بىۋاستە ئۇلاپ كۆرسىتىش، 2008–يىللىق بىيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى ئۇيغۇر تىلىدا بىۋاستە ئۇلاپ كۆرسىتىش، 2008–يىللىق ۋە 2012–يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيغۇر تىلىدا بىۋاستە ئۇلاپ كۆرسىتىشتە رىياسەتچى ۋە چۈشەندۈرگۈچى بولغان، ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەرخىل كېچىلىكلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ؛
مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئەھۋالى: 2004- يىلى مەملىكەتلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2008- يىلى«رىياسەتچىلىك مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات» شىنجاڭ تەنتەربىيە پىروگراممىسى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە نادىر تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2008- يىللىق «بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى » نى ئۇيغۇرچە بىۋاسىتە كۆرسىتىش، 2006- يىللىق، 2010- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيغۇرچە بىۋاسىتە كۆرسىتىش، 2008- يىللىق، 2010-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيغۇرچە ئۇلاپ كۆرسىتىش قاتارلىق پىروگراممىلار مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە باھالاشلاردا 1-، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن؛
2012- يىلى رىياسەتچىلىك قىلغان «شىنجاڭ تەنتەربىيىسى» پىروگىراممىسىنىڭ «ئاتۇش چېلىشچىلىقى» ھەققىدىكى دىكتورلۇق ئەسىرى ئاپتونوم رايون بويىچە 2-دەرىجىلىك شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5
>