ئابدۇغەنى ئابلىكىم


‪ئابدۇغەنى ئابلىكىم‬



ئابدۇغەنى ئابلىكىمئابدۇغەنى ئابلىكىم



     ئۈمىدلىك مۇزىكانت، ياش كومپۇزىتور، تالانتلىق ناخشىچى1981- يىلى 4- ئاينىڭ 8 - كۈنى قەدىمىي شەھەر قەشقەردە سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دادىسىنىڭ تەسىرى بىلەن كىچىكىدىنلا سەنئەتكە ئىشتىياق باغلاپ چوڭ بولغان.

     ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۆسمۈرلۇك چاغلىرى ياكى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بالىلىق چاغلىرىدىلا بولمىسۇن، دەرستىن سىرتقى چاغلىرىدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئېلېكتىرونلۇق رويالنى چىلىپ، ناخشا ئېيتىشنى دائىملىق ئادەتكە ئايلاندۇرغان. ئۇ شۇ ئارزۇسى بىلەن 1997 - يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا ئىمتىھان بىرىپ ئۆتۈپ 2000 - يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا نەي كەسپىدە ئوقۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگەن. ئۇ 2000 - يىلدىن ھازىرغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسۇل تىياتىر ئۆمىكىدە ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈش بىلەن بىللە كەسىپداشلىرى ۋە ئۇستازلىرىنىڭ ياردىمى ھەم دادىسىنىڭ بىۋاستە يىتەكلەش نەتىجىسىدە ناخشا ئېيتىش ۋە مۇزىكا ئىجادىيەت جەھەتتە كۆپ تىرىشىپ «سىنى دەيمۇ»، «ياشلىق مەۋسۇمى»، «ئۇيغۇر قىزى»، «سەن بولمىساڭ»، «سېغىنىش»، «ئاشىىقلار سۆيگۈسى»، « سۆيەمسەن دېگىن » قاتارلىق ناخشا-مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىپ ھەم «رەنجىمەيمەن»، «مۇھەببەت»، «يۇرتۇم»، «ھەسرەت» قاتارلىق ئىجادىي ناخشىلارنى ئۆزگىچە ئۇسلۇپ بىلەن سەھنە، تېلىۋىزور، رادىئولاردا ئورۇنلاپ كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئىرىشىش بىلەن بىرگە 2003 - يىلى 10 - ئايدا قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «قەشقەرنى مەدھىيەلەش» ئىجادىي ناخشا مۇسابىقىسىدە ئۆزى ئىجاد قىلغان «ياشلىق مەۋسۇمى» ناملىق ناخشىنى ئورۇنلاپ مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

‪ئابدۇغەنى ئابلىكىم دوستلىرى ئابلاجان ۋە ھەزىرتى ئەلىلار بىلەن بىللە ‪ئابدۇغەنى ئابلىكىم دوستلىرى ئابلاجان ۋە ھەزىرتى ئەلىلار بىلەن بىللە

     2004- يىلى  2- ئاينىڭ  27- كۈنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ مىللىي چالغۇ ئورۇنلاش مۇسابىقىسىدە يالغۇز نەي بىلەن «يايلاقتىكى باھار يامغۇرى» ناملىق مۇزىكىنى ئورۇنلاپ، كەسپىي گۇرۇپپىلار بويىچە مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004- يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك يىڭى ئادەم، يىڭى ئەسەر، يىڭى ناخشا مۇسابىقىسىدە «رەنجىمەيمەن» ناملىق ناخشىنى ئورۇنلاپ، ئاممىباب ناخشا ئېيتىش بويىچە مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.



‪ئابدۇغەنى ئابلىكىم‬ ‪ئابدۇغەنى ئابلىكىم‬

      ئابدۇغەنى ئابلىكىم يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق نامايەن قىلىپ «مىنى چۈشەن» ناملىق‪MTV ,DVD ,VCD ‬ پىلاستىنكىسىنى نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتقاندىن كېيىن، سەنئەت سۆيەر خەلقىمىزنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ ئىجادىيەتتىكى ئۆزگىچىلىكى، ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبىدىكى خاسلىقى بىلەن داۋاملىق تىرىشىپ، تېخىمۇ نادىر ناخشىلارنى خەلقىمىزگە سوۋغا قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. بىز بۇ كۆپ قىرلىق سەنئەتكارنىڭ، ئەجدادلىرىمىز ناخشىچىلىقىغا بىقىنغان ئاساستا ئۆزى ئاشىق بولۇپ، كۆيگەن ھەم سۆيگەن كەسپىدە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ھاياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشۇشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

 


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 18

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 936 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-21