داۋىد كامېرون

داۋىد كامېرون 1966-يىلى 9-ئۆكتەبىر لوندوندا بىر باي ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى پايچېكى ۋاسىتىچىسى، ئاپىسى بولسا ئامانلىق سودىيىسى. كامېرون ئالدى كەينى بولۇپ ئېيدېن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقىغان. ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ۋاقىتتا پەلسەپە، سىياسەتشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرىدە بىرىنچى دەرىجىلىك پەخرىي ئىلمىي ئۇنۋان ئالغان.

داۋىد كامېرونداۋىد كامېرون


داۋىد كامېرون 1966-يىلى 10-ئاينىڭ9-كۈنى ئەنگىلىيە پايتەختى لوندوندا تۇغۇلغان. ئوكسفورد ئۇنىۋېرستىنىڭ پەلسەپە سىياسى ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان.
 2010-يىلى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بولۇپ سايلانغان.كامېرون دۇنيادىكى داڭلىق پايچىك مەبلەغ سالغۇچىسى دونالد كامېروننىڭ كەنجى ئوغلى، ئانا جەمەتى ئەنگىلىيەنىڭ ۋىكتورىيەدىن بۇرۇنقى پادىشاھى ۋىلىيام IV كە تۇتىشىدۇ. ئاتا جەمەتى بولسا شوتلاندىيە ۋە ۋېلىس قان سېستىمىسغا تەۋە. 
   داۋىد كامېرون ئاكسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يەنە كېلىپ ئوتتۇرا مەكتەپتە شاھزادە ئېدۋارد ۋە شاھزادە ئاندرى بىلەن ساۋاقداش ئوقۇغان بولۇپ، مەيلى ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە ئۆسۈش مۇھىتىدىن بولسۇن، ئەنگىلىيە يۇقىرى قاتلام سىياسىيونلىرى بىلەن ناھايىتى بالدۇرلا تونۇشقان.ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان يىلى نەشە چەككەنلىكى سەۋەبىدىن مەكتەپتىن قوغلىنىپ كېيىن 500بەتلىك تەكشۈرۈشنامىسى بىلەن مەكتەپكە قايتىپ كەلگەن.1984-يىلى ئاتىسىغا ئەگىشىپ شاڭگاڭ، سوۋېت ئىتىپاقى قاتارلىق جايلاردا خىزمەتتە بولغان.1988-يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ باش شتابىغا خىزمەتكە چۈشكەن.

   داۋىد كامېرون 1991-يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى سىياسەت تەتقىقات بۆلۈمى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان، 1992-يىلىدىن 1994-يىلغىچە مالىيە ۋەزىرى ۋە كابېنت ۋەزىرىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى بولغان. 2001-يىلى ئۇ تۇنجى قېتىم پارلامېنت تۆۋە پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 2003-يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدىكى مۇئاۋىن رەھبىرى، لىبورېستلار پارتىسيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت مالىيە ئىشلىرى باياناتچىسى بولغان، 2004-يىلى مائارىپ ۋەزىرى بولغان، 2005-يىلى دېكابىردا لىبورېستلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى بولغان.
2010-يىلى مايدا ئەنگلىيەدە چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلدى. لىبورېستلار پارتىيەسى بىلەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرغان، كامېرون باش ۋەزىر بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كامېرون ئەنگلىيەنىڭ 200يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياش باش ۋەزىرى بولۇپ قالغان.

2007-يىلى دېكابىردا، كامېرون لىبورېستلار پارتىيەسى رەھبىرى سۈپىتىدە ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن. 2010-يىلى نويابىردا كامېرون ئېلىمىزگە رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن.
كامېرون ئايالى سامانسا بىلەن 1996-يىلى توي قىلغان بولۇپ، 2010-يىلى سېنتەبىردە ئۇلار بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان.

«چوڭ جەمئىيەت ھەرىكىتى»گە باشلامچىلىق قىلىش
كامېرون باش ۋەزىر سايلىمىغا قاتناشقاندا تۇنجى بولۇپ«چوڭ جەمئىيەت ئۇقۇمى»نى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدا ئاساسلىقى خەلق ئاممىسى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ، تېخىمۇ چوڭ تېخىمۇ كۈچلۈك جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان. كامېروننىڭ تەكلىپى بويىچە، ھۆكۈمەت مەخسۇس«چوڭ جەمئىيەت بانكىسى» ئارقىلىق، ۋاقتى 15 يىلدىن يۇقىرى بولغان بانكا ئامانىتىدىكى نەچچە يۈز مىليون فونېستېرلىڭنى ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرىغا ئاجرىتىپ ، ئۇلار ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى ھۆكۈمەت تەمىنلىيەلمىگەن ياكى ئۈنۈمى ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمىغان ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتكەن. «چوڭ جەمئىيەت بانكىسى» «چوڭ جەمئىيەت» ئۇقۇمىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 2011-يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ يۈرگۈزۈلگەن. 2010-يىلى 19-ئىيۇل، كامېرون لېۋىرپولدا تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق ۋە مەبلەغنى ھۆكۈمەت مەھەللە، خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرى ۋە خەلق ئاممىسىغا ئاجرىتىشىنى پىلانلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئۆزى تەشەببۇس قىلغان « چوڭ جەمئىيەت ھەرىكىتى»نى رەسمىي باشلىغان.

دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى نۇتۇقلىرى
2010-يىلى نويابىردا، كامېرون ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى تۇنجى مۇھىم نۇتقىنى ئېلان قىلىپ، «سودا ھېرىسلىقى»نى تەشەببۇس قىلغان. كامېرون نۇتقىدا، ئەنگلىيە دىپلوماتىيە سىياسىتى تېخىمۇ ھەقىقىي، ئىستىراتىگىيلىك ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 456 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-08-28