خەتكۈچ: مۇزەففەر ھەبىبۇللا؛ دېكتور؛ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى؛ رىياسەتچى؛ «كۆڭلۈم» مەدەنىيەت-تارقىتىش چەكلىك شىركىتى؛
چوققىلاش 11 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
مۇزەففەر ھەبىبۇللا
مۇزەففەر ھەبىبۇللا، ئۇيغۇر، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى 107.4 سەنئەت رادىئوسنىڭ دېكتور-رىياسەتچىسى، «كۆڭلۈم» مەدەنىيەت-تارقىتىش چەكلىك شىركىتنىڭ قۇرغۇچىسى، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ ئەزاسى.
مۇزەففەر ھەبىبۇللا، 1982-يىلى4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچىدە بىر زىيالى ئائىلىسدە تۇغۇلغان. 1990-يىلدىن 1996-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 36-باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1996-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 29-ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1999-يىلدىن 2002 -يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەلۇماتلىرنى ئالغان.
2002-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىستىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلغان. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئۇدا دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ رەئىسى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى، مەكتەپ رادىئو ئۇزىلنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەر ئۆتەپ 2007-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىستىتىنىڭ «ئون مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى» شەرىپىگە ئېرىشىپ ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگەن.
2007-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق كادىرلار ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ يازاما ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ ، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسغا خىزمەتكە چۈشكەن .
قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى :
2012-يىلى 9- ئايدا، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر رادىئو- تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالىشىدا 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2011-يىلى 5- ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇنەۋۋەر رادىئو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالىشىدا رادىئو سەنئەت پروگراممىسى تۈرىدە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2011-يىلى 9- ئايدا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر رادىئو- تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالىشىدا 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2011-يىلى 9- ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دېكتور-رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2010-يىلى 8- ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇنەۋۋەر رادىئو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالىشىدا دېكتور-رىياسەتچىلىك تۈرىدە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2010-يىلى 6- ئايدا، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر رادىئو- تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالىشىدا 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2010-يىلى 7- ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇنەۋۋەر رادىئو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالىشىدا دېكتور-رىياسەتچىلىك تۈرىدە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2010-يىلى 7- ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇنەۋۋەر رادىئو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالىشىدا دېكتور-رىياسەتچىلىك تۈرىدە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2000-يىلدىن2002-يىلىغىچە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بوكىس مۇسابىقىسدە، 2-دەرىجىلىك ۋە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 11
>