دوغاپ



 دوغاپ



خوتەندىكى دوغاپچى يىگىتخوتەندىكى دوغاپچى يىگىت


    ئەمگەكچان، باتۇر، ئەقىل-پاراسەتلىك خەلقىمىز پىژغىرىم ئىسسىقتا تەشنالىقىنى، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدىغان، تەنگە راھەت، جانغا ھۇزۇر بېغىشلايدىغان تەبىئىي ئىچىملىكلەرنى ئىختىرا قىلغان. دوغاپ ئەنە شۇ ئىچىملىكلەر خەزىنىسىنىڭ گۈلتاجىسى سۈپىتىدە ئۇزاق زامانلاردىن بېرى خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىچىشىگە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان تەبىئىي ئىچىملىكلەرنىڭ بىرى.

  دوغاپچىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا خېلى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان كەسىپلەرنىڭ بىرى. مەركىزىي شەھەرلەردىن تارتىپ يېزا – قىشلاقلارغىچە دوغاپچىلىق قىلىۋاتقانلارنى، دوغاپ ئىچىۋاتقانلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. دوغاپنىڭ ئىختىرا قىلىنىشى مېۋە-چېۋە، كۆكتات، گۆش شۇنىڭدەك تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى سوغۇق ساقلاش ئامبىرى بولغان مۇزخانىنىڭ ئىختىرا قىلىنىشى ۋە ئۇنى ئىشلىتىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

  مۇزخانا ئادەتتە قۇرغاق، تۇپرىقى قاتتىق يەرگە كولىنىدۇ. ئۇ يەر يۈزىدىن ئۈچ، تۆت مېتىر چوڭقۇرلۇقتا، كەڭلىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تۆت، بەش مېتىر بولسىمۇ ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ-كىچىك قىلىپ كولانسىمۇ بولىدۇ. مۇزخانىنىڭ ئاستىغا، تۆت تەرىپىگە ياغاچلار تىزىلىدۇ. بۇ مۇز پارچىلىرىنىڭ ئېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈستى ئۆيگە ئوخشاش يېپىلىدۇ ھەمدە قېلىن توپا بىلەن كۆمۈلىدۇ. مۇزخانىنىڭ ئۈستىگە كۈن نۇرىنى ئۆتكۈرمەيدىغان، ئىسسىقلىق تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان نەرسىلەر قويۇپ قويۇلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مۇزخانىنى ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بىر نەچچە بۆلەككە بۆلۈپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئادەتتە مۇزخانىنىڭ ئەتراپىغا قىش پەسلىدە پاكىز كۆللەردە، چوڭ ئېرىق – ئۆستەڭلەردە تۇتقان قېلىن مۇزلار پارچىلاپ قاچىلىنىدۇ. ئوتتۇرسىغا كۆكتات، مېۋە – چېۋە، گۆش ۋە ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدىغان نەرسىلەر قويۇلىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ھازىرقىدەك توڭلاتقۇ بولمىغان شارائىتتا سوغۇق ساقلاش ئامبىرى بولغان مۇزخانىنى ئىختىرا قىلىپ ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان.

  خەلقىمىز مۇزنى ئاساسىي خام ئەشيا قىلغان ھالدا ئۆز رايونىدىكى يەرلىك مەھسۇلاتلاردىن قېتىق، قايماق، شىرنە-شەربەتلەر ئارقىلىق ئۆزگىچە تەمگە ئىگە ئىچىملىكلەرنى، يەنى دوغاپ، قادا قاتارلىقلارنى ياسىغان. مۇز پارچىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، قوشۇلغان خۇرۇچلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن دوغاپنى ساراڭ دوغاپ، شىرنە دوغاپ، قايماق دوغاپ، كاشكاپ دوغاپ، شەربەت دوغاپ قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

  مۇزنى كىچىك ھەرە تىغىدا قىرىپ، قاردەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قادا ياسىلىدۇ، قادا ئادەتتە دوغاپقىمۇ سېلىنىدۇ. قادىنى قايماق قېتىق قادا، ساراڭ قادا قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

  1. ساراڭ دوغاپ- قاچىغا قادا، چوڭ-چوڭ مۇز پارچىلىرى سېلىنىپ، ئازا مىقداردا سۇ قۇيۇلۇپ، ئاندىن قېتىق بىلەن شىرنە ياكى شەربەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئېتىلىدۇ.

  2. شىرنە دوغاپ-ئۈزۈم شىرنىسىدە ئېتىلىدۇ.

      3. قېتىق، قايماق دوغاپ- قادا بىلەن مۇز پارچىسىغا، قايماق قېتىق ياكى قايماق قوشۇپ ئېتىلىدۇ.

      4. كاشكاپ دوغاپ- گۈلە، قاق، جىگدە، چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق يەل-يېمىشلەرنى پۇراقلىق دورا-دەرمەككە چىلاپ تەمى چىققان سۈيىدە ئېتىلىدۇ.


   5. شەربەت دوغاپ-تۈرلۈك شەربەتلەردە ئېتىلىدۇ.

   تەبىئىي مۇزدا مېنىرال تەركىبلەر مول بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ناھايىتى پايدىلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبىئىي مۇزنىڭ تەننەرخى ئەرزان. گەرچە پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەرخىل كۆركەم بوتۇلكىدىن ئىچىملىكلەر ئىشلەپچىقىرىلغان بولسىمۇ، دورغاپ يەنىلا تەبىئىيلىكى، دورىلىقى، ئۇسسۇزلۇقىنى باسىدىغانلىقى بىلەن ھازىرغىچە كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان ئىچىملىك بولۇپ كەلمەكتە. 


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 516 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 5قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-23