زۆھرە پولات

     

زۆھرە پولات


 

 زۆھرە پولات زۆھرە پولات


ئىسىم-فامىلىسى: زۆھرە پولات
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1988-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى
مىللىتى: ئۇيغۇر 
بوي ئېگىزلىكى: 1.70m
قىزىقىشى: كىتاپ ئوقۇش، يېزىقچىلىق، ناخشا ئېيتىش، رىياسەتچىلىك قىلىش، ئاۋاز بېرىش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش؛
ئەڭ ياقتۇرىدىغان ھېكمەتلىك سۆزى: مۆجىزىلەرگە تولغان؛
كەسپى: شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ رىياسەتچىسى؛
ئوقۇش سەۋىيىسى : تولۇق كۇرس؛
يۇرتى: مايتاغ
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئادرىسى: http://alkuyi.cn/zoxrepolat؛
سىنا مىكرو بلوگ ئادرېسى: http://weibo.com/u/2241016142


   

زۆھرە پولاتزۆھرە پولات


     زۆھرە پولات 1988 -يىلى مايتاغدا تۇغۇلغان. 2007- يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ سەنئەت ئۇنۋېرىسىتىنىڭ تىياتىر فاكۇلتىتى دىكتور-رىياسەتچىلىك سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. 4 يىل رىياسەتچىلىك كەسپىدە سېستىمىلىق تەربىيلىنىپ 2011 - يىلى ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 2011  -يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا تەكلىپ قىلىنىپ <گۈلىستان> پىروگراممىسىغا ياردەم رىياسەتچىلىك  ياردەم مۇخپىرلىق قىلىپ ئىستانسا ۋە ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 2012  -يىلى1  -ئايدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ ئۆسمۈرلەر پىروگراممىسى <قار لەيلىسى ئۆسمۈرلەر مەشرىپى>گە رىياسەتچىلىك قىلغان. 2012-يىللىق <كىچىك چولپان> ئۇسسۇل تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ بالىلار بايرىمىلىق پائالىيتى ۋە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى2012 - يىللىق  بالىلار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە نىجات ۋەلى ياقۇپ ۋە ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ قاتارلىقلار بىلەن رىياسەتچىلىك قىلىپ كىچىك دوستلارنىڭ  ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن. 2012-يىلى دۆڭكۈۋرۈك سودا بازىردىكى يېڭى تىجارەت باشلىغان< دۆڭكۆۋرۈك بازىرى تۈركىيە سودا شەھەرچىسى >نىڭ چوڭ تىپتىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، تۈركچىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىلدا رىياسەتچىلىك قىلىپ نەق مەيداندىكى ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە چەتئەلدىن كەلگەن مېھمانلانىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 2012- يىلى 8- ئايدا <جۇلا سەنئەت كېچىلىكى> گە رىياسەتچىلىك قىلغان. زۆھرەنىڭ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى. <بەخت 2013- يىللىق سەنئەت كېچىلىكى >دە ئورۇندىغان.

«جۇلا» سەنئەت كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان زۆھرە پولات«جۇلا» سەنئەت كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان زۆھرە پولات

    <ئارمان> ناملىق ئىجادىي ناخشىسىمۇ كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن<يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئەترىتى> نىڭ غوللۇق ئەزالىرىنىڭ بىرى. بىر يىلنىڭ بېرى بۇ پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ ھەر خىل تۈرىدىكى پاراۋانلىق، ساخاۋەت ئىشلىرى ۋەئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى يېزا-قىشلاقلىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا ياردەم قىلىش ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيەت ۋە خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىپ جەمىئىيەتكە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان ھەمدە داۋاملىق شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. زۆھرەنى بىز يەنە دائىم تېلىۋىزىيە ئېلانلىرى ۋە MTV لاردا كۆرۈپ قالىمىز. بىز بۇ بالىلارنى ۋە كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان ياش رىياسەتچىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز.

زۆھرە پولات ۋە كىچىك دوستلارزۆھرە پولات ۋە كىچىك دوستلار





مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 9

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1214 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-20