خۇسى رىزال


خۇسى رىزال (1896-1861)، فىلىپپىننىڭ 19 ـ ئەسىردىكى ئەڭ ئاتاقلىق مىللىي شائىرى, تارىخچىسى ۋە يازغۇچىسى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈي ياڭراپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى فىلىپپىن ئېزىلگۈچى خەلقلىرىنىڭ ئويغىنىشى ۋە قوزغىلىشىلىرىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغان ئىدى. بۇ ئۇلۇغ شائىر ۋە يازغۇچىنىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى پاش قىلغان ۋە سۆككەن ئەسەرلىرىگە لۇشۇن ناھايىتى يۇقۇرى باھا بېرىپ: بۇ ئەسەرلەردىن ۋەتەنپەرۋەرلىك «قىساس ئېلىش ۋە قارشىلىق» ساداسى ياڭراپ تۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ۋە بۇ ئەسەرلەردە ئۇرغۇپ تۇرغان «قىزغىن، مەردانە ۋە ھەسرەتلىك» سادالەرنى مەدھىيىلىگەن ئىدى.

11 ياشلىق رىزال، مانىلادىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرى11 ياشلىق رىزال، مانىلادىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرى

فىلىپپىن دۆلەت ئاتىسى-خۇسى رىزال فىلىپپىن دۆلەت ئاتىسى-خۇسى رىزال    

رىزال فىلىپپىن پايتەختى مانىلا ئەتراپىدىكى لاگونا ئۆلكىسىنىڭ كالامبا شەھىرىدە بىر پومىشىچىك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئاتا تەرەپ ئەجدادى جۇڭگولۇق كۆچمەنلەرگە، ئانا تەرەپ ئەجدادى ياپونىيىلىك كۆچمەنلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. خۇسى رىزال باياشات ئائىلىدە چوڭ بولغان بولۇپ ئۇ چوڭ بولغان چاغلار فىلىپپىن ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ نەچچە يۈز يىل بولغان، فىلىپپىنلىقلار گەرچە ئىسپانلارنىڭ دىن، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاللىبۇرۇن ئىسپانلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمايدىغان ھالغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما فىلىپپىننىڭ نامرات ۋە قالاق ھالىتى، ئىسپانلارنىڭ فىلىپپىنلىقلارغا قاراتقان تەڭسىز سىياسىتى ئاللىبۇرۇن فىلىپپىندا بىر بۆلۈك ۋەتەنپەرۋەرلەرنى يېتىشتۈرگەن چاغلار ئىدى. كىچىكىدىنلا كۈچلۈك فىلىپپىن ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ تەسىرىگە يولۇققان خۇسى رىزال تېخى 9 ياش چېغىدىلا ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسىياتىغا تولغان «بىزنىڭ ئانا تىلىمىز» ناملىق داستانى بىلەن كىشىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرغان ئىدى.

