ماھىرە ئابدۇغېنى

 ماھىرە ئابدۇغېنى


ماھىرە ئابدۇغېنىماھىرە ئابدۇغېنى

1982- يىلى6-ئاينىڭ 22-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە  زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
 2004- يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى تىياتىر فاكۇلتېتىنىڭ تۇنجى قارار دىكتور- رىياسەتچىلىك سىنىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھازىرغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى تىياتىر فاكۇلتېتىنىڭ دىكتور - رىياسەتچىلىك تولۇق كۇرۇس سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەم شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىكتور - رىياسەتچىلىك كەسپى سىنىپلىرىغا تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە دەرس بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.

 رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبى: تەبىئىي، يېقىشلىق، ئېسىل سۈپەت.


ماھىرە ئابدۇغېنىماھىرە ئابدۇغېنى



 خاراكتېرى : ئوچۇق يورۇق، تەمكىن

 ھۆرمەتلەيدىغان ئادىمى: ئاتا - ئانىسى ھەم ئۇستازلىرى.

 ياخشى كۆرىدىغان رەڭ : ئاق رەڭ، ھاۋا رەڭ.

 قىزىقىشى: كىتاپ ئوقۇش، يېزىقچىلىق.
 
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دەم ئېلىش شەكلى: ئائىلىدە ئۆز قولى بىلەن تاماق قىلىپ، يولدىشى ھەم بالىسىغا ھەمراھ بولۇش.

 كىيىنىش ئالاھىدىلىكى: ھەرقانداق كەسپىي سورۇندا، رىياسەتچىلىك قىلغان پىروگرامما ياكى كېچىلىكلەردە چوقۇم مىللەتكە خاس كىيىنىش.
ھازىرغىچە رىياسەتچىلىك قىلغان تۈرلۈك  كېچىلىك ۋە پىروگىرامما ئەسەرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

ماھىرە ئابدۇغېنىماھىرە ئابدۇغېنى




مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 69

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 3189 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 5قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-06-17