ئىسپانىيە ئىنقىلاب ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى (سولدىن رىزال) 1890-يىلئىسپانىيە ئىنقىلاب ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى (سولدىن رىزال) 1890-يىل
1876 ـ يىلى، رىزال مانىلادا ئىيېزۇئىتلار جەمئىيىتى ئاچقان مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا مىللى ئازاتلىق كۈرىشىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىجتىمائىي ـ سىياسىي ھەرىكەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشنى باشلايدۇ. 1879-يىلى، ئۇ مانىلادىكى سېنت فوما ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە ئوقۇۋاتقان چېغىدا، بىر قاتار ئىلغار شېئىرلارنى يازغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن «فىلىپپىن ياشلىرىغا» دېگەن شېئىرى شۇ زاماندىكى زىيالىلار ئارىسىدا ناھايىتى زور ئىنكاس پەيدا قىلغان. رىزالنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرى ئۆزىنىڭ چوڭقۇر ئىدىيىۋىلىگى ۋە يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىكى بىلەن كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيى پائالىيەتلىرى مىللى مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئازاتلىق ھەرىكەتلەر بىلەن چەمبەرچەس باغلانغاچقا، ئۇ ئۆمۈر بويى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىگىگە ئۇچراپ كەلگەن. 1882 ـ يىلى، فىلىپپىندىكى ئىسپان ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قاتمۇقات نازارەت ۋە سوراقلىرىدىن بىزار بولغان رىزال ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ، ياۋروپاغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ ۋە مادرىد ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېدىتسىنا ۋە پەلسەپە ساھەسى بويىچە ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ياۋروپا ئەللىرىگە بېرىپ ساياھەت قىلىدۇ. ئۇ بۇ مەزگىلدە ۋەتىنىدىن يىراق جايلاردا يۈرسىمۇ، لېكىن فىلىپپىن خەلقىنىڭ كۈرىشىنى ۋە مىللىي تەقدىرىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىدىن چىقارمايدۇ، ئۇ مۇھاجىرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى سۆكىدۇ، مۇناستىرلارنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىدۇ ۋە فىلىپپىن مىللەتلىرىنىڭ ئىپتىخارىنى ئىزھار قىلىدۇ. تەشۋىقات تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ھارماي ـ تالماي شۇغۇللىنىدۇ.
1887 ـ يىلى ئۇنىڭ «ماڭا چېقىلىشما» دېگەن تۇنجى رومانى بېرلىندا دۇنياغا تونۇلىدۇ. مىللىي ئازاتلىق ئىدىيىسىنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان بۇ ئەسەر ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىكى قاتتىق شىكايەت ئىدى. ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى ئىۋالا ۋەتەن قۇتقۇزۇش يولىنى ئىزلەپ ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، ياۋروپاغا چىقىپ ئوقۇيدۇ. ئۇ يەتتە يىل ئوقۇپ فىلىپپىنگە قايتىپ كەلگىنىدە، دادىسىنىڭ ئىسپانىيىلىك پوپ دامۇسنىڭ زىيانكەشلىگى بىلەن تۈرمىدە ئۆلگەنلىگىنى ئۇقىدۇ. ئىۋالا دادىسى ئۈچۈن قىساس ئېلىشقا ۋە «مائارىپ يولى بىلەن ۋەتەننى قۇتقۇزۇش» يولىغا مېڭىشقا بەل باغلايدۇ. ئۇ مال ـ دۇنياسىنى سېتىپ، مەكتەپ سالدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق خەلقنى ئويغاتماقچى بولىدۇ. لېكىن ئۇ ھەممىلا يەردە دامۇس ۋەكىللىگىدىكى «خوجايىن» لارنىڭ زەربىسىگە ۋە زىيانكەشلىگىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ غايىسى دەپسەندە قىلىنىپ ئۆزى تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ئۇ شەپقەتسىز رىياللىقتىن مۇتىھەملىككە مەدەنىيەت ئارقىلىق تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، «زوراۋانلىق يوللۇقتۇر» دېگەن سەپسەتىنىڭ جىنايىتىنى تونۇۋالىدۇ ـ دە، «كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ»، مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائىي «زەھەرلىك بەز» نى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشقا بەل باغلايدۇ. ئۇنىڭ مەشۇغى مارىيا كېلىيا ئاتاقتا بىر باينىڭ قىزى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پوپ دامۇسنىڭ ھارام بىنا قىزى ئىدى. دامۇس توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇش بانىسى بىلەن ئىۋالانى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. ۋەتىنىنى ئىسپانىيىنىڭ نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيانقى مۇستەملىكىسىدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن قەھرىمانە كۈرەش قىلغان قەيسەر جەڭچى، ئىۋالانىڭ سادىق دوستى ۋە دەپدىشى ئېلىياس ئۇنىڭ تۈرمىدىن قېچىپ چىقىشىغا ياردەم قىلىدۇ. رومان ئىۋالانىڭ ياقا يۇرتلاردا غۇربەتچىلىكتە يۈرۈشى بىلەن ئاياقلىشىدۇ. ئېلىياس ئىۋالانى تۈرمىدىن قاچۇرۇش يولىدا ئۆزى ئېغىر يارىدار بولىدۇ. ساقچىلارنىڭ ئىۋالانىڭ ئىزىغا چۈشۈۋالماسلىغى ئۈچۈن، ئۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۆزىنى ئۇستىلىق بىلەن ئىۋالا دەۋالىدۇ. مارىيا كېلىيا ئىۋالانىڭ «ھالاك» بولغانلىغىنى ئۇقسىمۇ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ۋاپادارلىقىنى بىلدۈرۈپ، باشقىلار بىلەن توي قىلىشقا ئۇنىماي، ئاخىرى مۇناخ بولۇپ كېتىدۇ.
1892 ـ يىلى، رىزالنىڭ «ئىسيانكار» ناملىق ئىككىنچى رومانى بىلگىيىدە نەشر قىلىنغان. بۇ رومان «ماڭا چېقىلىشما» نىڭ داۋامى بولۇپ، بۇ روماندا ئىۋالانىڭ ئىسمىنى سېيمونغا ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكا قىتئەسىدىن قايتىپ كەلگەنلىگى، «جانغا جان، قانغا قان» ئېلىش ئۈچۈن، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن تىغمۇ ـ تىغ كۈرەش ئېلىپ بېرىشقا بەل باغلىغانلىقى، لېكىن، ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرمىگەنلىگى ئۈچۈن، بىر نەچچە قېتىملىق تېرورلۇق ھەرىكەتلەردە مەغلۇپ بولۇپ، ئەڭ ئاخىرى قاقاس دېڭىز ساھىلىدا زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ ئەسەر سىياسىي جەھەتتىن «ماڭا چېقىلىشما» غا قارىغاندا تېخىمۇ يېتىلگەن. ئەگەر بىرىنچى روماندا ئىنقىلابىي ئىدىيىلەر ۋاستىلىق ئىپادىلەنگەن دېيىلسە، ئىككىنچى روماندا قوراللىق كۈرەشكە بىۋاستە دەۋەت قىلىنغان. لېكىن بۇ ئەسەرمۇ دەۋر ۋە يازغۇچىنىڭ مەيدانىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇنىڭدا ئاممىۋى خاراكتېرلىق خەلق ئىنقىلابىي كۈرىشى بىلەن ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ مەخپى سۈيىقەستلىك ھەرىكەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئېنىق قويۇلمىغان.
رىزال ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەيداندىكى سۈرەترىزال ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەيداندىكى سۈرەت
1892 ـ يىلى 6-ئايدا، رىزال فىلىپپىنگە قايتىپ كېلىدۇ. 7 ـ ئايدا« فىلىپپىن ئىتتىپاقى» دېگەن سىياسى تەشكىلاتنى قۇرىدۇ. ئاز كۈن ئۆتۈپلا مۇستەملىكىچىلەر ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، مېلىنلاۋ ئارىلىدىكى تاشقىرى بىلەن ئالاقە قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان داۋىدەن قورغىنىغا سۈرگۈن قىلىدۇ. 1896 ـ يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى بونىفاشۇ رەھبەرلىگىدىكى داڭلىق «كادپونان» قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، 30 ـ دېكابىردا رىزالنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئېتىۋېتىدۇ. فىلىپپىن خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى ۋە يازغۇچىسى رىزال گەرچە دۇنيادىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقنىڭ قەلبىدە ھايات. فىلىپپىن خەلقى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ھەر يىلى رىزال ۋاپات بولغان بۇ كۈننى «رىزال كۈنى» قىلىپ مەملىكەت بويىچە مۇھىم بايرام سۈپىتىدە خاتىرىلەپ كېلىۋاتىدۇ. فىلىپپىنىڭ پۇلىدا رىزالنىڭ سۈرىتى بار. فىلىپپىننىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرستىمۇ ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىمۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش زۆرۈر بولغان كىتاپلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. رىزال قەدەم قويغان فىلىپپىندىن تارتىپ، سىنگاپور ۋە پېرۇغا قەدەر بولغان جايلاردا ئۇنىڭ ھەيكىلى بار.

رىزالنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان نەق مەيدان سۈرىتىرىزالنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان نەق مەيدان سۈرىتى









پاتىگۈل مىجىت تەرجىمىسى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 603 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 6قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-22